تېخى
مۇھەممەتچان راشىدىن
ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى.
ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن،
زاغرا ئىزدەپ يۈرەمسەن تېخى.
ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا،
يامان بولساڭ ئامەت قېشىڭدا.
سىقما سىقماي ئەتكەن ئېشىڭدا،
كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى.
ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچە،
بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكۈچە.
ئىشىكىڭنى تەلەي چەككۈچە،
تالاي خىيال سۈرىسەن تېخى.
ھەر كىم بەلكى سېخى مەرت ئەمەس،
لېكىن دۇنيا تامام دەرت ئەمەس.
كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرت ئەمەس،
تالاي ئويناپ كۈلىسەن تېخى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 01:38 PM