|
|
|
|
شەخسنىڭ ھاياتى
ئىسلام ئابدۇغەنىيوۋىچ كەرىموۋ 1938-يىلى 30-يانۋار سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۆزبېكىستانلىق تاجىكلاردىن. ئۇ كىچىكلا يىتىم قالغاچقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قۇتقۇزۇس مەركىزىگە قاراشلىق دارىلتامدا چوڭ بولغان. كېيىن تاشكەنتتە قۇرۇلۇش كەسپى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى ئۆگىنىپ، 1964-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى يۈك ئايرۇپىلانى ياساش زاۋۇدىا تېىنىك بولۇپ ئىشلىگەن. 1966-يىلى زاۋۇدنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى 1967-يىل ئاخىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ سانائەت پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى بولغان. 1983-يىلى ئىسلامكەرىموۋ ئۆزبېكىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1986-يىل ئۆزبېكىستان پىلان كومىتېتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە ئۆزبېكىستان قاشقادەريا ئوبلاستى كومپارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى باشلىقى بولغان.
1989-يىلى، كېرىموف ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇنجى سېكىرتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزدېنتلىقىغا سايلانغان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، كېرىموف ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەمدە شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى پىرىزدېنت سايلىمىدا %86 بېلەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئەمما ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، تاشقى دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆز بويامچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن. مەسىلەن، دۆلەت ماشىنىسى ئارقىلىق سايلام ئۆتكۈزدى ھەمدە سايلام بېلىتى سانىنى مەقسەتلىك ھالدا كۆپتۈرۈپ كۆرسەتتى دېگەندەك. گەرچە ئۆكتىچىلەر تەرەپتىنمۇ سايلام نامزاتلىرى بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان بولسىمۇ، سايلام ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كەرىموۋ باشقىچە پىكىردىكى ئەربابلارغا بېسىم چۈشۈرۈشكە ۋە سىياسىي زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈرمىگە سولىغان بولسا، بەزىلىرىنى سىرتقا سۈرگۈن قىلدى.
1995-يىلى، كەرىموۋ ئومۇمىي خەلقنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ۋەزىپە ۋاقتىنى 2000-يىلىغىچە ئۇزارتقان، ئەمما بۇ قېتىمقى ئومۇمىي قارار سىرتقى جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ يەنە ئومۇمىي سايلامدا %91.9 بېلەتكە ئېرىشكەن. ئامېرىكا بۇ قېتىملىق سايلامنى «ئەركىن بولمىغان، ئادىل بولمىغان، سايلىغۇچىلارنىڭ سايلاش ھوقۇقى بولمىغان» سايلام دەپ ئەيىبلىدى. ئۆكتىچىلەر تەرەپتىن بولغان بىردىنبىر سايلام نامزاتى ئابدۇلئەزىز دىزخالولوپمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىشىنىڭ پەقەت بىر شەكىل ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بېلىتىنىمۇ كېرىموفقا تاشلىغانلىقىنى، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغان.
2002-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، كېرىموف يەنە ئومۇمىي خەلق قارارى ئارقىلىق، پىرىزدېنتلىق ۋەزىپە مۇددىتىنى بەش يىلدىن يەتتە يىلغا ئۇزارتىپ، ئەسلىدىكى 2005-يىل ئاخىرىدا تامام بولىدىغان ۋاقىتنى، 2007-يىلى 12-ئايغىچە ئۇزارتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن سايلام ئۆتكۈزىدىغان قىلغان بولسىمۇ سايلام ئۆتكۈزمىگەن.
جەمئىيەت باھاسى
كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە، كەرىموۋ خەلقئارا تەنقىدلەرگە بەك كۆپ ئۇچرىغان. ئەنگىلىيىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېرىگ مۇرراي، كېرىموفنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى «كىشىلەرنى تىرىك ھالدا دۈملىۋېتىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. ب د ت مۇ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەدلىيە سېستىمىلىرى چىرىكلەشكەن دەپ ئەيىبلىگەن. ئۆزبېكىستاننىڭ خەلقارا سەھنىلەردە ئاساسەن دوستى يوق. كەرىموۋمۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەپ جۇڭگۇ ۋە رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتكە چىقمايدۇ. ئەمما ئامېرىكا پىرىزدېنتى جورجى بوش ، ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ تىرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى ھەربىي ئىشلار سىتىراتىگىيىسىگە ماس كېلىدۇ دەپ قاراپ كەرىموۋ بىلەن قول تۇرۇشۇپ دوستلۇق ئورناتقان،كەرىموۋ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام كۈچلىرىگە قارشى تۇرىدىغان سادىق چوماقچىسى سۈپىتىدە خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ كېرىموۋ مۇستەبىتلىكى ۋە ھوقۇقىنىڭ ھالقىپ كېتىشىگە قارىتا ئەيىبلىشى يوق دېيەرلىك ، بۇ ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. كەرىموۋنىڭ باستۇرۇش خاراكتىرىدىكى مۇستەبىت سىياسىتى دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جانلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان. كەرىموۋ خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئىسلام ئەسلىيەتچى كۈچلىرىگە بولغان پايدىلىنىپ دۆلىتىدىكى ھەر قانداق بىر ئۆزىگە قارشى كۈچنى ئىسلامى تېرورچى دەپ قارىلاپ ئۆكتىچىلىرىگە ۋە پارىخورلۇق، چېرىكلىككە قارشى تۇرغۇچىلارغا يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قەستلەش ھەركەتلىرىنى ئىزچىل ئېلىپ بارغان. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىدىكى ئىككى رەھبەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، 2005-يىلى ئەنجن قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلىپ 500دىن ئارتۇق پۇخرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن خەلق رەھبەرلىرى، زىيالىلار ، دىنى خادىملار يوقاپ كەتكەن ياكى مەخپى تۈرمىلەرەە سولانغان.
كېرىموۋنىڭ دەسلەپكى ئايالى ناتالىيا پېتروۋنا كۇچمى رۇس بولۇپ ئۇنىڭدىن پىيۇتېر ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.(بۇ ئوغلى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىسمىنى رۇستەمگە يۆتكىگەن بولۇپ ھازىر رۇسىيەدە) . 60-يىللاردا ئايالىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن كەرىموۋ ئىككىىنچى ئايالى يەنى ھازىرقى رەپىقىسى تاتىيانا ئەكبەروۋنا كېرىموۋ بىلەن توي قىلغان، تاتىيانا بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئىككى قىزنى ۋە ئۈچ نەۋرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان. چوڭ قىزى گۇلنارە كەرىموۋا 1972-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ئۆزبېكىستان كۆچمە ئالاقە شىركىتى ۋە ئۆزبېكىستان سىمونت زاۋۇتىنىڭ باشلىقى، ناخشىچى ، كىيىم لايىھەلىگۈچى ... ئۇنىڭ تاشكەنتتە بىر كېچىلىك كۇلۇبى ۋە سەنئەت ئەترىتى بار بولۇپ ئىزچىل كەرىموۋنىڭ ئىزباسارى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
كەرىموۋنىڭ ئىككىنچى قىزى لالە كەرىموۋا تىللايىۋا 1978-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ئۆزبېكىستاننىڭ « يالغۇز ئەمەسسەن» نامىدىكى خەيرى ساخاۋەت ئورگىنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە، ساخاۋەت داۋالاش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
كەرىموۋ ئىلگىرى 1992-يىلى 3-ئايدا، 1994-يىلى 10-ئايدا ۋە 1999-يىللىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. 2005-يىلى 5-ئايدا مەملىكىتىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2008-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭغا كېلىپ، 29- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
ەنب:ەhttp://xjuz.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1579
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فاتىھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 09:13 PM
|
|
|
|
|
|