ئۇيغۇر تىلى خەتەر ئىچىدىكى تىللار قاتارىدا ئەمەس
«خەلقئارا ئانا تىل خاتىرە كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ،توردا ئانا تىل توغرۇلۇق تېمىلار بىراقلا كۆپىيىپ كېتىدۇ.مۇشۇ پۇرسەتتە مەن كىشىلەردىكى بىر خاتا چۈشەنچىگە ئېنقىلىما بېرىپ قوياي .بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ھەرقايسى توربەت ھەم ھەرخىل توپلاردا«ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرتىلى دۇنيادىكى يوقۇلۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان تىللار تىزىملىكىگەكىرگۈزۈلۈپتۇ» دېگەن سۈرەت تارقىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغان ۋە ساراسىمىگە سالغان ،ئەمەلىيەتتەسۈرەتتىكى گەپلەر ئىلگىرىمۇ ئانچە –مۇنچە پەيدا بولۇپ قالغان .ئۇنداقتا خوش، بۇخەۋەر ھەقىقەتمۇ، «ئىشەنچىلىك خەۋەرلەر»دېگەن قاچان،قەيەردە بېرىلگەن خەۋەرنى كۆرسىتىدۇ ؟
ئاۋۋال يوقۇلۇپ كېتىش ئالدىدىكى تىللارنىڭ ئىنىقلىمىسى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرايلى.خەتەر ئىچىدىكى تىللار ياكى يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللار :ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قازا قىلىشى ياكى باشقا تىلنى ئىشلىتىشقا كۆچىشى بىلەن ئىستىمالدىن قېلىش خەتىرىگە دۇچ كەلگەن تىلنى كۆرسىتىدۇ.
دۇنيادا زادى قانچە تىل بارلىقى ئېنىق ئەمەس .ئادەتتە ئورتاق پىكىردە دۇنيادا 6000دىن 7000غىچەتىل بار دەپ قارىلىدۇ .مۆلچەرلىنىشىچە بۇ تىللارنىڭ 50-90% 2100يىلىدىنبۇرۇن يوقىلىپ كېتىدىكەن . دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىلەر سانى جەھەتتە ئالدىنقى 20 تىل ھەربىرسى 50مىليوندىن ئارتۇق كىشى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ .بۇ دۇنيا نوپۇسىنڭى يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ.2500خىل تىل ئوخشىمىغان بەش خىل دەرىجىدە خەتەر ئىچىدە.200دىن ئارتۇق تىل ئۆتكەنكى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدە يوقالدى
ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى خەتەر ئىچىدىكى تىللارنى بەش دەرىجىگە ئايرىيدۇ .1.بىخەتەر 2.ئاجىز ( كۆپىنچە بالىلار سۆزلىيەلەيدۇ،لېكىن ئۇ مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىدۇ،سرتتاسۆزلىمەيدۇ)،3.ئېنىق خەتەر ئىچىدە (بالىلارسۆزلىمەيدۇ،ئۆيدە ئانا تىل سۈپىتىدە ئۆگەنمەيدۇ)،4.ئېغىر خەتەر ئىچىدە(ياشانغانلارلا سۆزلەيدۇ،ئاتا-ئانىلار بىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۆز-ئاراسۆزلەشمەيدۇ ھەم بالىلىرىغا ئۆگەتمەيدۇ )،5.زور خەتەر ئىچىدە (پەقەت بىر قىسمەن ياشانغان كىشلەرلا سۆزلىشىدۇ )
بۇنىڭدىكى«بالىلار سۆزلەيدۇ»دېگەننىڭ ئۆلچىمى مۇنداق : «بىخەتەر»تۈرىگە تەۋە تىللار بالىلاركەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە ئىنق سۆزلىشىدۇدەپ پەرەرز قىلىنغان تىللار ،«خەتەر ئىچى»دىكى تىللار بولسا بالىلار كەلگۈسى 100يىل ئىچىدە بۇ تىلدا سۆزلەشمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان تىللار (تەخمىنەن 60-80%تىل بۇ تۈرگەتەۋە)
خەتەر ئىچىدىكى تىللارنى بىكىتىپ ئايرىشتا ھازىر بۇ تىلنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سانى ئەمەس،بەلكى بالىلارنىڭ بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان ياكى سۆزلەشمەيدىغانلىقى مۇھىم ،مەسلەن ھېنىدونىزىيەدە بەزى تىللارنى سۆزلەشكۈچىلەر بىرنەچچە تۈمەنگە يەتسىمۇ لېكىنيەنىلا خەتەر ئىچىدىكى تىل دەپ قارىلىدۇ چۈنكى بالىلار بۇ تىلنى ئۆگەنمەيدۇ ياكى ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە ئەمەس.بەزى 500 لا ئادەم ئىشلىتىدىغان تىللار ئەگەر ئۇلارشۇ رايوندىكى مائارىپتا ئىشلىتىلسا ھەم شۇيەردىكى بالىلارنىڭ بىرىنچى ياكىبىردىنبىر تىلى بولسا ئۇنداقتا بۇ جانلىق (بىخەتەر) تىل دەپ قارىلىدۇ.
ئەمدى بىزنى قىزىقتۇرىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى خەتەر ئىچىدىكى تىللار تىزىملىكىدە بار-يوقلىقىغا كەلسەك،يۇقىرىقى ئىنىقلىمىلارنى كۆرگەن كىشىلەر تىزىملىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ خۇلاسىگە كېلىپ بولدى،ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى خەتەر ئىچىدىكى تىللارتىزىملىكىدە يوق!
2005-يىلى،ئامېرىكىدىكى ساممىر تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان«دۇنيادىكى خەتەر ئىچىدىكى تىللار تىزىملىكى»(473 تىل تىزىملىككە كىرگەن) دىكى ، جوڭگۇدىكىخەتەر ئىچىدىكى تىللارغا ھەتتا تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ بولغان ئوتتۇرا ئاسيادىكى خەتەر ئىچىدىكى تىللارغا قارىساق، ھېچقايسىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقلىقىنى كۆرىمىز.(تىزىملىك ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان ،«ئۇ»ھەرىپى بار يەردىكى ئۇ تىلى يۈننەندىكى بىر تىلنى كۆرسىتىدۇ .)
بۇ تىزىملىكتە قازاقىستان يوق،ئۆزبىكىستاندا پەقەت بىرخەتەر ئىچىدىكى تىل بار
ئەمدى تېخىمۇ ئىشەنچلىك،تېخىمۇ نوپۇزلۇق ھەم ھەرۋاقت تولۇقلىنىپ تۇرىدىغان(ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇيىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭىلانغان) ب د ت پەن –مائارىپ مەھكىمىسنىڭ خەتەرلىك تىللار ئاتلىسى(خەتەرلىك تىللار قىزىل تاشلىقكىتابى)غا قاراپ باقايلى،بۇ تىزىملىكتىكى تىللار 2473،جوڭگۇدىكى 144 ،ئوخشاشلا ئۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرتىلى يوق
http://www.unesco.org/culture/languages-atlas/index.php
خوش ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەتەرلىك تىللار ئىچىدىكى تىللارئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
ئەلۋەتتە،ئالدى بىلەن ئېچىنىش بىلەن ئىتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىمىزكى ،كۈنىمىزدە ،ئۇيغۇر تىلىئىشلىتىلىش جەھەتتە ھەقىقەتەن بەزى مەسىلىلەرگە يولۇقتى ،بۇنداق ئاچچىق ئەمەلىيەتنى ئىتراپ قىلمىساق بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقانداق ئاساسسىز ھەم پاكىتسىز ئۇيغۇر تىلى خەتەر ئىچىدىكى تىللار ئارىسىدا بار ئىكەن دەپ ساختا خەۋەر ئويدۇرۇش نادانلىق،بىلىمسىزلىك . .بۇ ھەم ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ھاقارەت ۋە خورلۇق .
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر مىللىتى 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ بىر مىللەت ،گەرچە دائىرىسىكۈنسىرى چەكلىنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ھازىرچە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى يەنىلا مائارىپتا ئىشلىنىدۇ .جوڭگۇدىكى بە شچوڭ ئاز سانلىق مىللەت ھەم مىللىي ئاپتونومرايوننىڭ تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى ئۇزۇن بىرمەزگىلگىچە رەسمىي ھالدا مائارىپتا ئەمەلدىن قالمايدۇ، مۇھىمى ئۇ يەنە نۇرغۇن بالىلارنىڭ بىرىنچى تىلى.بۇخەتەر ئىچىدىكى تىللار بىلەن ئىنتايىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ، تىزىملىكتىكى تىللار ئاساسەن بىرنەچچە ياكى بىرنەچچە يۈز ،مىڭ كۆپ بولسا بىرنەچچە ئون مىڭ سۆزلىگۈچىسى بار بولغان ياكى بۇنىڭدىن كۆپ سۆزلىگۈچىسى بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئاساساسەن ياشانغانلار بولغان تىللار ،ئۇيغۇر تىلى بولسا بۇلارغا قارىغاندا خېلى كۆپ نوپۇسقا ئىگە ۋە خېلى يۇقىرى دەرىجىدە جانلىقلىققا ئىگە تىل .
دۇنيادىكى خەتەرلىك تىللار قاتارىغا كىرىش باشقىلارنى تىلنى قەدىرلەشگە ئويغىتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاستە،كىشىلەر تىلنىڭ خاراپلىشىدىكى ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى دەسلەپتە بىلگەندە ھودۇقىدۇ ،ئەنسىرەيدۇ،ھەرىكەت قوللىنىشقا ،لېكىن بۇنداق غىدىقلىنىش بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە،كىشىلەر بىخۇدلىشىپ ئەڭ ناچار ھالەتگىمۇ پىسەنت قىلمايدىغان،يوقىلىش ئالدىدىكى تىللار تىزىملىكىگە كىرىشنى خۇددى بىر كىچىك ئىشتەك ھېسقىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ .باشقىلارنى تىلنى سۆيۈشكە ئۈندەش ياخشى ئىش،لېكىن بۇنداق چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇلدا ئەمەس........
ئۇنداقتا ئۇيغۇرتىلى قانداق دەرىجىدە ؟ كەلگۈسى يۈز يىلغىچە 3دىن 4گىچە ياكى بەش ئەۋلاد كىشى ياشايدۇ دەپ مۆلچەرلىسەك ،ئۇنداقتابىز ئۇلارنىڭ بىرىنچى تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇق؟ ئوبيېكتىپ نەزەر بىلەن مۆلچەرلىگەندەكەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر بالىلارئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدۇ، مەيلى ئۇسان قانچە بولسۇن،لادىن تىلى (لاتىن ئەمەس لادىن)نىڭ ئاران 30000سۆزلىگۈچىسى بار بولسىمۇ لېكىن 30000سۆزلىگۈچىنىڭ ئارىسىدىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بۇ تىلنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئۆگىنگەچكە بىخەتەر تىل دەپ قارىلىدۇ ،ھەتتا ئوخشاش شارائىتتىكى 500 سۆزلىگۈچىسى بار بەزىتىللارمۇ بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. .شۇنىڭ ئۈچۈن يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى ،ئۇيغۇر تىلى يەنىلا1-پەللىدە ،يەنى بىخەتەر ،بەلكىم بىخەتەرلىك دەرىجىسى سەل تۆۋەن 2- پەللىگە مايىلراقبولۇشى مۇمكىن.
«پالانچىكام ئۇيغۇر تىلىنى تاشلىۋەتتى»،«پۇستىنچى ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمىدى»دەپ قاقشاپ،ھەسرەتلىنىپ شېئىر توقۇپ يۈرۈش ۋە يەنە يۇقىرىقىدەك ئاساسسىز نەرسىلەرنى تارقىتىپ يوق يەردىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئازابلىنىپ يۈرۈش قىلچە ئەھمىيەتسىز ،خەق ئۈچۈن ئازابلىنىپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەي ،ئەگەر راستىڭىزلا ئىرادىڭىز بولسا ،ئۆزىڭىزگەھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋلادىڭىزغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 05:09 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-20 11:42 PM):
تېما«ئۇيغۇر تىلى يوقىلىش ئالدىدىكى تىللار تىزىملىكىدە ئەمەس»دەپ ئۆزگەردى.