مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1923|ئىنكاس: 15

دوختۇرخانىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89597
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 398
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا، ئايالىم دوختۇرخانىدا تولغاق يەۋاتقىلى ئىككى سائەتتىن ئاشتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى تۇغۇتى بولغاچقا نېمە قىلىشىمنى بىلمەي، تەمتىرەپ ئۇيان - ئۇيان دوقۇرۇپ يۈرەتتىم. << ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك>> دىگەندەك، دوختۇرلار ھەر يېرىم سائەتتە بىر دېگۈدەك چاقىرتىپ ھەرخىل ۋەھىيمىلىك گەپلەرنى قىلۋاتاتتى:
- بال باش سۈيىنى ئىچىۋاپتۇ، تۇنجۇقۇپ قېلىشى مومكىن. شۇڭا تېزدىن ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ، ئوپراتسىيە كېلىشىمىگە قول قۇيۇ....
- بالا تەتۈر كېلىپ قاپتۇ. شۇڭا ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ. .....
قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. ئاخىرى بولماي كېلىشىمگە قول قۇيۇشنى قارار قىلىپ، تىتىرەپ تۇرغان قوللېرىم بىلەن قەلەمنى قۇلۇمغا ئالدىم.
- قول قويما،- دەپ توۋلىدىكى ئىشخانىغا سوڭدىشىپلا كىرىپ كەلگەن ئاتام، - ھەرگىز قول قويما، كېلىن بالام چوقۇم ئۆزى تۇغالايدۇ.
-سەن ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن سەن تولغاق يەپ بەك قىينىلىپ كېتىۋاتسا ؟
- ئەلۋەتتە تولغاق يەيدۇ، بىر جاننى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلماق شۇنداق ئوڭاي دەمسەن؟ ئوپىراتسىيە قىلسا، بەدەنگە تىغ تەگسە بىر ئۆمۈر كېسەلچان بۇلۇپ قالسىچۇ؟ شۇڭا سەل سەۋىرچان بول، ئەنسىرىمە،- ئاتام شۇنداق دەپ، مېنى سۆرىگەندەك قىلىپ كارىدورغا ئەپچىقىۋالدى. بىر ئازدىن كېيىن، ئايالىمنىڭ يەنە ۋايجانلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. پىشانەمدىكى تەر شۇرۇلداپ ئېقىشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا دوختۇر چىقىپ كەلدى:
- ئەمدى بولمىدى، ئۇنىڭ توغۇتى بەكلا قىيىن كېلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا........
دوختۇرنىڭ گېپى ئاياغلاشمايلا ئاتام ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى:
- يەنە بىردەم قاراپ باقايلى دوختۇر، ئامال ئۇنىڭ ئۆزى يەڭگىگىنى ياخشى.
دوختۇر كىرىپ كەتتى. پۇت - قولۇمدا جان قالمايۋاتاتتى. قورققىنىمدىن مەڭزىمدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ قانداق سىرغىپ چۈشكىنىنىمۇ تۇيماي قالغانىدىم.
- يىغلىما، ھەي كىسپۇرۇش،- سىلكىشلىدى ئاتام،- نەرىڭ ئوغول بالاسېنىڭ؟ ئاتا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئادەممۇ يىغلامدۇ؟ مەن سېنى ئەركەك دەپ باققان، يىغلىما،- ئاتام غەزىپى قايناپ قالغان ۋاقىتلاردا، مېنى ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ ئاغىينىسگە چاقچاق قىلۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا تىللاپ قوياتتى.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، تۇغۇت ئۆيىدىن بوۋاقنىڭ ئىڭەلەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئايالىم ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەنىدى. << ئۇھ >> دىگىنىمچە تامغا يۆلەندىم، ئاتام بولسا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئاتامنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئاتام سىرتقا چىقىپ ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. -دە يۈرۈكىنى تۇتقىنىچە پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈشكە باشلىدى. ئەمدى بىلدىم ئاتاممۇ ئەسلىدە خېلى جىددىيلەشكەنىكەن ئەمەسمۇ.
-سەنمۇ قورقۇپسەن ھە، ئاتا ؟ - سورىدىم ئۇنىڭغا ياندىشىپ ئولتۇرۇپ.
= قورقماي ئەمىسە ، كېلىنىم تۇغۇت ئستىدە تولغاق يەپ قىينىلىۋاتسا قورقمامدىم؟
-بىراق باياتىدىن بېرى شۇنداق ئېغر - بېسىق تەمكىن تۇراتتىڭغۇ؟
ئاتام كۈلۈپ قويدى.
- مەن سېنىڭ ئاتاڭ، سېنىڭ يۆلىنىدىغان مەدەتكار تېغىڭ، مەنمۇ جىددىيلىشىپ ئالاقىزادە بۇلۇپ كەتسەم ، ئۇ چاغدا سەن نېمە بۇلۇپ كېتەرسەن؟
-راسىت دەيسەن، سەن مەدەت بەرمىگەن ، يېنىمدا بولمىغان بولساڭ قانداق بۇلۇپ كېتىدىغىنمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. سەن بەك چىداملىق، قەيسەر ئىكەنسەن ئاتا، خۇددى پالۋانلاردەك!  
-چۈنكى مەن سېنىڭ ئاتاڭ - دە!
-توغرا، - دەپ شىۋىلىدىم ئىچىمدە ئۆزۈمگە، - سەن مېنىڭ ئاتام، ئاتا دېگەن سەندەك بۇلۇشى كېرەككەن.....
ئاستا ئاتامغا قارىدىم. بېشىدا كونا دوپپا، ئۇچىسىدا توپ - چاڭ يېغىپ تۇرغان چاپان، پۇتىدا بولسا كونا ئۆتۈك ئەممە ئۇ يەنىلا شۇنداق مەزمۇت ئولتۇراتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 08:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەزمۇنلۇق بوپتۇ ، بىراق خەتنى تولۇق يېزىڭ ، بىر نەچچە يېرىدە بىر نەچچە سۆز چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى . ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق بوپتۇ !!

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنلۇق ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئكەن

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:28:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سېنىڭ ئاتاڭ، سېنىڭ يۆلىنىدىغان مەدەتكار تېغىڭ
مۇنۇ قۇرلار ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىكەن .

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1350 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دوختورلارنىڭ تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ %80 نى ئوپىراتسىيە قىلىشىدا، دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىچكى سىياسەت باردەك ھىس قىلىمەنيا!

بۇرۇنلاردا ئوپىراتسىيە دىگەن ئىنتايىن ئاز ساندا ئىكەندۇق، لىكىن ھازىر بىجىرىم قىزلارنىمۇ تۇغۇتتا ئوپىراتسىيە قىلىۋىتىدىكەن.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوختۇر لارنىڭ كەسپى كۆيۈمچانلىقىغا كۆپ رەخمەت،ئەمما ئىختىسادى جەھەتتىن ئادەملەرنى قىيناۋاتقىنىغا لەنەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 10:59:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇردىگەن ئاشكارا بۇلانچى ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2368
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بولغاچقا ئانىلار بەك ئۇلۇغ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89834
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 12:09:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئكەن

ئادەم ھاياتىدا شۇنداق ياشاش كېرەككى،ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2818 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 11:52:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 09:35 PM
ھازىر دوختورلارنىڭ تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ %80 نى ئوپىرات ...

ئوپراتسىيە قىلىپ بۇغىۋىتىدىغاندەك ھە ! تېخى ئىككىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇندا چاتاق بۇندا چاتاق بۇدا تۇغساڭ ئۈلىسەن دەيدىكەن تېخى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش