|
|
|
|
ئالتۇن بازىرى خەتەرلىك ئەھۋالدا
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-99063-1-1.html
كەڭ تاشقى پىرۋۇت سودىگەر دوستلىرىمىزنىڭ كۇچلۇك تەلىپىگە ئاساسەن ،يىقىنقى ئالتۇن كۈمۈش تاشقى پىرۋۇت بازىرىغا ئازدۇر كۆپتۇر تەھلىل ئىلىپ بىرىشنى لايىق تاپتىم .ئوقۇش ۋە ئائىلىۋى ئىشلار تۇپەيلى مۇنبەرداشلارنى ۋە تاشقى پىرۋۇت سودىگەرلىرىگە تازا دىگەندەك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى يوللاش ئىمكانىيىتى بولماي قالدى .بۇگۇن ئاللاھ خالىسا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مەزكۇر يازمامنى يوللىدىم.
يۇقارقى تىمىدا "ئىرپان"ئەپەندى ، ئۆتكەن ھەپتىلىك ئالتۇن بازىرىنىڭ چوڭ چۇشۇش ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلىپ بوپتۇ ، شۇڭا بۇ تۇغرىسىدا قايتا تەكىتلىمەيمەن .ئالتۇن بازىرى يۆلىنىش گىرافىكىنىڭ ھەپتىلىك كۇنلۇك ۋە ئايلىق ۋاقىت بۆلەكلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا ، ھەممە ۋاقىت بۆلەكلىرىنىڭ چۇشۇش تونىل ئىچىگە كىرىپ بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز .ئەگەر تىخنىكىلىق ئانالىز ئامىللىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارايدىغان بولساق ،مال ئالماقچى بولغان دوستلارنى چۇشۇشكە مال ئىلىشقا رىغبەتلەندۇرىمىز .
ئەمما ئاساسىي ئانالىز ئامىللىرى كۆپىنچە بازار تەھلىلچىللىرىنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا.ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئالتۇن بازىرىنىڭ چوڭ چۇشۇشىگە ئاساسلىقى QE3نىڭ تەسىرىنىڭ پۇتۇنلەي بازاردىن چىكىنگەنلىكىنى ۋە ئامىرىكا ئىقدىسادىنىڭ كۆرىنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى سەۋەپ بولغان .ئۇنداقتا QE3نى راستىنلا ئەمەلدىن قالدۇرارمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە QE3 بولسا بوشلۇقتا لەيلەپ قالغان قوزغاتقۇچ خالاس .فىدىراتسىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئۇنى قايتا ئىجرا قىلمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھىساپلىساق بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۇستىگە ياۋرۇپا ۋەزىيىتى يەنە قايتىدىن ئوساللىشىپ ،ياۋرۇغا بىسىم ئىلىپ كەلگەن ،شۇ ۋەجىدىن دوللار كۆرسەتكۇچى ئۇزلۇكسىز تۇردە ئۆسۇش يولىنىشىدە ماڭغان .ئامىرىكا ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا خىلىلا تۆۋەنلىگەن . ئۇنداقتا ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكا قوش تەرەپ ئالتۇن بازىرىغا يەنە قايتىدىن بىسىم ئىلىپ كىلەرمۇ ؟
تەھلىللىرىمىزدە دەل مۇشۇنداق مۇلاھىزە قىلىۋاتىمىز .ھازىرقى ئالتۇن بازىرىنى ئەڭ كۇچلۇك ئۆستۇرگۇچى ئامىل يەنىلا ئامىرىكا ئىقدىسادىنىڭ ناچارلىشى ۋە QE4نىڭ قوزغىتىلىشى .ئەگەر ئامىرىكا ئىقدىسىدا داۋاملىق تۇردە ياخشىلىنىپ، ئەكسىنچە ياۋرۇپا ۋەزىيىتى قاتماللاشسا، ئالتۇن كۈمۈش بازىرى يىڭى باشتىن تۆۋەن نۇقتىنى يارىتىشى مۇمكىن .ئالتۇن بازىرىنىڭ 2 يىللىق ئەڭ مۇستەھكەم تىرەش نۇقتىلىرى بولغان 1535~1525-دوللار ئەتراپىنى قايتا سىنىمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ 1585دوللارغا چۇشۇش ئىھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭراق .
ئالتۇن بازىرى 1625دوللار ئەتراپىغا بىر تەڭشەلگەندىن كىيىن 2-قىتىملىق چۇشۇشكە كىرىشى مۇمكىن .
مەنبەسى : ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-18 11:07 PM
|
|
|
|
|
|