مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 3

ماركىنىڭ تىجارەتتىكى رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15222
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8536
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 11:38:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماركىنىڭ تىجارەتتىكى رولى


ئىستېمال قەھەتچىلىكى بولغان دەۋردە، بازاردا سالغۇدەك تاۋارلا بولسا ئۇنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت بولۇپ، قاراڭغۇ بازارچىلار خىلمۇ خىل تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئۇزۇن چاپاننىڭ ئىچىگە تىقىپ ساتىدىغان، خېرىدارلار مالنى كۆرمەي تۇرۇپلا پۇل سانايدىغان ئىشلار يۈز بەردى. زامان ئۆزگىرىپ، دەۋر ئالمىشىپ ئىستېمالدىكى تەمىنلەش- تەلەپ مۇناسىۋىتى بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان بولدى. سودا- سېتىق ئىشلىرى مىسلىسىز دەرىجىدە جانلاندى. ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ رىقابىتى كۈندىن- كۈنگە كەسكىنلىشىپ، ئەمەلىي كۈچى يېتەرلىك بولمىغان نۇرغۇن كارخانىلار ئوبورت ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بازارنىڭ ئاچقۇچى زادى نەدە؟ سودا ساھەسىدىكى ئاقىل ھەم دانالار نۇرغۇن ئىزدىنىشتىن كېيىن شۇنى تونۇپ يەتتىكى: كۈچلۈك رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش، سودىدا كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى- ئىستېمالچىلارغا ئۆز ئەۋزەللىكى، ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق تونۇتۇش، خاسلىققا تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەش ھەمدە شۇ ئاساستا قەدەممۇ- قەدەم ئىلگىرىلەپ سەرخىللاردىن بولۇشتۇر. ھالبۇكى، بۇ جەرياندا ماركا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەملەر بەلگىگە تايىنىپ ياشايدۇ. خۇددى قاتناش بەلگىلىرى كىشىلەرنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغاندەك. بازاردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بەلگە- ماركا كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋېلىش نىشانىغا يېتىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ماركىسىز تاۋار خۇددى ئىسىمسىز ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئىسىم- فامىلە بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمدىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولۇپ، ئىسىمنى بىلمەيدىغان ئادەملەرنى پەرقلەندۈرۈپ ئەستە تۇتۇش ئاسان بولمىغاندەك، بىر تۈردىكى ماركىسىز تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈشمۇ قىيىنغا توختايدۇ.
ماركىسىز تاۋار گاچا قىزغا ئوخشايدۇ. گاچا قىز ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئاسانلىقچە بىراۋنىڭ ئوتلۇق مېھىر- مۇھەببىتىگە نائىل بولالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب تىل ئالاقىسىدىكى قۇلايسىزلىق تۈپەيلى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن بولىدىغانلىقىدا. ئوخشاشلا، ماركىسىز تاۋار ھەر قانچە سۈپەتلىك بولسىمۇ، ئىستېمالچى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاسانلىقچە ئىشەنچ تۇرغۇزالمايدۇ- دە، قايتا سېتىۋېلىشقا ئالدىرىمايدۇ.
ماركا- كارخانا ئىناۋىتىنىڭ شۇنداقلا تاۋار سۈپىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، كۆپ سانلىق ئىستېمالچى ئادەتتە سۈپەتلىك، ياخشى تاۋار سېتىۋېلىشنى ئارزۇلايدۇ- يۇ، تاۋار سۈپىتىنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ. پەقەت ماركىلا ئىستېمالچىلارنى تاۋارغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، مال سېتىۋېلىش ۋاقتىنى تىجەش ئارزۇسىغا يەتكۈزەلەيدۇ. سەۋەب شۇكى، ماركا ئەمەلىيەتتە تىجارەتچىنىڭ تاۋار سۈپىتى توغرىسىدا خېرىدارغا بەرگەن ۋەدىسى بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا تىجارەتچى بىلەن ئىستېمالچى ئوتتۇرىسىدا ئىناۋەت توختىمىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئالايلى، بىر تاۋارنىڭ ماركىسىنى ئەستە تۇتقاندىن كېيىن، تاۋار سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇل بولىدىغان تەرەپ ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە مەسئۇل بولىدىغان تەرەپلەرنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئەستە ساقلاش ياكى ئايرىم خاتىرىۋېلىشنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
ئۇچۇر ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ تەلىماتى بويىچە بولغاندا، ماركا سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ يىغىنچاقلانغان شەكلى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىستېمالچىلار مەلۇم بىر ماركا ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇردىن قانچە كۆپ مەنپەئەت ئالغانسېرى، شۇ ماركا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاۋارغا بەك ئىشتىياق باغلاپ، ئۇنىڭ ساداقەتمەن خېرىدارىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ماركىنى ئىستېمالچىنىڭ مەلۇم بىر تاۋارنى تەكرار سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كومپاس، شۇنداقلا تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچىلار ساداقەتمەن خېرىدارنى ئۇزاققىچە كونترول قىلىشتا تايىنىدىغان ئەنگۈشتەر دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، ھازىر ماركىنىڭ رولى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋى ماركا تاۋاردىكى ئىچكى سۈپەت ئامىلىنىڭ تاشقى ئىپادىسى، يەنى تاۋارنىڭ فىزىكىلىق سۈپىتىنىڭ بەلگىسى بولغان بولسا، زامانىۋى ماركا ئېلان تەشۋىقاتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز شەكلىدىن ئارتۇق مۇستەقىل ۋە شەكىلسىز قىممەتكە ئىگە بولۇپ، كارخانا مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىۋى تۆۋرۈكىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. مىسال ئالساق، بەش ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرى ماركىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بىلەن "كوكا كولا" ئىچىملىكىنى كۆرسە چۇرقىرىشىپ كېتىدۇ. "كوكا كولا" دۇنياغا تونۇشلۇق ماركا بولۇپ، 2005- يىللىق ماركا قىممىتى 67 مىليارد 595 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قىممەتنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ھېسابلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى بىلىۋالساق كۇپايىكى، جاھاننىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى بىر ئىستېمالچى بىر قۇتا "كوكا كولا" ئىچىملىكى سېتىۋالسا، خەجلىگەن پۇلىنىڭ كەم دېگەندىمۇ ئون يېگىرمە پىرسەنتى ئامېرىكىغا ئېقىپ، "كوكا كولا" شىركىتىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.
"كوكا كولا" شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىساھ كاندىلېر بۇندىن يۈز نەچچە يىل مۇقەددەم دېگەن تۆۋەندىكى بىر قانچە جۈملە سۆز ماركىنىڭ مۇستەقىل روھ ۋە شەكىلسىز قىممىتىنى ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ: "'كوكا كولا'نىڭ بارلىق زاۋۇت ۋە باشقا مال- مۈلۈكلىرى بۈگۈنلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان تەقدىردىمۇ، قولۇمدا 'كوكا كولا' دېگەن مۇشۇ ماركىلا بولسا، كۆپچىلىككە شۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ جاكارلايمەنكى، يېرىم يىلدىن كېيىن، كۆلىمى ھازىرقىدىن قېلىشمايدىغان يېپيېڭى بىر 'كوكا كولا' شىركىتىنى بەرپا قىلالايمەن".
يەنە مىسال ئالايلى، ۋاسكىتبول چولپىنى ماركور جورداننىڭ توپ ئويناش ماھارىتىگە مەپتۇن بولغان يىگىتلەر ئىشتىياقىنى "نەيك" ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىش بىلەن قاندۇرىدۇ. "تويوتا" ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلى باھاسى قىممەت بولغانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى بىخەتەر بولغانلىقى بىلەن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. "مونتاگۇت" كۆينىكىنى كىيگەن ئەپەندىلەر ئۆزىنى باشقىلاردىن روھلۇق، قەددى- قامەتلىك ھېسابلايدۇ. ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىكلەر ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ شەھەردىمۇ "كونتاكى" توخۇ كاۋىپىنى تېپىپ يىيەلەيدىغانلىقى، "ناپالىئون" ياكى "XO" ماركىلىق براندى ھارىقى تېپىپ ئىچەلەيدىغانلىقى، "كاررىفور" تاللا بازىرىدىن مال سېتىۋالالايدىغانلىقى بىلەن خۇددى ئۆز يۇرتىدىكىدەكلا ياتسىرىماي، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. بۇلادىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زامانىۋى ماركا ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلارنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىلا ئەمەس بەلكى، بايلىق، بىخەتەرلىك، گۈزەللىك، كۆڭۈل ئازادىلىك، مېھرى مۇھەببەت، ئارزۇ- ئارماننىڭ، ھەتتا بىر كارخانا، بىر شەھەر، بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ سىمۇۋۇللۇق بەلگىسىگە ئايلانغان.
قىسقىسى، ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان، ئوبۇرت ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماركا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، ئاممىنىڭ ماركىغا بولغان ئۇقۇملاردىن تەپسىلىي خەۋەردار بولۇش ئىستىكى بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ. گەرچە بەزى تىجارەتچى، كارخانىچىلار خېلى بۇرۇنلا ماركا ئىشلىتىش، ماركىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگەن بولسىمۇ، ماركا ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداشقا دائىر كەسپىي ماتېرىياللار كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار ماركىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى تاپالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، تىجارەت قىلماقچى ۋە سودىدا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتماقچى بولغانلار چوقۇم ماركا ھوقۇقى، ماركا تەبىرى، ماركا ئىشلىتىش شۇنداقلا ماركا ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا دائىر ئەمەلىي بىلىملەرنى ئەتراپلىق ئىگىلىشى ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سودا پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشتە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر.

مەنبە: ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى http://www.igilik.net
ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز «ئىگىلىك تورى » سىزنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئىشەنچلىك تاللىشىڭىز بولغۇسى!
http://www.igilik.net/elan/marka/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-19 12:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ئىستىمالچىلارنىڭ مارىكغا بولغان چۈشەنچىسى ئېشىپ ماڭماقتا ھازىر ئادىيسى ناۋاي ئۇستاملارمۇ ماركىلاشتۇرۇپ بولدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 637
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3844
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2179 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 04:35:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماركڭنڭ نەدىن ىلتڭماس قىلىدۇ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 02:00:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماركىنڭ سودىدا روھلى ھەقىقىتەن چوڭ ھەم بەك موھىيوم. ھەقىقى ماركا ئوزۇن مودىدەت تىرشپ ئشلەش جاپا ــــ موشەققەت بىلەن كۇرەش قىلش.نورغون بەدەل تۇلەش. تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلەش بىلەن مەيدانغا كىلىدو.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش