سېغىنىش

ئۇيقۇ قاچقان ئۇزۇن تۈنلەردە،
ئەسكە ئالدىم خۇشال كۈنلەرنى.
بۇ كىچىنىڭ جىمجىتلىقلىقى،
يۈتۈپ كىتەر مەۋجۇدلىقىمنى.

ئۇيقۇ قاچقان ئۇزۇن تۈنلەردە،
خىيال قۇشۇم پەرۋاز قىلىدۇ.
كەلكۈن كەبى كەلگەن ياشلىرىم،
يۈزلىرىمگە سىڭىپ كىتىدۇ.

ئۇيقۇ قاچقان ئۇزۇن تۈنلەردە،
مەن ئىشقىڭدا ئاۋارە بۇ دەم.
خىيالىڭغا كىرمەسمەن بەلكىم،
سىنى ئويلاپ يۈرسەممۇ ھەردەم.

سۆيگۈ دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ

كۆيۈپ قالدىم يۇشۇرۇن ساڭا،
بۇ دەردىمگە يوقمىدۇ داۋا.
سۈكۈت قىلاي تارتساممۇ جاپا.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ.

كۆيگەنلەرگە كۆڭۈل بەرمىدىم.
ئاھ ئۇرغانغا پەرۋا قىلمىدىم.
دەرتتىن مەنمۇ خالى بولمىدىم.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ.

كەتتى مەندىن ئۈمۈد كۈتكەنلەر،
دەرتتە قالدى ماڭا كۆيگەنلەر.
نەپرىتىدە قارار ئۆزگىلەر.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ.

مەنبە: ئۆزۈم