تۈندىكى ھۇۋقۇش ئاۋازى
ھېكايە
قەھرىتان قىش،قاراڭغۇ كىچە.دھششەتلىك شامال تۈن كىچىسىنى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۈسكە كىرگۈزۈپ،ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلىماقتا.ئىشىك-دېرىزىلەر شامال زەربىسىدىن ئاچچىق غىچىرلىماقتا ئىدى.ھېلىقى شۇم ھۇۋقۇشنىڭ ئۆيۇم ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلساملا يۈرۈگۈم ئەنسىز تىپچەكلەيدۇ.قېرىشقاندەك ئۇ تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتقانلىقى مىنى ساراسىمىگە سالماقتا ئىدى.. باللىرىم بىلەن ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا سىرتتكى ۋەھىمىدىن قورقۇپ تۇگۈلۈپ ئولتۇردۇق.تۇساتتىن ئۇغلۇم ماڭا‹‹دادام نىمىشقا كەلمەيدۇ؟چۇقۇم يەنە ھاراق ئىچىۋاتىدۇ،ئانا مەن قورقىۋاتىمەن››دىدى.
مەن باللىرىمنى باغرىمغا چىڭ باسقىنىمچە ئۆزۇمنى زورىغا بېسىپ،ئۇلارنى بەزلەپ ئاران ئۇخلاتتىم.لىكىن كۆزۈمنى ھەرقانچە يۇمساممۇ ئۇخلىيالمايتتىم.ئوغلۇمنىڭ بايقى سۆزى مىنى تېخمۇ ئازاپلىماقتا ئىدى.ئۇنىڭ كىچىككىنە قەلبىنى ۋەھىمىگە سالغىنى سىرىتتىكى دەششەتلىك بوران ئەمەس بەلكى ئۆيدىكى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تۈگىمەس جىدەل-ماجرالار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تېخىمۇ خىجىل بولدۇم.ئۆزۇمدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا مەن ھەرگىز تەۋەككۇل قىلىپ بۇ پاتقاققا سەكرىمىگەن،ھەم چىقالماي قىينالمىغان بۇلاتتىم.لىكىن ھاۋا ئاتاممۇ شەيتاننىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن مەنئى قىلىنغان مىۋىنى يەپ سالغىنىدەك،مەنمۇ باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن بۇتۇزاققا چۈشۇپ قالدىم.
مىنى ھەرخىل خياللار ئەسىر قىلىۋالدى.مەن خىيال قاينىمىدا ئۈزىۋاتىمەن.خىياللىرىم بەزىدە مىنى گۈزەل ياشلىق دەۋرىمگە باشلىسا ،بەزىدە رەزىل رىئاللىقنىڭ چۆل-جەزىللىرىگە ئاپپىرىپ تاشلايتتى.مەن خيال دەپتىرىمنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.ئازاپلىق كەچمىشلەر كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ كۆزئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.مەن ھاراققا ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم.توي قىلغانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ ئىچىشتىن باشلانغان بۇھاراق كۈنلەپ-كۈنلەپ مىنى پەتىلەپ تۇردى.ھاراقتىن باشلانغان جىدەل،پۇل
ماجراسى تېلفۇن ماجرالىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.ھاراقنىڭ كۈچى ئۇنى ۋەھشى چىل بۆرىگە ئايلاندۇرۇراتتى.مەن تۈگۈل باللىرىممۇ ئۇنىڭ رەزىل پەنجىسىدىن قۇتۇلالمايتتۇق.بىراق ئۇ دەششەتلىك ھەيۋىدىن كىيىن ھالسىزلانغان بۆجەندەك تۈگۈلۈپ،خورەكنى دۆڭ تارتىپ شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولاتتى.
يۈرۈگۈم چەكسىز ئازاپتىن ئۆرتىنەتتى.ۋۇجۇدۇم كەچ كۈزدىكى يىگانە ياپراقتەك غال -غال تىترەيتتى.كۆزياشلىرىمنى زادىلا توختىتالمايتتىم.بىراق باللىرىمنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ نىمە قىلشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم .ئۇلار ياشلىرىمنى سۇرتۇپ،ئۇممۇتلۇك كۆزلىرى بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەندەك تەلمۈرەتتى.مەن ئۇلارنى بەزلەيتتىم،ئالدايتتىم.ئۇرۇنسىز تۇقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سەبىلەرنىڭ قەلىبىدە يارا بولماسلىقنى ئۇممۇت قىلاتتىم.شۇڭا ھەممە ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالدىم.بىراق بۇ قىلمىشىم ئۇنۇڭغا بايرام بولوپ خاتىرجەم ئوينايدىغان بولۇپ قالدى.لىكىن پۇل ۋەسۋەسى منىڭ قەلبىمنى تىنىچسىزلاندۇردى.بەزىدە بالامنىڭ بىر نەرسە ئالغۇسى كەلسە كۆزۈمگە قاراپ‹‹ئانا پۇل بارمۇ؟ بولدى ئالمايمەن.››دىگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالىمەن.ھەي پۇل سەن نىمەدىگەن قالتىس -ھە!سەن قانچىلغان نارەسىدىلەرنىڭ بوينىنى قىسىپ،ئۇلارنى زار-زار يىغلاتقانسەن.قانچىلغان نادانلارنى ئۆز تاۋكايىڭدا ئوينىتىپ قۇلۇڭغا ئايلاندۇرغانسەن.قانچىلىغان ئاتا-ئانىلارنى ۋەيران قىلىپ قان زار يىغلاتقانسەن.مەن ساڭا قايىل مەن ساڭا ئاپىرىن ئۇقۇيمەن.
سەن ئاي توشقان ھامان سېخىيلىق بىلەن ھېلىقى تۈمۈر قەپەزدىن چىقىسەن.سىنىڭ مىھرىڭ ھەر قانداق مېھىر مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ.ئۇسىنى ئالىدۇ-دەپۇتمەس قاناتقا ئىگە بولىدۇ.بىر ئىككى كۈن ھەتتا ئۈچ-تۆت كۈنگۈچە ئۆيگە كىرمەي ئوينايدۇ.بىراق سەن ۋاقىتلىق خۇددى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش بىردەمدىلا غايىپ بولىسەن.ئۇنىڭ خيالىغا ئۆي كىرىدۇ.ھەتتا سىنىڭ غالچىللىرىڭ قەرىزچىلەرمۇ دىگىنە.ئۇلار شۇنداق قالتىسكى ھىچنىگە ئىرەن قىلمايدۇ،باريوقىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدۇ.بالاغا قالدىغىنى يەنىلا مەن .بىچارە باللىرىم.بىر ئاي كۈنىمىز غورىگۈل ئۆتىدۇ.‹‹چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە››دىگەندەك ئۇ ئەمدى چىشى ئارسىدىكى گۆشلەرنى شۇمۇپ ئولتۇرىدۇ.سىرىتقىمۇ چىقماي شۇنداق رائىش بولوپ كىتىدۇ.مەن يەنە ئۇنۇڭغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولىمەن.
بۇھال تەكرارلانغانسىرى مەن يۈرەكسىز بولوپ قالدىم.ئاي تۇشۇپ مائاش چىقسىلا ئەنسىرەيمەن.ئۇنىڭ يەنە ھېلىقى يوللارغا مېڭىشىدىن سەن پۇلنىڭ كىچە ئاسمىنىدىكى نۇرانە يۇلتۇزدەك غىل-پال كۈرۈنۈپ قويۇپ غايىپ بولىشىڭدىن قورقىمەن.‹‹قورققانغا قوش كۈرۈنەر دىگەندەك ھەر قېتىم شۇنداق بولىدۇ.سائەت رىتىملىق چىكىلداپ 10-2،11-3لەرنى توختاش بىكىتى قىلىپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ قارسىمۇ كۈرۈنمەيدۇ.تۈگىمەس خياللار ئىچىدە ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرىمەن .بىمەنە خياللار مىنى چەكسىز ئازاپلايدۇ.قەلىپ يارام ئەمدى ئۈچكە ئايلانسا مىنىڭ ھەرگىز چىدىيالمايدىغانلىقم ئۈزۈمگە ئايان .شۇڭا باشقىلارنىڭ بىمەنە قۇلاق سالمايتتىم ھەم ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتتىم.باللىرىم بىلەن خاتىرجەم ياشاش منىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.مەن ئاشۇ بەخىتنى ئىزدەپ تەمتىرەپ يۈرەتتىم.قاچاندۇر بىر ھۇقۇشنىڭ پەيدا بولوپ قەلئە ئۈستىدە شۇملۇق بىلەن سايرىشىنى يۈرۈگۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،كۆڭلۈمدە بۇنۇڭغا ئىشەنمەيتتىم.ئۇنىڭ كىچىدە بىزنى ئەسلەپ تىلفۇن قىلغىنى چوڭ ئىش ھىساپلاپ ھەسەل يالتىلغان بالىلارسوسكىسىنى شۇراپ غەمسىز يۈرەتتىم.
بۈگۈنكى تېلفۇندىن چۆچۈپ كەتتىم.بىر خىرلداق ئاۋاز قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ ئۆيگە قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.يېنىدا بىرنىڭ ئۇنى ئالدىراتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم.ئۇنىڭ خوشياقماس دوكىلاتىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئايالى ئەمەس بىر دەرۋازۋەن ياكى بولمىسا بۇسۇغا ئالدىدىكى ئىتتەك ھىس قىلدىم.مىنىڭ ئاياللىق غۇرۇرۇم بۇنۇڭغا يول قويمايتى.مەن قايتا تېلفۇن قىلدىم.ھۇۋقۇشنىڭ ھۇۋلىشى يەنە ئاڭلاندى.مەن ئۇنى تىللىدىم.قاغىدىم.لىكىن بۇئۇلارغا تەسەر قىلمىدى.مەن ئۇنىڭدىن قايتىپ كىلىشنى ئۈتۈندۈم.لىكىن تېلفۇن ئۈزۈلۇپ قالدى،يەنە قانچە قېتىم تېلفۇن ئۇرغۇنىمنى بىلمەيمەن.
كاللام قۇپقۇرۇق.داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.مەن بۇنداق ئىشلارنى كىنولاردا كۆرگەن ئىدىم.بۇنى رىئاللىق ئەمەس دەپ ئۈزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم.كۆزياشلىرىم يامغۇردەك چۈشمەكتە.كاللامدىن بىرخىيال ئۆتۈپ ئۈلۈپ تۈگىشىشنى ئويلۇدۇم.بىردىن باللىرىم يادىمغا كەلدى.ئۇلار شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.‹‹خوش دىدىم ››-ئىچىمدە ئۇلارغا.يۈرۈگۈم ئازاپتىن پىچاق بىلەن تىلاندەك بولۇپ كەتتى.‹‹پەرزەنىت ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى›› مەتن يۈرەك پارىللىرىمنى ئۇ شۇم ھۇقۇشقا قانداقمۇ تاشلاپ قۇياي.ئۇلار ئۇنىڭ زەھەرلىك پەنجىسىدە قانچىلىك قىينىلار،ئۇنىڭ يېقىمسىز ھۇۋلاشلىرىدىن قانچىلىك ئازاپلىنار.ياق ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كىتەي،ئۇلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزاي.يەنە باللىرىمغاقارىدىم .قولوم بۇشۇشۇپ تىترەشكە باشلىدى.‹‹يولۋاس جېنىدا ئۆزبالىسىنى يىمەيدۇ››مەن ئۇلارغا قانداقمۇ زىيانكەشلىك قىلاي.بىراق ھېلقى ھۇۋقۇشچۇ؟بۇلارنى ئويلاپ ساراڭدەك بولوپ قالدىم. گاھ ھۆكىرەپ يىغلايتتىم.گاھ باللىرىمنى قۇچاقلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم.
بىردىنلا كاللامغا بىر خىيال كەلدى.ھۇۋقۇش پەقەت كىچىسى ۋەھىمىلىك ھۇۋلاپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ يۈرىدۇ.ئۇ كۈن نۇرىدىن قورقىدۇ.بىراق مەن ئۇنداق ئەمەس.مەن ئۇنىڭ ھۇۋلىشىدىن قورقۇپ قالمايمەن.پەقەت ھۇۋقۇش ئۇنى تۈندىكى غېرىبانە كۈلبىسىگەمەھكۇم قىلۋالمىسىلا ئۇيەنە قايتىپ كىلىدۇ.مەن ئۇنۇڭغا قۇچاق ئاچىمەن.باللىرىم بىلەن بەختىلىك ياشاشقا تىرشىمەن!....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 06:30 PM