مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1734|ئىنكاس: 15

ئىلاخۇن يىغلىغانمۇ سۇلايمانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90948
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:34:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۆۋەت ياش سازەندىلەرگە كەلگەندە تۆردە ئولتۇرغان زىكرىكام ماڭا يۈزلەندى ۋە ‹‹قارا ھوي مۇساجان سەنمۇ چوڭلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ خېلى يېتىشىپ قالدىڭ،بىرەر پەدە ساز-پاز چېلىپ بەرمەمسەن››دەپ ناخشا-سازغا جورىدى،
كۆپچىلىكنىڭ سالا -سۇلىسى بىلەن دۇتتارنى سازلىدىم-دە ناخشىغا تۇتۇش قىلدىم:
تەلكىنىڭ داۋانىدىن
كارۋان توختىماي ئۆتتى،
سولايمان يىغلىغان بىلەن
ئىلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.
دىگەن يەرگە كېلىشىمگە›ئۇدۇلۇمدىكى ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن شىپقاپ قوزغالغىنچە ‹‹توختا ھوي بالا،تۇختات ناخشاڭنى!››دەپ كەسكىن بويرۇق تەلەپپۇزىدا ناخشامنى چىپپىدە توختاتتى،زادى نېمە خاتالىق ئۆتتىكنە؟دەپ ئېسەنگىرەپ تۇرسام ،‹‹ئىلاخۇن دىگىنىڭ  مانا مەن ،سۇلايمان دېگىنىڭ ماۋۇ ئادەم بولىدۇ ،تەلكىنىڭ داۋىنىدا ئەسلى ئۇ يىغلىمىغان ،مانا مەن يىغلىغان ،شۇڭا بايىقى ناخشىنى ‹‹ئىلاخۇن يىغلىغان ،بىلەن سۇلايمان يىغلىماي ئۆتتى ››دەپ توغۇرلاپ ئېيتساڭ بولىدۇ دەپ يالغۇز مېنىلا ئەمەس،مەشرەپتىكى ھەممەيلەننى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى ئارقىدىنلا سۆزىنى ئۇلاپ ‹ئۇ چاغدا مەنمۇ بىكار يىغلىمىغان ،مېنى ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە سېلىپ سۇلايمان بىلەن بىللە ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ئىلىپ ماڭغاندا ئارقىمىزدىن خوتۇن ،بالا -چاقىمىز يىغا -زار قىلىشىپ چىققان ئىدى ،ئولارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئايرىلىشقا قىيالماستىن تەلكىنىڭ داۋىنىغىچە ئۇزىتىپ بارغان ،مەن شۇ چاغدا مۇشۇ كەتكەنچە ئۈرۈمچىدىن تىرىك قايتىپ كىلەلەرمەنمۇ ؟ئۇرۇق-تۇغقان ،يار -بۇرادەرلەر بىلەن قايتا دىدارلىشىش نېسىپ بولارمۇ ؟دەپ كۆڭلۇم ئەسكى بولۇپ يىغلىغانمەن ،ھەرگىزمۇ ئۆلۈمدىن قۇرقۇپ يىغلىمىغان ،سۇلايمان ئاغىنەم شۇ ۋاقىتتا ماڭا ‹‹نېمە بۇنچىۋالا يىغلايسەنۋۇي،ئىلاخۇن ،بىز ئۆلگىلى كېتىۋاتماقتىمىز غۇ ئاخىر ،خۇدايىم ساقلاپ جېنىمىز تىنىمىزدە  ئامان بولسا ھىلىغۇ ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمىسىكەن ،ئۇنىڭدىن يامانراق بولسىمۇ خۇددى سادىر پالۋاندەك ساق  چىقىمىز-ساق ›› دەپ تەسەللى بەرگەن تۇرسا مەن يىغلىمىغان يەردە سۇلايماندەك قاپ يۇرەك ئادەم قانداقمۇ يىغلىسۇن ››دىدى ۋە يەنە ‹‹ئاڭلاپ قوي بالام سۇلايمان دىگىنى نى -نى ئۆلۈملەردىن قۇتۇلغان ئادەم ،ھەقىقىي باتۇر مەن ئەمەس ،مانا مۇشۇ سولايمان ،ما ناخشاڭنى مەن دىگەندەك ئوڭشاپ ئېيتساڭ خاتالاشمايسەن ،باشقىلار ‹‹كىم شۇنداق دەيدۇ ؟›،دەپ سورىسا قىلچە ئىككىلەنمەي ‹‹ئىلاخۇنكام دېدى›، دىگىن ، دىگەن گەپلەرنى قۇشۇپ قۇيدى ،شۇڭا مەن تا مۇشۇ كۈنگىچە سۇلايمان يىغلىغانمۇ ؟دېگۈچىلەرگە ھىچ ئىككىلەنمەي ‹ياق سۇلايمان ھەرگىز يىغلىمىغان ››دەپ كېلىۋاتىمەن .
مەن ئىلاخۇن ئاكىنىڭ بىزگە ئىيتىپ بەرگىنىنى كەمتەرلىك بىلەن ئەمەس ،بەلكى تېكىستتىنىڭ ئەينەن ئېيتىلغانلىقىنى ،بۇنىڭ يەنىلا بىر قىسىملارنىڭ ئاغزىدا توختىمايۋاتقانلىقىنى ،بۇنى تۈزۈتۈپ ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ،تەتقىقاتچىلارنىڭ توغرا تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم .
ئىلاخۇن تىلۋالدى (كۆككۆز)1866-يىلى غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.  ناخشىچى ،قوشاقچى .1963-يىلى تېكەس ناھيىسىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىغا كۆچۈپ كەتكەن ،ئۇ 1970-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى چارى ئازاد يىزىدا 104-يىشىدا ئالەمدىن ئۆتۇپتۇ
مەنبە:ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2012-يىل 4-سان مىجىت ئوسماننىڭ تەۋەررۈكنىڭ ھۇزۇرىدا دىگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى..
مەنبە:كەڭساي مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 11:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تارىخىي بىر نىمىلەرنى ئەسلىسەم ئېچىم ئېچىشىدۇ.....بۇ تېمىنى يوللاپ توغرا قىپسىز.

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88432
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 11:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېلاخۇن كۆككۆزنىڭ يىغلىغىنى راس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 11:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى باشلىنىشىدىن ھىكايىمىكىن دەپتىكەنمەن ئەسلى ھەقىقى بىر تارىخى ۋەقەكەن ئەمەسمۇ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:01:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تارىخى مەنبە ئىكەن.رەخمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:19:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«سېغىندىڭمۇ » دىگەن ناخشىنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ .

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى
jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:01:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:05:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلىمغانكەنمەن جۇمۇ‹‹‹....

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 10:35:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغلىغاننىڭ ھەممىسى خاپىلىقتىن ئەمەس،كۈلگەننىڭ ھەممىسى خوشلۇقتىن ئەمەس.بۇخىل ھالەت ۋە مىساللار ئادمنى ئويلاندۇرىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش