|
|
|
|
بۇ قېتىملىق دەم ئېلىشتا يۇرتقا بېرىپ تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ئويناپ كەلدىم. خوتەنگە چۈشۈپلا كىچىكىمدىن باشلاپ ئېتىز بويلاپ، ئېرىق ئاتلاپ، مۇزغا چۈكۈپ دىگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ئويۇنىغا ئۈلگۈرۈپلا بېرىپتىمەن. بۇ قېتىملىق مۇساپىقە 2- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ ئىگەرچى كەنتى تەرەپتە كېرىيە، چىرا، جىيا، توساللا، خوتەن شەھرى قاتارلىق كوماندىلار ئارا، 2- ئاينىڭ 9- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قارا ساي يېزىسىدا خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابقە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز- ئارا تەشكىللىنىشى ۋە بايلارنىڭ مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كەسكىن ۋە جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكى ئۆزۈم نەخ مەيداندىن تارتىۋالغان سۆرەتلەر بولۇپ دوستلار بىلەن ئورتاق ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يوللىدىم. كۆرۈپ باققايسىلەر. بۇ قېتىملىق دەم ئېلىشتا يۇرتقا بېرىپ تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ئويناپ كەلدىم. خوتەنگە چۈشۈپلا كىچىكىمدىن باشلاپ ئېتىز بويلاپ، ئېرىق ئاتلاپ، مۇزغا چۈكۈپ دىگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ئويۇنىغا ئۈلگۈرۈپلا بېرىپتىمەن. بۇ قېتىملىق مۇساپىقە 2- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ ئىگەرچى كەنتى تەرەپتە كېرىيە، چىرا، جىيا، توساللا، خوتەن شەھرى قاتارلىق كوماندىلار ئارا، 2- ئاينىڭ 9- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قارا ساي يېزىسىدا خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابقە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز- ئارا تەشكىللىنىشى ۋە بايلارنىڭ مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كەسكىن ۋە جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكى ئۆزۈم نەخ مەيداندىن تارتىۋالغان سۆرەتلەر بولۇپ دوستلار بىلەن ئورتاق ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يوللىدىم. كۆرۈپ باققايسىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 10:56 AM
|
|
|
|
|
|