< قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس > دېگەنلەرگە رەددىيە
تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەزىز بۇھەجلە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرەك
بەزىلەر : < قۇرئان مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام ) نىڭ سۆزى > دىسە ، يەنە بەزىلەر ئۇنى < مۇھەممەدكە شەيتان ئۆگەتكەن > دەيدۇ ، يەنە بىرسى < جىننىڭ سۆزى > دىسە ، بەزىلەر ئۇنى < قۇرئاننى توپلىغان ساھابىلارنىڭ سۆزى > دەيدۇ.
ئەمما مەن باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا قۇرئاننى < ئاللاھنىڭ كالامى > دەيمەن، ۋە بۇ سۆزۈمنى تۆۋەندە ئىسپاتلايمەن .
1- ( قۇرئان مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام > نىڭ سۆزى) - بۇ كاپىرلار ئەڭ تالاش- تارتىش قىلىدىغان مەسىلە، شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنى تەپسىلى بايان قىلىمەن .
1- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام ) يازغان بولسا، ئۇ نىمىشقا ئۆزىگە بىۋاستە خىتاب قىلىدۇ؟
{ وَقُلِ اعْمَلُواْ فَسَيَرَى اللّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ وَالْمُؤْمِنُونَ وَسَتُرَدُّونَ إِلَى عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ } التوبة 105
تەرجىمىسى : (ئى مۇھەممەد) ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى : < (خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار ، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ ، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ( نەرسىلەر) نى بىلگۈچى ( ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر ، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ > ( سۈرە تەۋبە 105 - ئايەت )
قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام ) نىڭ سۆزى بولغان بولسا ئۇ كىشىلەرگە بىۋاستە خىتاب قىلغان بولاتتى. دېمەك بۇ - قۇرئاننى پەيغەمبىرىمىزگە ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىغا دەلىل .
2- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ( ئەلەيھىسسالام ) يازغان بولسا نېمە ئۈچۈن قۇرئان بىلەن ھەدىس بىر كىتاب قىلىنمايدۇ ؟ ۋەھالەنكى خىرىستىئانلارنىڭ كىتابى ئىنجىل بولسا- ئىيسا ( ئەلەيھىسسالام ) نىڭ سۆزلىرى ۋە ئىش پائالىيەتلىرى تۇلۇق بايان قىلىنغان بىر تەرجىمىھال كىتاپ ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم، لېكىن قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى تامامەن بايان قىلغان ئەمەس، ئەگەر بايان قىلىش توغرا كەلسە، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان سۆزلىرى توغرۇلۇق ۋە ئۇنىڭ قەۋملىرى توغرۇلۇق ۋە ئۆز قەۋمىگە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە- پرىنسىپ ۋە شەرىئەت- ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى توغرۇلۇق، ياكى- باشقا قەۋملەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن- پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ .
3- ھېچقانداق بىر ئادەم ئۆزىنى ئەيىبلەپ كىتاب يازمايدۇ .
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : < عَبَسَ وَتَوَلَّى, أن جآءهُ الأعمى > تەرجىمىسى : < يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى> ( سۈرە ئەبەسە 1 - 2 - ئايەت )
ھەتتا < ئۆزىنى ئەيىبلىدى> دېگەن تەغدىردىمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى خىتاب ئۈچىنچى شەخس ئېنىقسىز ھالەتتە كېلىدۇ؟ ئەگەر قۇرئان كەرىمنى پەيغەمبىرىمىز يازغان بولسا ئەسلى < عَبَسَتُ وَتَوَلَّيتُ > يەنى <تەرىمنى تۈردۈم ۋە يۈزۈمنى ئۆرۈۋالدىم> دەپ بىرىنچى شەخس ئېنىق ھالەتتە كېلىشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ .
4- بەزىلەر< قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد(ئەلەيھىسسالام) 23 يىل جەريانىدا يېزىپ چىققان> دەيدۇ . لىكىن بەزى چاغلاردا قۇرئان بىرەر مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپ دەرھاللا نازىل بولاتتى . مەسىلەن : يەھۇدىلار پەيغەمبىرىمىزدىن (زۇلقەرنەين) توغرۇلۇق سورىغاندا، ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلغان : {وَيَسْأَلُونَكَ عَن ذِي الْقَرْنَيْنِ قُلْ سَأَتْلُو عَلَيْكُم مِّنْهُ ذِكْراً } الكهف83 . تەرجىمىسى : <ئۇلار ( يەنى يەھۇدىلار ) سەندىن زۇلقەرنەيىن توغرۇلۇق سورىشىدۇ . < سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسىسىنى ۋەھىي ئاساسىدا بايان قىلىمەن > دېگىن>(سۈرە كەھف 83 - ئايەت)
يەنە ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھاراق ۋە قىمار توغرۇلۇق پەتىۋا سورىغاندا ، ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلغان: {يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ كَذَلِكَ يُبيِّنُ اللّهُ لَكُمُ الآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ} البقرة 219
تەرجىمىسى: < ( ئى مۇھەممەد !) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا < بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنە ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ > دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، < (ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار) دېگىن. (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ . > (سۈرە بەقەرە 219 - ئايەت)
2 - بەزى كىشىلەر (قۇرئان شەيتاننىڭ سۆزى) دەيدۇ. بۇ ئەڭ كۈلكىلىك گەپ بۇلۇپ، بۇ سۆزنى نادانلىقتا چېكىگە يەتكەن ئادەملەرلا دەيدۇ.
1- ئەگەر قۇرئان شەيتاننىڭ سۆزى بولسا ئۇنداقتا نىمىشقا ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنى سۆكىدۇ؟ ھەتتا ئۆزىگە لەنەت قىلىدۇ؟
2- يەنە نىمىشقا قۇرئاندا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟
3- ئەگەر مەن شەيتاننىڭ ئورنىدا بولسام، ئاللاھ مېنى ئادەم (ئەلەيھىسسالام) غا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا ئۇنى رەت قىلغانلىقىمدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى قۇرئاندا كەلتۈرمىگەن بولاتتىم.
3 - يەنە بەزى كىشىلەر (قۇرئان جىننىڭ سۆزى) دەيدۇ.
1- جىنلار ئىنسانلارغا كىتاپ يېزىپ بەرسە ئۇلارغا نېمە پايدىسى بار؟
2- ئەگەر ئۇلارغا پايدىسى بار دېگەندىمۇ، نېمە ئۈچۈن قۇرئان مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) غىلا ئالاقىدار بولىدۇ.
3- جىنلارنىڭ قۇرئاندىكى ناماز، روزا، زاكات، زىنانىڭ تەپسىلاتلىرى، تالاقنىڭ تەپسىلاتلىرى ...................... قاتارلىق شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
4 - ئەمدى (قۇرئان ساھابىلارنىڭ سۆزى) دېگەن سەپسەتىگە كەلسەك:
1- ئەگەر قۇرئاننى ساھابىلار يازغان بولسا ئەلۋەتتە ئىنجىلغا ئوخشاش پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئىش- ئىزلىرىنى ئۇنىڭغا كىرگۈزسە بولاتتى، قۇرئان بىلەن ھەدىسنى بىر توپلام قىلىپ، ئۇلارنى ئايرىمىسىمۇ بولاتتى.
2- ساھابىلار قۇرئاننى يېزىپ ئاندىن ئۇنى ئىسلامغا ۋە مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) غا نىسبەت بەرگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قۇرئاندىكى بىرەر سۈرىنىڭ ئارىسىغا قوشۇپ قويسا بولاتتى، ئاندىن ئۇلار تارىختا مەڭگۈ زىكىر قىلىنىپ تۇراتتى ئەمەسمۇ؟
دېمەك قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى جىن، شەيتان ياكى قۇرئاننى توپلىغان ساھابىلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى يەككە- يىگانە بىر ئاللاھنىڭ كالامىدۇر!
( ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تەرجىمە قىلدىم. سەھۋەنلىكلەرنىڭ بۇلىشى تەبىئىي. تەنقىد- پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر!)
مەنبە: http://www.quran-m.com
خۇلاسە -
( بۇ خۇلاسە ئۇيغۇرەك تەرىپىدىن )
قېرىنداشلار! قۇرئاننى ئاللاھ نازىل قىلغان، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان شەكسىز ھەقىقەت. قۇياش نۇرىنى توسۇۋالغىلى بولمىغاندەك بۇ ھەقىقەتنى ھەم ئىنكار قىلغىلى بولماس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: (قل أنزله الذي يعلم السر في السماوات والأرض إنه كان غفورا رحيما) تەرجىمىسى: (ئېيتقىنكى < ئۇنى- يەنى قۇرئاننى- ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر). <سۆرە فۇرقان 6- ئايەت >
بىر شائىر مۇنداق دېگەن ئىكەن:
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن.
2011-5-24 سەيشەنبە. مەدىنە مۇنەۋۋەرە
تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەزىز بۇھەجلە
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرەك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 11:16 AM