مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1636|ئىنكاس: 9

ئىلىم -ھىكمەتـلىك تەپەككۇرۇمدىن تامچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       ئىلىم -ھىكمەتـلىك تەپەككۇرۇمدىن تامچىلار

                               غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

    (1) پەن–تېخنىكا بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە جېنى، پەن–تېخنىكىدىن ئايرىلغان مەدەنىيەت قۇرۇق ۋە ساختا، كۈچسىز مەدەنىيەتتۇر.
    (2) تۇنجى نۆۋەتلىك سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ئەسەبىي، خوراپىي ئىلاھشۇناسلارنىڭ ‹‹دېدىكى›› بولۇشتىن قىلىپ، پەسكەش كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ ‹‹قول چومىقى››غا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىيلىق، ئىلمىيلىققا قاراپ زور بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ غايە، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە بىر قانچە قەدەم چېكىنگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    (3) ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم ھەم تەتقىق قىلغان ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋام-خەلققە ئومۇملاشتۇرۇشنى خالىمىغان ھەر قانداق ئادەم قانچىلىغان توم كىتابلارنى ئوقۇغان-يازغان، تاغدەك مول بىلىمى بولغان ۋە ياكى قانچىلىك كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ھەرگىز ‹‹ئالىم›› ياكى ‹‹ئىلىمدار›› دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئاتاشقا ئەسلا مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
    (4) پۇختا نەزەرىيە سىستېمىسى بولمىغان ھەر قانداق پەن مۇكەممەل بىر پەن سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم مۇنبەرىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، نەزەرىيەدىكى ئەمالىق ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.
    (5) سەمىمىي ئادەم بولۇش ، ھەق گەپ قىلىش ئەمىلىيەتچىل بولۇش، بېرىلىپ ئۆگىنىش، ئۆزىنى بېغىشلاپ خالىس تۆھپە قوشۇش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەر قانداق ئىلىمدارنىڭ قەرزى ۋە پەرزى.
    (6) ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش (چۈشىنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھۇزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت.
    (7) ئىلمىي نەزەرىيەدە ئىزچىل باشقىلارغا بېقىنىپ كەلگەن، ئۆزىگە يارىشا ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە بىلىش مېتودى بولمىغان مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىمىيەت پەنلىرى بولمايدۇ.
    (8) ئىلىم-پەن تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھاياتقا ئوخشايدۇ.
    (9) پەلسەپىسىز ھايات ـــ ئىلىم-پەنسىز ھايات. ئۇ ئىنساننى نادانلىق، نامراتلىق، ئىناقسىزلىق ۋە ئاخىرى زاۋاللىققا ئېلىپ بارىدۇ.
    (10) ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش (چۈشىنىش)، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ھۇزۇر-نەپ ئېلىش پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان ئالىي ئىقتىدار ۋە پاراسەت بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىنى تېپىپ بەختكە ئېرىشىش جەريانىدىن ئىبارەت.
    (11) بۇلغانغان ئىلمىي مۇھىت بارلىق ئىلمىي پاجىئە ۋە شۇملۇقلارنىڭ مەنبەسى، چىرىك ۋە چاكىنا ئىلىمدارلارنىڭ ئەلگە يەتكۈزىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئارتۇق بولىدۇ.
    (12) ئىلىم ھەقىقەتلىرىگە ئىنتىلگۈچى ۋە تەپەككۇر ئارقىلىق خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر خۇددى تۇزلۇق سۇ ئېچىپ، ئىچكەنسېرى ئۇسساۋېرىپ تەشنالىقى قانماي كېتىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن تەپەككۇرنى توختاتقانلىق تومۇرىنىڭ سوقۇشتىن توختىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە بەختىنىڭ بىر قىسمى، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بەخت تېپىش ئۇلارنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى. ئىلىم-پەن ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ۋە تۇرمۇشى بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆگنىش ۋە تەپەككۇر ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ھۇزۇر-لەززەت ۋە خۇشاللىقتۇر. بىر ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ شۇنداق.
    (13) ئىنسانىيەتنىڭ ئىنتايىن كىچىككىنە بىرەر مىكرو ھەركىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ھەر قايسى تارماق سىستېمىلىرىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، تۈمەنلىگەن مۇرەككەپ ئۇچۇر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىيو-ئىنتېرنېت (Bio-Internet) ئارقىلىق ماكان زامانلاردىن ھالقىتىپ، كائىنات ـــ كەڭ تەبئىەتتىكى بارلىق جانلىق (ھاياتلىق)لارنىڭ پۈتكۈل تادۇ (گېئو-فىزىكىلىق ھەرىكەت)، ماھۇ (بىيو-فىزىكىلىق ھەرىكەت)لىرى ۋە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تالايلىغان گارمۇنىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۇچۇرلار ئۆزئارا زەنجىرسىمان چاتما تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ۋە كونتىرول قىلىش ئىنتايىن مۈشكىل بولغان نەتىجە ۋە ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچان دەپ قارايدىكەن، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەھۇزۇر، خاتىرجەم ھالدا خۇشال-خۇرام بەختلىك ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر قىلمىش ئەتمىشلىرىگە قەتئىي مەسئۇل بولۇشلىرى، ھەممە ئىشتا ئىلمىي ئىدراكىي بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەر قانداق پايدىسىز ئىش-ھەرىكەتلەردىن ھەزەر ئەيلەپ، بارلىق چارە- ئاماللارنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق-دوستانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەڭگۈلۈك سىجىل-ئىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشى لازىم. مانا بۇ بۈگۈنكى زاماندار ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان مۇنەۋۋەر ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھەرىكەت مىزانىدۇر.
    (14) ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئىنسانىيەت ئىنتىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتتۇر، ئېكولوگىيەلىك ئىناقلىق بولسا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم بىيوئاساسى. شۇڭا بىز ھەممىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەسەبىيلەچە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىمىز، ھوقۇقىمىز ۋە قەرزىمىز بار.
    (15) سەمىمىي ۋە پەزىلەتلىك بولۇش باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشى ياكى كۆزىگە ئىلماسلىقىدىن قورقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەم بولۇشنىڭ مىزانى بولۇشى كېرەك.
    (16) تەبىئەت تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى بولسا، تەبىئىي پەن ئۇنىڭ بىرىنچى تىلى. بىرىنچى تىلنى بىلمەي تۇرۇپ بىرىنچى كىتابنى ھەقىقىي ئوقۇغىلى ۋە ئۇنىڭ ساماۋىي قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىپ مۇكەممەل ئىگىلەپ كەتكىلى بولماس.
    (17) ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم ۋە بەختىمنىڭ بىر قىسمى.
    (18) كىتاب ئوقۇپ تەپەككۇر قىلماسلىق تاماق يەپ ھەزىم قىلمىغانغا باراۋەر، ئېسىل تەپەككۇرنى رېئال ھەرىكەتكە ئايلاندۇرماسلىق ئىنسانىي بايلىقنى ئىسراپ قىلغانلىق ۋە زېمىنغا يۈك بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    (19) تەبىئىي پەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەسكى، ئۇ تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابىي بولمىش تەبىئەتنىڭ تىلى. شۇڭا ئۇ تەبئىي ھەم چىنلىق،دەلىل-ئىسپاتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تۈپ قانۇنلۇق ھەم قانۇنىيەتلىك خاراكتېرى، مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالدىكى يېتەكچىلىك ئەھمىيىتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىنسان ئۇنى قانچىكى ئىچكىرىلەپ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغانسېرى ئادەمنىڭ ئەقلىنى شۇنچە بىلەپ، روھىنى پاك ھەم جەسۇر، قەلبىنى ھۆر، پىكىرىنى ئۆتكۈر قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنى شۇنچە راستچىل، سەمىمىي–ساداقەتمەن، ۋاپادار ۋە ئالىجاناپ قىلىپ، ھىيلە-مىكىر ۋە نەيرەڭۋازلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ئادەمدىكى ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان شەخسىيەتچى ‹‹ئۆزلۈك›› (自我؛ Ego) كىشەنلىرىىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي بىرلىك-بۈيۈكلىك ۋە دۇنياۋىي سەۋىيەدە تۇرۇپ تەپەككۇر–تەتقىقات ۋە ئىش ھەركەت قىلىدىغان ‹‹ئۆگلۈك›› (超越自我؛ 真实的我؛ 超我؛ 创新性人精؛ Pass ego ؛Real ego؛ Ogluk) ئىنسان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم يېتەكلەيدۇ.
    (20) ئەقىل كۆزى ۋاقتى ئۆتكەن-چىرىگەن بىلىم لاتقىلىرى ۋە ھېسسىيات بىلەن پەردىلەنگەن، كىتاب ۋە نوپوز دېگەنلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەرگىزمۇ نادىر ۋە گەۋدىلىك بولغان تۇنجى ئىلىم–پەن ئىجادىيەتلىرى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.
    (23) دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش، ھالاللاپ نان يېيىشمۇ ئىمان جۈملىسىدىندۇر.
    (24) مەن خاراباتىنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھېكمەتلىرىدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدىمكى، ئىلىمنى ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىنى قەدىرلىمىگەن قەۋم خار ۋە زەبۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈسى. بىلسەك، ئەسلىدە ئۇنداقلاردىن تەڭرىمۇ بىزار بولۇپ، لەنەت قىلارىكەن، چۈنكى ئىلىم ۋە ئىلىمدارنى خار قىلغانلار ئۇنىڭ نەزىرىدىمۇ خارىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر دېيىشمۇ قىلچە ئاساسسىز ئەمەسكەن. بىز بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىلىمنىڭ ۋە ئۆز ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز؟ نېمشقا ئومۇمىي خەلق بويىچە ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىپ، زامانىۋى پەن-تېخىكا مىللىتى ۋە پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەتلەردىن بولۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيمىز؟!
    (25) مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىم بىلمىگىنىمنى ئۆگىنىش، بىلگىنىمنى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىش. ئويلاپ باقسام بۇ مەندىلا ئەمەس، بارلىق ئىلىمدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرچ ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ئىكەن. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىدا ئاخىرقى نەپىسىمگىچە تىرىشىمەن.
    (26) ھاياتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىدا بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىدا. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھاياتنىڭ مول مەزمۇنلۇق ھەم رەڭدار، مەنىلىك–خەيرىلىك ئۆتۈشىدە. ھايات ئىگىسىنىڭ بەختى دەل ئۇنىڭ باي-كەمبەغەللىكى ياكى ئەمەل مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدە بولماستىن ئۆز ئارزۇسى ۋە ئەجرىدىن سۆيۈنۈش، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىش، شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ھۇزۇر–لەززەت، ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.
    (27) ئادەم ئۈچۈن ئىلىم-مەرىپەت ۋە خەيرىلىك ئىشلاردىن يىراق ھالدا تۆگۈمەس مال دۇنيا ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈپ قىلىشمۇ ئوخشاشلار نومۇس ۋە تولىمۇ يىرگىنىشلىكتۇر.
    (28) ئىجادچان تەپەككۇرلۇق ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان زاماندار ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدى پىداكارلىق، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا، قەلبى ساماۋىي تىلەك ۋە ئىلاھىي ئىلھاملارغا توشقان بولۇپ، ئۇلار خۇددى ھەر زامان-ماكاندا ھەرخل سەرخىل مېۋە بېرىدىغان خاسىيەتلىك مېۋىلىك دەرەخقە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەم كۈچلۈك ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ.
    (29) كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن شەيئى، مەلۇم ئىدىيە-مەسلەك، ئىزم (مەسىلەن، ماركىسىزم-لېنىنىزم، ئىسلامىزم، بۇددىزم دېگەندەك)، تەشەببۇس، ئىدىيە، ئېقىم، ئېدىئولوگىيە-پىكىر سىستېمىسى ۋە مۇئەييەن شەيئى ياكى ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ياكى قىسمەن تەرىپىگە قارىتا چەكسىز ئېشىنىش، تەلپۈنۈش-ئىنتىلىش، چوقۇنۇش، ھۆرمەتلەش، ئىتائەت قىلىش ۋە شەرتسىز بويسۇنۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن تەۋرەنمەس چىن ۋە پاك ئەقىدىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ماھىيەتلىك ئىپادىسى ئېتىقاد دەپ ئاتىلىدۇ.
    (30) دارۋىنىزم ـــ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە قارشى پىكىرلىك كىشىلەرمۇ ئاۋال ئۇنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ كۆرۈشى كېرەك، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى دۇنياۋى سەۋىيەلىك پىكىر قىلغىلى ۋە ئىلمىي رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر بىلىمسىزلىك ۋە زامانىۋى جاھىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    (31) ئىلىم-پەن دېموكراتىيەسى ھەقىقىي يولغا قويۇلۇپ، ئالىملار سەمىمىي، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەق-نەق گەپ قىلالايدىغان، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر قارشى پىكىرلەرنىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلىيالايدىغان بولغان دەقىقىدە جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى.
    (32) بىلىمنىڭ ئەڭ يۈكسەك چەك-چېگرىسى ۋە ئەڭ ئالىي قىممىتى دەل ئالەم، ئادەم ھەققىدىكى تۈپ ھەقىقەتلەرنى تونۇشتىن ئىبارەت.
    (33) پاكىز ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىمان جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرى.
(34)نادانلىقتۇر  زاۋاللۇقنىڭ ئانىسى، ئىسىڭىزدە بولسۇن ھورۇنلۇقتۇر ئۇنىڭ ئاتىسى.
(35) ئىلىم-پەن كىشىلەرنىەڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك ساپاسى،مەدەنىيلىك دەرجىسى، ئەمگەك –ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئەقلىيلىق دەرجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنى ھەقىقىيقى ئەركىنلىك ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئادىللىق ،ئادالەت-ھەققانىيەت، ئىناقلىق تۇيغۇسىنى ھەم ئىجات-ئىختىرا كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى قۇدىرەتلىك كۈچتۇر.

(36) خىزمەت دېگەن پەقەتلا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدىكى ياشاش شەكلى بولۇپ، ھەركىم ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىش،نىمۇ بولسا تۈزۈك بولۇش نىمە قىلسا تۈزۈك قىلىش ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كشىلىك ھايات قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىق ۋە مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىش دېمەكتۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 07:45 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:58:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(36) خىزمەت دېگەن پەقەتلا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدىكى ياشاش شەكلى بولۇپ، ھەركىم ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىش،نىمۇ بولسا تۈزۈك بولۇش نىمە قىلسا تۈزۈك قىلىش ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كشىلىك ھايات قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىق ۋە مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىش دېمەكتۇر.

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئىلىم -پەننىڭ ئۇلۇغلىقى،تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئېيتىلغان،بىر -بىرىدىن مەزمۇنى چوڭقۇر،ھېكمەتلىك دۇردانىلاركەن.....

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر،ئېسل  تېما يوللاپسىز...

شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىغا  ئىنكاس چۈشمىگىنىگە بەكلا ئەپسۇسلاندىم.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32249
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3402 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ ،ئىنسانلار دىمىگۇراتىك ئاساستا بىلىم ئېلىپ ،دىمىگۇراتىك ئاساستا  ئىشلىتەلىگەندىلا ئاندىن ئادەم ۋە ئالەم تەرەققى قىلىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 11:40 PM
ھەممىسى ئىلىم -پەننىڭ ئۇلۇغلىقى،تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەش ...

رەھمەت ئەزىز قىرىندىشىم  ، سىز بىر ئادەم بولسىمۇ ئازراق نەپ ئالغان بولسىڭىز مەن خۇشالمەن. باشقىلار بەلكىم دۋاملىق ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. باھا ، ئىنكاس قالدۇرمىسىمۇ  خەلقىم كۆپرەك مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئالىدىغانلا بولسا كەمىنە رازىمەن. سىزگە رەھمەت.

ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90669
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 12:27:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن يىزىقچىلىق تالانتىڭىز باركەن ، مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى مۇنبەردىن ئايىمىغايسىز ،

ئەلگە شەرەف بولمادى جاھۇ-نەسەف ،
لىك شەرەف كەلدى ھەياۋۇ-ئەدەب .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 09:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 11:40 PM
ھەممىسى ئىلىم -پەننىڭ ئۇلۇغلىقى،تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەش ...


تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91680
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 06:10:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91680
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 06:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 12:34:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(8) ئىلىم-پەن تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھاياتقا ئوخشايدۇ.

جايىغا چۈشكەن ئوخشىتىش بۇپتۇ  . ئوكسىگىن بولمىسا جانلىقلار ياشىيالمايدۇ . ياخشى تەپەككۈر قىلىدىكەنسىز . ھەممىسىنى ياقتۇردۇم . مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمەن .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش