بىر ئۆلىما بىلەن ئەنگىلىيەلىك بىر كىشىنىڭ دىئالوگى
ئەنگىلىيەلىك بىرى بىر ئۆلىمادىن مۇنداق دەپ سوراپتۇ: ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى نېمىشقا چەكلىنىدۇ؟
ئۆلىما سوراپتۇ قايتىلاپ: سىز كورولىۋا ئلزابىت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەلەمسىز؟ ھېلىقى ئەنگىلىيەلىك«ئەلۋەتتە كۆرىشەلمەيمەن-دە. پەقەت ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئادەملەرلا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرىشەلەيدۇ.» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئۆلىما ئېيتىپتۇ: بىزنىڭ ئاياللىرىمىز خۇددى ئاشۇ ئايال پادىشاغا ئوخشايدۇ، ئەزەلدىن يات ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ.
ئەنگىلىيەلىك يەنە سوراپتۇ: ئەمسە،ئىسلام ئەقىدىسىدە نېمىشقا ئاياللاردىن بەدەنلىرى ۋە چاچلىرىنى يېپىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟
ئۆلىما كۈلۈپ قويۇپ ئىككى تال كەمپۈت ئاپتۇ-دە، بىرىنىڭ قەغىزنى سويىۋېتىپ، يەنە بىرىنى قەغىزى بىلەن توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن يەرگە تاشلاپتۇ. ئاندىن ھېلىقى ئەنگىلىيەلىكتىن سوراپتۇ: ئەگەر سىزگە يەردىكى ئىككى كەمپۈتتىن بىرىنى ئېلىڭ دېسەم، سىز قايسىنى ئالاتتىڭىز؟
ئەنگىلىيەلىك كىشى «ئەلۋەتتە قەغىزى سويىۋېتىلمىگەننى ئالىمەن-دە.» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئۆلىما ئېيتىپتۇ: بۇ دەل بىزنىڭ ئاياللىرىمىزغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىمىزدۇر.
{قوشۇمچە: بىزلەرنىڭمۇ مۇسۇلمان ئايال، مۇسۇلمان ئەر بولۇپ يارالغانلىقىمىزغا شۈكرىلەر ئېيتشىمىز كېرەكمىكەن-يوق؟}
تەشۋىشلىك خىيال (ئۆزۈم قويىۋالغان ماۋزۇ)
2012-يىلى، 28-قېتىملىق «جەنۇپتىكى مەركىزىي شەھەرلەر ھەپتىلىكى»لىكىدە لوندۇن ئولمپىك تەنھەركەت يىغىندىن ئىلگىرى 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ياۋمىڭ مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ تەنھەركەت يىغىنىدا ئىپادىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، سەپتىن چىكىنكەندىن كېيىنكى تۇرمۇشى، پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر سورىلىپ ئۆتۈلگەن. لېكىن زىيارەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ياۋمىڭ ناھايىتى مەنىلىك سۇئالدىن بىرىگە دۇچ كەلگەن: سىزنىڭ دىنى ئېتىقادىڭىز بارمۇ؟
بۇنىڭغا ياۋمىڭ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن: ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ بىر دىنى ئېتىقاد ئىزدەۋاتىمەن.ن ب ئا دىكى ۋاقتىتلىرىمدا ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ ھەممسىنىڭ ياندىلا ئىبادەت قىلىش ئۆيى بار ئىدى. ھەر قېتىم بېرىپ ئۇلارنىڭ نېمىش قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداق كۆرگۈم كېلەتتى، لېكىن تاكى بۇ يەردىن ئايرىلغۇچە بىرقېتىممۇ بېرىپ باقماپتىمەن. سىزنىڭ دىققەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، ھەر قېتىم مۇسابىقە باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇقتا بىر ھازا ئولتۇرىۋالىمەن. بىرەر نەرسە ئويلىيالىسامكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن-يۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مېڭىمىزگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ماتىريالىزىمنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن كاللام قۇپ-قۇرۇق. ئۆزۈمنىڭ بېرەر ئەقىدىگە ئېرىشەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن ھازىر تېخى بۇ ئۈمىدىم روياپقا چىققىنى يوق.
{قوشۇمچە: ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن ئارتۇق نېمە بار؟ ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا، رەببىڭىزگە ئىتائەت قىلىشقا تىرىشڭ!}
تۇرمۇش تەسىراتلىرى
ئاغىرىپ قالغان ۋاقتىلىرىمدا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: بالام، بىزنى ئەنسىرەتمىگىن!
تاماق يېگەن چاغلاردا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: بىز بىلەن قالماي، ئۆزەڭ ياخشى يە!
توي قىلغا نۋاقىتىمىزدا ئاتا-ئانىمىز دەيدىكەن: دائىم بىزنى سېغىنىپ يۈرمەي ياخشى ئۆتۈڭلار!
ئاتا-ئانىمىز ئاغىرىپ قالغان بولسا ئۇلار دەيدىكەن: بىز ناھايىتى ياخشى بالام!
ئى مىھرىبان، ئولۇغلۇقتا تەڭداشسىز رەببىم! ئاتا-ئانىلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن،ئۇلارغا رەھىم قىلغىن! ئۇلار ئىككىسى سېنىڭ قۇلۇڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى، ئۇلار سىنىڭدىن مېھرىبانلىقىڭنى، رەھىمدىللىقىنى تىلەيدۇ! ئى ئاللاھ، ئۇلارنى جازالىمىغىن، ئاتا-ئانىلىرىمىز دائىم ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولسا ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىشىڭىنى تىلەيمىز، ئى ئاللاھ! ئەگەرئاتا-ئانىلىرىمىز گۇناھ ئىشلارنى كۆپرەك سادىر قىلغۇچىلاردىن بولسا، ئى رەببىمىز،ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمىز! ئامىن!
بىركۈنلەردە ئاتا-ئانىڭىز ئالدىڭىزدا ئۆرىمۇ تۇرالمايدىغان، تۈزۈك يولمۇ يۈرەلمەيدىغان بىر ۋاقىتلار كەپ قالسا (ئاللاھ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ تەنلىرىنى مەڭگۈ سالامەت قىلسۇن!) ئۇلارنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ! كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇلار سىزنىڭ قولىڭىزنى يىتىلەپ ماڭغىنىدەك ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئاستا مېڭىڭ....! ئەمدى ۋاپادارلىق قىلايمىكىن دەپ ئويلاپ تۇرغىنىزدا ئۇلار يوق بولۇپ قالسا پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ كېچىككەن بولىسىز!
{قوشۇمچە: ئېسىمىزدە بولسۇن، ئەزىلەر! ئاتا-ئانا رازى بولمىسا بىز ئىككىلى دۇنياندا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشىمىز ئېنىق! قايسىسىنى تاللايمىز؟}
مەنبە: ئۈندىداردىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ خەنزۇچە يازمىسى، تەرجىمدە مەن ئۆزۈم. قوشۇمچە مەزمۇنلارنى ئۆزۈم قوشۇپ قويدۇم. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە يولىسىڭىز بولىدۇ.
2013.2.19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا seven تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 11:25 PM