لاتارىيە ئويناپ مىليونىر بولغانلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىڭ!
لاتارىيە ئويناپ مىليونىر بولغانلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا شەيتان قۇرغان تۇزاقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز... شۇڭلاشقا ھەربىر قەدەملىرىمىزنى ئاگاھ بولغان ھالەتتە بېسىشىمىز، نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكىمىز، رەببىمىز رازى بولمايدىغان ھەرقانداق يولدىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك...
قېرىنداشلىرىم! تۆۋەندە تۈركىيەدىكى لاتارىيە قۇربانلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئىبرەت ئېلىش يۈزىسىدىن بىر قانچىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن:
ئالدى بىلەن كىرىش سۆزىنى شۇنداق باشلاي:
تۈركىيىدىكى مىللىي پىيانگو تەرىپىدىن تارقىتىلغان مۇكاپاتلار ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمىدى. ئالدىنقى يىللاردا تارقىتىلغان ئادەمنىڭ ئېغىزىغا پاتمايدىغان دەرىجىدە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، سۆزدە ئاجايىپ بەخت – تەلەيلىك، بەخت قۇشى بېشىغا قوندى دېيىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈن ئەڭ بىچارە ھالەتتە ياشىماقتا.
تۈركىيىدىكى "ئاكىت" گېزىتىغا سۆز قىلغان شەرىئەت ئالىمى دوكتۇر رامىزان ئالتۇنتاش: "مىللى پىيانگومۇ باشقا تەلەي سىناش ئويۇنلىرىغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. ئىسمىنىڭ بېشىدا "مىللىي" دېگەن سۆزنىڭ بولۇشى ھارام ئىكەنلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ" دېدى.
"مىللىي پىيانگو ھارامدۇر"
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئاسان يول ئارقىلىق پۇل تېپىش دەردىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پروفېسسور دوكتۇر رامىزان ئالتۇنتاش: بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا دىنىي تەلىم – تەربىيەنىڭ كەم ئىكەنلىكىنىڭ ئىنتايىن چوڭ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. تەرەپلەردىن بىرىنىڭ ئۇتۇپ، باشقىلىرىنىڭ ئۇتتۇرۇشى بىلەن ئاياقلىشىدىغان تەلەي سىناش ئويۇنلىرىنىڭ ئىسلامدا ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇنتاش: "ئىنسانلار مۇشۇ يىللاردا ھالال ۋە ھارام ئۇقۇملىرىنى ياخشى ئىدراك قىلالمايۋاتىدۇ. مىللى پىيانگومۇ باشقا تەلەي سىناش ئويۇنلىرىغا ئوخشاشلا ھارامدۇر. ئىسمىنىڭ بېشىدا "مىللىي" دېگەن سۆزنىڭ بولۇشى ھارام ئىكەنلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ" دېدى.
"ياخشلىق يوللىرىغا ئىشلىتىلىشى ھارام ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ"
بۇ تۈردىكى ئويۇنلاردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادى پايدىلاردىن بەزى ئورگان ۋە ياخشىلىق جەمئىيەتلىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان بولۇشى، بۇ پۇلنىڭ ھارام ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئالتۇنتاش: تەلەي سىناش ئويۇنلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدىنىڭ كىشىلەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىرغىچە بۇ تۈردىكى يوللار بىلەن باي بولغان نۇرغۇن كىشىنىڭ كېيىن ئېچىنارلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇنتاش: "بۇ تۈردىكى ئويۇنلاردىن يىراق تۇرۇڭ!" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
"بۇ پۇلدىن ھېچكىمگە ياخشلىق كەلمىدى"
ھەر يىلى كىشىلەر ئاجايىپ چوڭ ئارزۇ – ئۈمىتلەر بىلەن ئالغان مىللى پىيانگو بىلەتلىرى شۇ كەمگىچە ھېچكىمگە ياخشلىق ئېلىپ كەلمىدى. بەزىلىرى ئائىلىسىنى بۇزدى، بەزىلىرى قىمارغا كۆنۈپ قېلىپ پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى، بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. مىللىي پىيانگو ھەر يىل نۇرغۇن ئىبرەتلىك ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرسىمۇ، يەنىلا سېتىلىشقا داۋام قىلماقتا. تۆۋەندە شۇ ئىبرەتلىك ھېكايىلەردىن بەزىلىرىنى دىققىتىڭلاردا بولسۇن...
ئالدىدا ئايالىنىڭ خېتىنى بەردى، كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
9 بالىسى ۋە ئىشسىز بولغان ئەھمەد بايرامغا مىللىي پىيانگونىڭ 2005 – يىلىدىكى چېكىلىشىدە، چارەك بېلىتىگە چىققان مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون 250 مىڭ تۈرك لىراسى بولۇپ، بىردەمدىلا باي بولغان ئەھمەدنىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى ئايالىنىڭ خېتىنى بېرىش بولدى. كېيىنلىرى كېچىلىك كۇلۇبلارغا بېرىشقا ئۆگىنىۋالغان ئەھمەد پۈتۈن پۇللىرىنى قىماردا يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ مۇنچىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھالەتتە جەسىتى تېپىلدى.
باشتىكى ئىشىغا قايتىپ كەلدى
تۈركىيىنىڭ ئوردۇ ۋىلايىتىدە 2003 – يىلىدا سانلىق لاتارىيە بېلىتىدىن بىرلا ۋاقىتتا 884 مىليارد لىرا مۇكاپات ئالغان چايچى خەيرى كايا مۇكاپات ئالغان پۇلنى تۈگىتىپ بولۇپ، يەنە شۇ چايچىلىقىنى باشلىغان. كايا داۋاملىق تەلەي سىناش ئويۇنلىرى ئوينايدىغانلىقىنى، مۇكاپات ئالغان پۇللىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەلەي ئەمەس، بەلكى شۇملۇق كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلىدى.
جىنازىسىنىمۇ كۆتۈرىدىغان كىشى تاپالمىدى
مەھمەت سارىئوغلۇ 1975 – يىلدا ئالغان مىللى پىيانگو بىلىتىگە مۇكاپات چىقتى. ھېچ توي قىلمىغان ۋە ھامماللىق قىلىپ جان باقىدىغان مەھمەتنىڭ ھاياتى بۇ مۇكاپات بىلەن بىراقلا ئۆزگەردى. ئاشۇ يىللاردىكى پۇلدا 25 مىڭ لىرا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەھمەت بىردىنلا باي بولۇپ كەتكەن ئىدى. خىزمىتىنى تاشلاپ ئۈن - تىنسىز يۇرتىدىن يوقاپ كەتكەن مەھمەت پۇللىرىنى ئىزمىز ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە خەجلەپ تۈگەتتى. 83 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا بولسا، قولىدا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق ئىدى. جىنازا چىقىملىرىنى تۆلەيدىغان ئادەممۇ چىقماي، ئاخىرى دۆلەت تەرىپىدىن تۆلەندى.
مىليونلارغا ئېرىشتى، ئەمما پۇل ياخشلىق ئېلىپ كەلمىدى
مۇستافا سالگان ئۇنىڭ ھەققىدە "يوقىتالاش قابىلىيىتى" ئىسىملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن يوقسۇل لاتارىيە ئاشىقى ئىدى. 1979 – يىلدا 100 مىڭ لىرالىق تۇنجى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1982 – يىلدا يېڭىدىن 30 مىليون لىرا ئۇتتى. 1984 – يىلدا 15 مىليون لىرا، 1987 – يىلدا بولسا 2 مىليون لىرا ئۇتتى. ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن ۋاقتىدا بولسا، ئۇ كوچىدا مايلامچىلىق قىلىۋاتقان ئىدى.
"ئىلگىرى تېخىمۇ گۈزەل بىر ھاياتىم بار ئىدى"
1995 – يىلنىڭ ئاتالمىش تەلەيلىك ئادىمى ئايخان يالچىنكايا دۆلەت خىزمەتچىسى ئىدى. بۈيۈك مۇكاپات چىقىشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە تىجارەت باشلىدى. مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن پۈتۈن تونۇيدىغانلىرى قەرز ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە باشلىدى. پۈتۈن دوستلىرىدىن ئايرىلدى. پىسخىكىسى بۇزۇلدى ۋە بىر يىل ئۆيدىن تالاغا چىقمىدى. نىھايەت پۈتۈن پۇللىرى تۈگىدى. كېسەل بولدى، دوختۇرغىمۇ بارالمىدى. يالچىن كايا بىر قېتىملىق سۆھبەتتە: "ئىلگىرى شۇنداق گۈزەل ھاياتىم بار ئىدى. يەنە مەمۇرلۇققا قايتىشنى خالايمەن" دەپ زارلانغان ئىدى.
دېمەك قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم بۇ پەقەت دېڭىزدىن بىر تامچە مىسالىدىكى كەچۈرمۈشلەردۇر. قالغىنىنى سىز ئويلاڭ! ھارام ھېچقاچان ئىنسانغا بەخت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ توغرا يولىدا ماڭىدىغانلاردىن قىلسۇن.
مەنبە ۋىسال تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 07:31 PM