بىـر قىـــــز
نىيازئەلى ئادىل ( تۈن لىرىكىســـى )
بىر قىز،
ئولتۇرىدۇ يولنىڭ بويىدا،
يالغۇز، يىگانە،
كۆزلىرىدە ياش،
سۇلغۇن ھۆسنى؛
كەچكۈزدىكى خازانغا رەڭداش.
بىر قىز،
بەكمۇ تەستە،
كىملەرگىدۇر ئۇزىتىدۇ قول،
يەنە تۆۋەن سالار بېشىنى،
<< ئۇزاتمايمەن >> دەيدۇ ئۆزىگە،
ئەمما، ئۇزاتماسقا يوقتۇر ئىلاجى.
بىر يېنىدا يۆلەكلىك ھاسا،
ئىھ، قايسى قىسمەت تارتىۋالدى بىر جۈپ پۇتىنى؟
. . .
ئادەملەر ئۆتۈشمەكتە ئالدىراپ،
بەزىللىرى پەرۋاسىز،
بەزىللىرى شۈكرى قىلار ئۇنىڭغا قاراپ.
تاشلاپ كېتەر پارچە پۇلىنى،
يەنە بىرلەر ساۋاب نەرقىدە،
بىراق،
ئويلانمايدۇ ھېچكىممۇ قىزچاق ھەققىدە.
بىر قىز،
ئادەملەرگە ئۇزاتماقتا قول،
تولدى قولى لىققىدە پۇلغا،
بىرسى دېدى،
<< بۇنداقلار ئەشۇ پۇلغا قۇل >>.
چۈشەنمىدى ھېچكىممۇ ئۇنى،
پۇل، يەنە پۇل...
ھېچ بىر ئىنسان ئۇزاتمىدى قول.
بىر قىز،
ئولتۇرىدۇ يولنىڭ بويىدا،
يالغۇز، يىگانە،
كۆزلىرىدە ياش،
ئۇنىڭ قەلبى؛
كېچە ياغقان يامغۇرغا رەڭداش.
2012-يىلى 8-ئۆكتەبىر
ئۈرۈمچى شەھىرى