|
|
|
|
ياشايمەن
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
خىياللارغا ئەسىر بولۇپ ھەر دەقىق،
دىلخانەمدە ئەركىن ،تەنھا ياشايمەن.
ئۆزۈم قازى،ئۆزۈم بولۇپ جاۋابكار
كەچمىشىمنى ئىبرەت بىلەن ساۋايمەن.
نېمە قىلدىم؟نېمە قىلدى ئۆزگىلەر؟،
قىلمىشىمنى شاپىلاقلاپ تاسقايمەن.
ساۋاقلارنى ئۇنتىماستىن ھەر دەقىق،
ھۇشيار بولۇپ ئەس-يادىمدا ساقلايمەن.
ھايات ماڭا ئۆگەتكەنچە ھەممىنى...
گاھى مەمنۇن،گاھى ھەيران قارايمەن.
تەبىئەتكە قول قوشتۇرغان پەسىلدەك،
گاھ زېمىستان،گاھ قۇياش بوپ تارايمەن.
ئۆزۈم بىلەن تەڭ تۇغۇلغان خۇيۇم بار،
توغرا يولدىن پۇتلاشساممۇ قايتمايمەن.
ئىنساندۇرمەن،ئىنسانغا خاس خىسلەتنى،
ھەرتىنىقتا ھەر زىكرىدە يادلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 03:15 AM
|
|
|
|
|
|