مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1520|ئىنكاس: 0

تىببى ئىلىم ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 05:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. يېقىندىن بۇيان YY ئاۋازلىق قانىلىدىن پايدىىنى تىببى ساۋاتلارنى سۆزلەش جەرياندا تورداشلارنى قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك نەزىرىيە بىلىم سۆزلەش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان قىززىقىشىنى قوزغاش مەقسىتىدە كۆپ ماتىرياللارنى كۆردەم. ھەممىسى بۇرۇن كۈرۈلگەن ماتىرياللار. بۇ كۈرۈشۈم تەكىرار ئورنىدا بولدى. لىكىن مەن ياختۇرۇپ ئۇقۇيدىغان ‹قابۇسنامە› دىگەن كىتاپتا تىببى ئىلىم توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچە بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇقۇپ كۆرسەم ھەقىقەتەن مېغىزلىق نەزىريە بوتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىن خەۋەرسىز كىشىلەر ئۇقۇپ مەنىسىگە يىتەلىشى تەس.  لىكىن ئاۋازلىق قانىلىمىزدىكى مەزمۇنلار دەل مۇشۇ نەزىريەنىڭ يىشىمى بۇلالايدۇ.  ئەگەر ئايالپ بېقىشنى خالىسىڭىز ھەركۈنى كەچ سائەت 7:00(ئۈرۈمچى ۋاختى) دە قانىلىمىزغا كىرگەيسىلەر. ئاۋازلىق قانال نۇمۇرىمىز. ID:13823219
ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ‹‹ ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بۇلىدۇ. ئۇنى بىرى ھىپزى سىھھەت (تىب) ئىلىم. يەنە بىرى تۈرلۈك دىنلارنى بىلىش، تەتقىق قىلىش ئىلمى›› دىگەن ئىدى. بۇ يەردە تىببى ئىلىم دىن ئىلىمىدىن بۇرۇن بايان قىلىندى. چۈنكى ئىنساننىڭ تىنى ساغلام بولمىسا، دىننىڭ ئىبادەتلىرىنى قىلىشقا قادىر بۇلمايدۇ. ئىنسان ساق - سالامەت بولسا دىننىڭ ئىبادەتلىرىنى، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىببى ئىلىم ئىلگىرى قۇيۇلىدۇ. ئەگەر تىۋىپ بولساڭ تىبابەت ئەسلىنى ياخشى بىلگەنسەن. تىب ئىككى قىسىم بۇلىدۇ. بىرى تىببى ئىلىم (تىب ئىلىمنىڭ نەزەريىسى)؛ يەنە بىرى تىببى ئىلىمنى ئەمىلىيەتتە قوللىنىش. بۇلارنى ياخشى تەتقىق قىلىپ بىلىش كىرەك. چۈشىنىش كىرەككى ئادەمنىڭ بەدىنىدە بار نەرسىلەر بەدەننىڭ بەرپا بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئامىللاردۇر. مەسىلەن: ئەقىلگە ئوخشاش. ئەگەر ئادەمنىڭ ئەقلى يۇقالسا بەدەن ئۆز ھالىتىدە تۇرمايدۇ، يىقىلىدۇ. بەدەننىڭ قۇۋىتى قان بىلەن بۇلىدۇ. ئەگەر قان كەتسە بەدەن ئاجىزلايدۇ. بەدەن جان بىلەن ھەركەتكە كىلىدۇ. ھالەتتىن - ھالەتكە يۆتكىلىدۇ. ھەركەتلىنىدۇ. جانسىز بەدەن ھەركەت قىلمايدۇ. بۇ ماددىلار تەبىئىيدۇر. ئەلۋەتتە ئادەم بۇ نەرسىلەرسىز تىرىك بولمايدۇ. ئادەمدە تاشقى تەركىب بۇلىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ تاشقى تەرىپىدىن پايدا ياكى زىيان قىلىدۇ، ۋاستە بىلەن بۇلىدۇ. مەسىلەن: بىركىشى ئىككىنچى كىشىدىن ئىنتىقام ئېلىش قەستىدە بولسا يالغۇز بولغاندا ئىنتىقام ئالالمايدۇ. بۇلۇپمۇ دۈشمىنى ئۈزىدىن كۈشلۈك بولغاندا ئىنتىقام ئېلىشقا پرتىنالمايدۇ. ئەگەر ياردەمچىسى بولسا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ ماددىلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇۋاپىقلىشىشى بىلەن بەدەن ھاياتى كۈچ ھالىتىدە بەرپا بۇلالايدۇ.
تۆت خىلىت ئىنسان بەدىنىدىكى تەركىب (تۈزۈلۈش) تىندۇر. بۇ تىب ئالىملىرى ئۇسلوبىدا ‹‹ئىستىقساد ۋە ئاناسۇرى ئەرنەئە›› (ئىپتىدا بولغان ماددا) دىيىلىدۇ. ئاناسۇرى ئەرنەئە سۇ، ئوت، شامال(ھاۋا)، تۇپىراقتىن ئىبارەت بۇلۇپ ئىنساننىڭ ئىپتىدايى يارىتىلىشىدا بار ماددا دىمەكتۇر. بۇ ماددىلار ئىنسان مىجەزىگە يېقىن (مۇرەككەپ) دۇر.  ئىنسان مىجەزى توققۇزدۇر: بىرى مۆتىدۈل مىجەز، قالغان سەككىزى غەيرى تەبىئە مۆتىدىل(غەيرى نورمال) مىجەزدۇر. بۇ سەككىز مىجەزنىڭ تۆتى يالغۇز ھالەتلىك، تۆتى مۇرەككەپ (بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك) تۇر. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى ئادەم ئەزاسى خىلىتلار بىلەن مۇرەككەپتۇر. خىلىت مىجەز بىلەن مۇرەككەپتۇر، مىجەز ئاناسۇر (ئىلمىنىت) بىلەن مۇرەككەپتۇر. ئاناسۇر بەدەننىڭ چوڭقۇر ماددىسىدۇر. بۇنىڭدىن سۈرەت (شەكىل) جىنىسقا تەئەللۇق بولغىنى ‹‹قەۋا›› (كۈچ)، روھ، پائالىيەتتىن ئىبارەت. قەۋا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: (1) نەپسانىي (ھاياتنىڭ زاتى): (2) ھايۋانى (ئادەمنىڭ تىرىك بۇلىشى)، (3) تەبىئىي.
ھەركەت قۇۋىتى شۇكى ئادەم ئەزالىرىنىڭ تۈر سانى قانچە بولسا ئۇنىڭ سانى شۇنچە بۇلىدۇ. ئىدراكى قۇۋۋەت ئىچكى ئەزادا بۇلىدۇ. ئۇ خىيال، پىكىر، ئەس - يادىغا كەلتۈرۈ. ھايۋانى تەبىئەت 2 تۈرلۈك بولىدۇ: (1) قىلغۇچى ۋە قۇبۇل قىلغۇچى، تەبىئىي مىجەز - تۇغدۇرغۇچى، تەربىلىگۈچى: (2) پائالىيەت ۋە نەپسانى مىجەز مىجەزى تەبىئىينىڭ سانى باراۋىرىدە بولىدۇ. چۈنكى ۋوھ قۇۋەتنىڭ خىزمەتكارى ۋە پائالىيەتنىڭ پەيدا بۇلۇش ئورنىدا بۇلىدۇ. پائالىيەت قۇۋەتنىڭ تەسىرىدۇر. پائالىيەت ھەممىسى بەرپا بۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ سان باراۋىرىدە بۇلىدۇ. روھ 3 تۈرلۈك بۇلىدۇ. نەپسانى، ھايۋانىي، تەبىئىي. بۇنىڭغا تەۋە بولغۇچىلار بەدەننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە بۇلۇپ تۇرۇشى ئىسپاتى. مەسىلەن : سىمىزلىككە ئوخشاش، بۇ ئادەم مىجەزىنىڭ سوغوققا تەۋەلىكىدىندۇر. ئۇرۇقلۇق ئادەم مىجەزىنىڭ ئىسسىقلىقىغا تەۋەدۇر. ئادەم بەشىرسى (يۈز - قىياپىتى) نىڭ قىزىللىقى قانغا تەۋەدۇر، يۈز - قىياپىتى، تىرىنىڭ سېرىقلىقى سەپىراغا تەۋەدۇر. تۇمۇرنىڭ ھەركىتى ھايۋانىي (ھاياتىي) قۇۋەتنىڭ كۈچىگە تەۋەدۇر. تۇمۇرنىڭ مۇنپىلە(خىجىلىق، ئۇيۇتۇش....) گە تەۋەدۇر.   بەدەننى بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىيەلەيدىغان نەرسە زۆرۈرىي دىيىلىدۇ. ھاۋا، ھەركەت، تاناق، شۈك تۇرۇش، ئوخلاش، ئويغاقلىق تەبىئەتنىڭ تۇتۇلىشى ۋە راۋانلىقى، نەپسى ناتىقەگە يۈزلىنىدىغان نەرسىلەر، غەم - قايغۇ، غەزەپ، قورقۇش قاتارلىق زۆرۈرىي سەۋەپتۇر. بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى: يۇقارقى ھالاتلەر ئادەمگە دۇچ كىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئادەمنىڭ بەدىنىگە تەسىر يىتىدۇ.  بۇ نەرسىلەر نورمال بولسا ئادەم سىھھەت بۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ھالەتلەر بۇزۇلسا بەدەندە ئاغرىق پەيدا بۇلىدۇ. مەسىلەن: غايەت توقلۇق ياكى ئاچلىق، كۆپ ئۇخلاش، غايەت ئۇيقۇسۇزلۇق، غايەت خۇشاللىق ياكى غايەت قورقۇش يۈز بەرگەندە ئادەم كىسەل بۇلىدۇ.
ئەي ئوغلۇم تىب ئىلىم جالىنوس ئەسەرلىرى شەرھىدە ‹‹16 تۈر›› گە بۈلۈنىدۇ. بۇنى ئىقتىساد بابىدىن خىلىت ئىلمىنى ‹‹16 تۈر›› نىڭ ئىككىنچى ماقالىسىدىن ۋە ئوخشاش ئەزالار بايانىدىن، دىئاگنۇز بابىدىن كۈرىۋالغايسەن. يەنە تىب ئىلىمىدە ماھىر بۇلۇشنى خالىساڭ، ‹‹كەۋنى ۋە پاساھەت›› كىتابىدىكى مىجەز ئىلىمىنى ئۈگەنگىن. ئەجىرام ساماۋى(ئاسمان جىسىملىرى) تەركىبىدە ۋە ئالەمدە نىمە بارلىقىنى ئۈگەنگىن. ‹‹قەۋا›› ۋە پائالىيەت - ھەركەت ئىلىمىنى ‹‹كىتابى نەپس›› ۋە ھېس، ھېس قىلىنغۇچى شەيئىلەر ھەققىدىكى كىتاپلاردىن ئۈگەنگىن. ئەزد ئىلمىنى ‹‹كىتابۇلھايۋان›› دىن ئۈگەنگىن. سەۋەب ۋە كىسەللىك ھەققىدىكى بىلىمنى ‹‹سىتتەئەشەرە›› (16 تۈر) نىڭ بىرنىچى ماقالىسىدىن ئۈگەنگىن. بۇ كىتاپلارنى ئۇقۇپ تەتقىق قىلساڭ تىب ئىلىمىدە زور ئالىم بۇلىسەن. ئەي ئوغول تىبنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىنى بىرئاز بايان قىلدىم.
ئەمدى تىبنىڭ ئەمىلىيتىدىن بىرئاز بايان قىلىشىم لازىم. ئىلىم ۋە ئەمىلىيەت تەن بىلەن جانغا ئوخشايدۇ. جان تەنسىز بولمايدۇ، تەن جانسىز بولمايدۇ. ئەگەر بىر كىسەلنى داۋالىماق بولساڭ ئاۋال كىسەلنىڭ ياش ۋە قېرىلىقىنى، تائامىنى تەكشۈرۈپ كۆر. ئەگەر كىسەل قېرى ئادەم بولسا يىمەك - ئىچمەكلىرى قانداق بۇلۇشى كىرەك؟ ئوتتۇرا ياش ئادەمنىڭ تائامى قانداق بۇلۇشى كىرەك؟ كىچىك بالا بولسا قانداق تائام يىيىشى كىرەك؟ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن كىسەلنى داۋالاشقا كىرىشكەيسەن. كىسەلنىڭ تائامىنى ۋە كىسەلنى بىلمەيتۇرۇپ داۋالاشقا كىرىشمىگەيسەن. بىلگىنكى كىسەل ئۈچۈن ئەسلى ئىلاج غىزادۇر. داۋالاش 2 تۈرلۈك بۇلىدۇ: بىرى كىسەلگە تائام يىگۈزۈش، ئىچىرۈش.  يەنە بىرى يىمەك - ئىچمەكنى مەنى قىلىش. بۇ ئىشلارنى بىجىرمەي تۇرۇپ داۋالاشقا ئۆتمەسلىك كىرەك. تىۋىپ بولغۇچى كىشى ئالدى بىلەن بىمارنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك قۇۋۋەت بار؟ كىسەل نىمە سەۋەپتىن پەيدا بولغان؟ كىسەل كىشىنىڭ مىجەزى قايسى خىلدا؟ كىسەللىكنى داۋالاشقا كىرىشكەن پەسىل تازمۇ، بازارمۇ، قىشمۇ، كۈزمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى كىرەك. بۇنڭدىن كىيىن كىسەلنىڭ تۇمۇر ھەركىتىگە قاراش لازىم. تىۋىپ شۇنى بىلىش لازىمكى كىسەلنىڭ بۆھران ئالامىتى(بەلگە) لىرى ياخشىمۇ، يامانمۇ؟  تىبدە بۆھران دەپ ئاتالغان ھالەت شۇكى كىسەلنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىللىەت ماددىسى(كىسەللىك ئېلمېنېتى) بىلەن جەڭ قىلىدۇ. تەبىئەت غالىپ كەلسە بۆھران تامام بۇلىدۇ. ياخشىلىقتىن ئۈمۈت بار. ئەگەر تەبىئەتتىن ئىللەت ماددىسى غالىپ كەلسە غالىپ كەلسە ناقىستۇر. يەنى ياخشى ئەمەستۇر. كېسەللىكنى تەكشۈرگەندە كېسەلنىڭ سەۋەبىنى، مىجەزىنى، يېشىنى، كىسەل كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى، كېسەلنىڭ خائىشىن، كىسەل بولغان يېرى ۋە قىززىتمىسىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرگەي ۋە تەتقىق قىلغاي.
  بىلىش لازىمكى ئىسسىقتىن بولغان كىسەلنى قانداق داۋالاش كىرەك؟ يىب قانۇنىغا مۇۋاپىق داۋالاش لازىم. بۇ ھەقتە تەپسىلى بايان بىرىلسە ھەر بىر بابقا بىر كىتاپ لازىم بۇلىدۇ. تېۋىپ كىسەلخاندا كۆپ خىزمەت قىلغان بۇلىشى لازىم. ئۇ تۈرلۈك تۈرلۈك كىسەللىكلەرنىڭ شەكلى ۋە كەيپىياتىنى تۇنۇپ ئالغان ھەرقانداق ئاغرىقنىڭ نامىنى، شەكلىنى بىلىش(تۇنۇش) لازىم. ئەگەر تىۋىپ كىسەلنى تۇنىمىسا ۋە نامى (دىئاگۇنۇز) نى بىلمىسە بەكمۇ زور نادانلىق بۇلىدۇ. رېۋىپ تىببى كىتاپلاردىن ئۇقۇپ كۆرگەن، تەتقىق قىلغان نەرسىلەرنى ئالدى بىلەن ئاغرىق ئادەمنىڭ ئۆزىدە ئۆز ئەينى بۇيىچە كۆرەلىشى لازىم. داۋالاشتا مۇتەسسىپلىك قىلىپ ‹مەن بۇ كىسەلنى چۇقۇم داۋالايمەن› دىمە. كىچىك پىئىللىق بىلەن ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ كىتاپلىرى ۋە ئىلمىي تەجىربىلىرىگە تايىنىپ ئىشلىگەيسەن. تېۋىپ ئۈزىنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغاي. ئۆزىنى، تېنىنى پاك تۇتقاي، خۇزخۇي يۈرگەي، كىسەل كۆرگەندە چىرايىنى ئۇچۇق تۇتۇپ ياخشى سۆزلۈك بولغاي. كېسەلگە قۇۋەت بىرىپ سۆزلىگەي. چۈنكى تېۋىپنىڭ كىسەل كىشىگە مەدەت بىرىشى تەبىئىي ھارارەت ۋە روھى كۈچ بېغىشلايدۇ.
  ئەي ئوغول ئېسىڭدە بولسۇنكى كىسەلنى ئۇخلاپتۇ دەپ گۇمان قىلساڭ، چاقىرغاندا جاۋاپ بەرمىسە، سېنى تۇنىمىسا، كۈزىنى پات - پات ئېچىپ يۇمسا، قۇلىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ ئۆراپ ياتسا،ئەگەر بىھۇش بۇلۇپ ھەر ۋاقىت چاقىرسا قۇلىنى تاشلىسا، كۆزنىڭ ئېقى ئاۋالقى ھالدىن ئاقىراق، قارىسى ئاۋالقىدىن قارراق بۇلۇپ لېۋىنى يالىسا، يۈتەلسە، بەلغەم تۈپۈرىكىنى رەختەك بىر نەرسىگە ئېلىپ قۇرۇتۇپ يۇغاندىن كىيىن رەختە بەلغەمنىڭ ئىزى قالسا، قەي قىلسا(قۇسسا)، قۇسۇق ھەرخىل رەڭدە بولسا، قاتتىق ھەسەت، كۈنداشلىق ياكى قاتتىق غەم - قايغۇ تەسىرىدىن بولغان بولسا .... بۇلارنىڭ ھەممىسى يامان ئالامەتتۇر. داۋالىمىغىن. پايدىسى يوقتۇر. كىسەلدە يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۈرۈلمىسە داۋالاشتىن ۋە سىھھەت تېپىشتىن ئۈمۈد قىل.
  ئەگەر كىسەللىك ھالىتىنى تەكشۈرمەكچى بولساڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ كۆر. كىسەلنىڭ تۇمۇرى قۇۋەتلىك بۇلۇپ، بارماقلار ئارىسىدىن ئۆتكەنلىكى بىلىنسە قان ئۈستۈن (غالىپ) تۇر. ئەگەر تۇمۇرى ئىنچىكە بۇلۇپ تىز سوقسا سەپىرا ئۈستۈندۇر. ئەگەر تۇمۇر بارماق ئاستىدا ئىنچىكە ۋە سۇس، بەزىدە يوغان سوقسا ھۆللۈك (بەلغەم) نىڭ ئۈستۈنلىكى، تۇمۇر ئېتىلىپ قۇپال سوقسا قۇرۇقلۇق سەۋدانىڭ ئۈستۈنلىكى.  ئەگەر تۇمۇر چوڭ - كىچىك، ئاستا - تىز، مۇرەككەپ سوقسا دىققەت قىلىپ قايسى تەرەپ ئۈستۈن بولسا ئۈستۈن تەرەپكە ھۈكۈم قىلغايسەن. بۇ ھال ماددىنىڭ مۇرەككەپلىكى، يەنى قان، بەلغەم، سەپىرا ۋە سەۋدا ئارلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇ.
  تۇمۇر ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ بىلگەندىن كىيىن كېسەلنىڭ سۈيدۈكىنى شېشىگە ئېلىپ تەكشۈرۈش لازىم. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئاق ۋە قۇيۇق بولسا ىايغۇ - ھەسىرەت، ئەلەمدىن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئاق ۋە سۈزۈك بولسا بەدەندىكى خىلىت(ماددا)لارنىڭ خاملىقى، پىشمىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر سۈيدۈك كۆكۈش سېرىققا مائىل بولسا ئىچىدە قارامتۇل نەرسە بولسا ئۈچەي ئاغرىقى تەسىرىدۇر. ئەگەر سۈيدۈك سۇ مېيىغا ئوخشاش رەڭدە بۇلۇپ سۈزگەندە تېگىدە سىزىقچە كۈرۈلسە كېسەلنىڭ ۋاختى يېقىنلاشقانلىقى(ۋاپات بۇلىشى) نىڭ ئالامىتىدۇر. سۈيدۈكنى شېشىگە ئېلىپ تەكشۈرگەندە ئۈستى سېرىق، ئاستى قارامتۇل كۈرۈلسە كېسەل ئۆپكە ۋا تالدىن بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە قارىلىق بولسا دورا قىلماسلىق لازىم. سۈيدۈكنىڭ تېگى يىشىل ياكى سېرىق بولسا يامان ئالامىتتۇر. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى يىشىل ياكى سېرىق بولسا پات سىھھەت تاپىدۇ. ئەگەر كىسەل كىشى جۆيلىسە، سۈيدۈكى قىزىل، قارامتۇل بولسا ياكى قان ئارلاش بۇلۇپ ئۈستىدە كۈپۈك بولسا ئېھتىيات قىلىش لازىم.  ئەگەر سۈيدۈك قارا بۇلۇپ ئۈستىدە قانغا ئوخشاش نەرسە بولسا مۇنداق كىسەلگە يېقىن كەلمە (داۋالىما، ئەھمىيىتى يوق). ئەگەر سۈيدۈك رەڭگى قارا بۇلۇپ ئۈستىدە كۈپۈك بۇلسا ياكى ئۈستىدە قانغا ئوخشاش نەرسە بولسا كېسەل كىشى بىلەن رازىلىشىش كىرەك. ئەگەر سۈيدۈك سېرىق بۇلۇپ ئىچىدە قۇياش زەرچىسىدەك نەرسىلەر بولسا كىسەل قاندىن بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. قان ئالدۇرسا پاتلا سىھھەت تاپىدۇ. سۈيدۈك سېرىق بۇلۇپ ئاق سىزىقلار بولسا كىسەل ئۇزاققا سۇزۇلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك سېرىق بولسا كىسەل تالدىن بولغان بۇلىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك يىشىل قارامتۇل بولسا ئىسسىتما تىبدۇر. ئەگەر سۈيدۈك ئاقۇچ بولسا سىركە قۇرتىدەك نەرسىلەر كۈرۈلسە يەللىك بۇۋاسىر(گىمىروي) نىڭ ئالامىتىدۇر.
  ئەي ئوغول تۇمۇر ۋە سۈيدۈك ئالامىتىنى بىلدىڭ. ئەمدى كىسەلنىڭ تۈرىنى بىلىشىڭ زۈرۈر. كېسەلنىڭ جىنىسلىرى(تۈرى) كۆپ. ئەگەر كىسەلنى تۇنالىساڭ غىزا بىلەن داۋالاشنى قوللان. ئالدىراپ دورا بىرىشكە كىرىشمە. كېسەلگە سۈرگۈ بىرىشنى رەت قىلما. كېسەل ئېغىر بولسا يەككە داۋا بىلەن داۋالاش لازىم. ھەرگىزمۇ كىسەلگە تۆھمەت قىلما. كېسەل كىشىنىڭ قەۋزىيەت بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىن. كىسەل قۇبۇل قىلالمايدىغان يىمەكلىك، داۋانى بۇيرىما. زىيان قىلىدىغان نەرسىنى يىگەن بولسا ئۇنى دەپئى قىلىدىغان داۋا قىلغىن. يەنە كىسەلنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارىتى كېسەلنىڭ تۈپكى خاراكتىرىنى، ئۇنىڭغا ماس دورىلارنى توغرا ئېنىق تۇنۇشتۇر،
  تىب ئىلىم ھەققىدە بىر ئاز سۆزلىدىم. لېكىن بۇلار تېببىي ئىلىمنىڭ ھەممىسى ئەمەس.

تەييارلىغۇچىدىن: ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. كىتاپتىكى مەزمۇننىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆز ئەينى يوللاندى. ماقالىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى چۈشۈنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن قىسقىچە ئىزھات بىرىشنى توغرا تاپتىم.
تىب - تىببى مەنىسىدە.  سىھھەت - ساقلىق، ساقىيىش، ساغلاملىق مەنىسىدە.  سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا - بۇلار ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى 4 خىلىت.


مەنبە: قابۇسنامە ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت تورىدىن ئەلسىھەت بەگ تەييارلىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش