|
|
|
|
مەزكۇر فىلىم 2012-يىلى 12-ئايدا چىققان؛ ھىندىستان ئىشلىگەن؛ فىلىم تىلى: ھىندى تىلى؛ ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوغۇزنامە»نىنى ئوقۇغان. قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىنى ئاڭلىغان، يەنە چىن تۆمۈر باتۇر داستانىنى ھەممىمىز بىلىمىز. دۇنياغا داڭلىق بولغان داستانلار ئىچىدە ھىندىلارنىڭ ماخابخاراتا داستانى ۋە رامايانا داستانىمۇ بار. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتىمدا تارىخ دەرىسىدە ھىندىلارنىڭ مەزكۇر داستانىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن، بىراق ئۇنى ئوقۇپ باقمىغان. ئاخىرى، بۇ مەشھۇر داستان بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. تورداشلار بىلەن بىللە بەھىر لىنەيلى دېگەن نىيەتتە مەزكۇر داستاننى سىلەرگە سۇنماقچى؛ سېلىنغان مەبلەغمۇ خېلى كۆپ ئىكەن، ياخشى ئىشلەپتۇ. مەزكۇر فىلىمدە سۈن ۋۇكۇڭدەك مايمۇنلار چىقىدىكەن، ئۇلارنىڭ چىمەنتاغدەك خاندانلىقىمۇ بار ئىكەن. فىلىمنى كۆرۈۋىتىپ غەربكە ساياھەت رومانى يادىمغا كېلىپ قالدى. بۇ فىلىمدىكى نۇرغۇن ئوبرازلار غەربكە ساياھەت رومانىدىكى ئوبرازلار بىلەن ئوخشاش ئىكەن. رامايانا داستانى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئەجىبا غەربكە ساياھەت رومانىنى يازغان ۋۇ چېڭئىن ھىندىلارنىڭ رامايانا داستانىدىن ئېلھام ئالغانمۇ؟ فىلىمنى كۆرگەچ سىزمۇ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. فىلىم ئىنتايىن سۈزۈك. سۈزۈكلۈكى 1280 پىكسىل؛ چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://10kino.cn/?p=328 مەنبە: http://10kino.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوڭقۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 09:49 AM
|
|
|
|
|
|