بىر باي ئۆلۈمدىن ۋە قەبرىدىكى يالغۇزلىقتىن بەكمۇ قورقىدىكەن . <مەن ئۆلگەن كۈننىڭ كىچىسى كىم مىنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتتىگەنگىچىلىك قەبرىدە بىللە تۇرسا ئۇنىڭغا مال-مۈلۈكۈمنىڭ يېرىمىنى ھەدىيە قىلمەن.> دەپ ۋەسىيەت قىلپتۇ.
ئۇ ئۆلگەنلىرى تۇققانلىرى <كىم بىرلىكتە قەبرىگە كىرىپ تاڭ ئاتقىچە تۇرۇشنى خالايدۇ؟>
دەپ ئەتراپتىن ئادەم ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ھېچكىم چىقماپتۇ. ئاخىردا بىر ھاممال:
- مىنىڭ پەقەت بىر تال ئارغامچام بار .يوقۇتۇپ قويغۇدەك باشقا نەرسەممۇ يوق .تاڭ ئاتقىچە تۇرسام بەلكىم باي بولۇپ كېتىشىم مۇمكىن .- دەپ قوبۇل قىپتۇ .
ھاممالنى ئۆلگەن باي بىلەن بىرگە دەپنە قىپتۇ .سۇئال سوراق پەرىشتىللىرى كېلىپ قارسا بىر ئۆلۈك،بىر تىرىك تۇرغىدەك .< قانداقلا بولمىسۇن ئۆلۈك قولۇمىزدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ، بىز ئاۋال شۇ تىرىكتىن باشلايلى> دەپتۇ ۋە ھاممالنى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ :
-بۇ ئارغامچە كىمنىڭ ؟ نەدىن ئالدىڭ ؟ قانداق ئالدىڭ ؟ نەلەردە ئىشلەتتىڭ ؟ ....
تاڭ ئاتقىچە سۇئال-سوراق باشلىنپتۇ. ھاممالنىڭ ھىساۋى تۈگىمەپتۇ .تاڭ ئاتقاندا ھاممال قەبرىدىن چىقىپتۇ .
-بايلىقنىڭ يېرىمى سېنىڭكى .- دەپتۇ باينىڭ تۇققانلىرى. ھاممال دەرھال شۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ :
-ياق ئالمايمەن .مەن تاڭ ئاتقىچە بىر تال ئارغامچىنىڭ ھىساۋىنى بېرەلىدىم ، بۇنچىلىك كۆپ مال-مۈلۈكنىڭ ھىساۋىنى قانداقمۇ بېرەلەيمەن ؟
مەنبە : مىكرو ئۇچۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 06:57 PM