يوللىغۇچىنىڭ تەۋىسىيەسى:تارىخمىز قىسمەتلەرگە باي ،خەلىقىمىز باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرنى ساناپمۇ تۈگىتەلمەيمىز! تۆۋەندە بايان قىلنغانلىرى پەقەت ئاشۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلەرنىڭ بىر تامچىسى خالاس!
تىما: <<باي ئاشلىق ۋەقەسى>> نىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرى،باش جىنايەتچىلىرى ھەمدە بىر قىسىمپاكىت بايانلىرى ھەققىدە
ئەسەرئاپتۇرى :توختى گايىت (باي ناھىيەسايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
1959- يىلى 10-ئايدىن 1960- يىلى 2-ئايئاخىرىغىچە(ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە 1960-يىلى 4- ئاي ئوتتۇرلىرىدا تولۇق ئاخىرلاشقان)باي ناھيىسىدە <<باي ئاشلىق ۋەقەسى>>(ياكى<<باي ۋەقەسى>>)دەپ ئاتالغان بىر ۋەقە يۈز بەردى.<<باي ئاشلىق ۋەقەسى>>باي ناھيىسىتارىخىدا،جۈملىدىن باينىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى تارىخىدا يۈز بەرگەن كۈلىمى ئەڭچوڭ،تەسىرى ئەڭ يامان،دۆلەت ۋە خەلققە ئەڭ ئېغىر زىيان-ئاپەتلەرنى ئېلىپكەلگەن،ئادەملەرنىڭ بىنۇرمال ئۈلۈپ كېتىشى ئەڭ كۆپ بولغان بىر ۋەقەدۇر.
بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مۇنداق:
<<باي ناھيىسى تەزكىرىسى>>35-بەتتە مۇنداق بايانلار بىرىلگەن:<<1959-يىلى 7-ئايدا باي ناھيىسىدە ئېغىردەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. كەلكۈن پەللىسىنىڭ سېكۇنتلۇق ئېقىم مىقدارى 720كۇپ مېتىرغا يەتتى،106.7گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكەئۇچىرىدى.>>،<<12-ئايدا ناھيە بويىچە ئاشلىق قىسىنچىلىغى(ئاچارچىلىق)بولۇپ 100نەچچە كۈن داۋاملاشتى،نەچچە مىڭ ئادەم بىنۇرمال ئۆلۈپ كەتتى،ئاچارچىلىقتا قالغان خەلق 12مىڭ 899چارۋىنى يەۋەتتى.>>.يەنە<<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باي ناھيەسىدىكى قىسقىچەتارىخى>>(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2011-يىل6-ئاي نەشىرى)ناملىقكىتاپنىڭ214___221-بەتلىرىدە تۈۋەندىكىدەك بايانلار بىرىلگەن: <<خەلق گۇڭشېسى ھەدەپ ئومومىيلاشتۇرىۋاتقاندا ،ناھيىلىك پارتىكۇم توغرا لۇشيەندىن بارغانسېرى چەتنەپ كەتتى ،بۇنىڭ بىلەن شەكىلۋازلىق، بۇيرۇقۋازلىق، بىيرۇكىراتلىق قايتا باش كۆتۈردى ...ئىشلەپچىقىرىش تۈۋەنلەپ، ئېقتىساد چېكىنىپ كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلدى،دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىغى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمىگەنلىكتىن نەچچە مىڭ ئادەم بىنۇرمال ئۆلۈپ كېتىش، 1800دىن ئارتۇق ئادەم يۇرتنى تاشلاپ باشقا جايغاكېتىشتەك پۈتۈن شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان <باي ۋەقەسى> يۈز بەردى.>>،<<1959-يىلى باي ناھيەسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەبئى ئاپەتلەرگەئۇچۇرىدى،بولۇپمۇ بوغداي ھال كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ،مەھسۇلات مىقدارى ئېغىردەرىجىدە تۈۋەنلەپ كەتتى .ناھيەلىك پارتىكۇم گۇڭشېلار بىلەن 1959- يىللىق مەھسۇلاتمىقدارىنى بىكىتكەندە بۇ مىقدار ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪7يۇقۇرى بولغان.ناھيەلىكپارتىكۇم شۇجىسى خې رۇي كادىر- ئاممىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي ،ئاشۇرۇش نىسبىتىنى٪10 كە كۆتۈردى...ئاممىنىڭ ئۇزۇقلۇق،ئۇرۇقلۇق ئاشلىغى ھۆكۈمەت ساڭلىرىغايىغىۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن 100كۈن ئىچىدە ئامما ئارقا-ئارقىدىن غەيرى نورمال ئۆلۈپ كېتىشتەك يامان ۋەقە كېلىپ چىقتى...1-ئايىنڭ ئوتتۇرلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىگەيەتتى..نۇرغۇن ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالدى...مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ خې رۇي تۈۋەننىڭ بۇ ھەقتىكى دوكىلاتىغا قاراپمۇ قويمىدى...ئەھۋال ئىنكاس قىلغان نۇرغۇن كادىرلارنى ئۆز ئالدىغا جازالىدى..1960-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يۇرتىنى تاشلاپ سىرتقاچىقىپ كەتكەن ئەمگەك كۈچى 1198نەپەرگە يەتتى...شۇ چاغدا گۇڭشېدا دۆلەتنىڭ ئاشلىغىبار ئىدى،ئەمما ئامما ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسىمۇ دۆلەتنىڭ ئاشلىغىغاتەگمىدى...1960-يىلى 3-ئاينىڭ 18- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكۇم خىزمەت گۇرۇپپىسى كۇچا تۇزلۇق جىلغىسىدا نۇرغۇن بايلىقلارنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىگىنى خې رۇيغامەلۇم قىلدى،ئۇ بۇنى قەتئى رەت قىلدى...ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ خىزمەت ئەتىرىتى 4-ئايدا خې رۇي ۋە ئۇ باشچىلىغىدىكى ناھيىلىك پارتىكۇمنىڭ خاتالىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدى...خې رۇينىڭ پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلاندى...قوغلاندى...6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشى بىلەن خې رۇيگە قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى...>> دىمەك، بۇ ۋەقە باي تارىخىدا <<ئاشلىق ۋەقەسى>>ياكى<<باي ۋەقەسى>>دەپ ئاتالدى.
(يۇقۇردىكى سۈرەتلەر <<جۇڭگوكوممۇنىستىك
پارتىيەسىنىڭ باي ناھيەسىدىكى قىسقىچە تارىخى>› ناملىق كىتاپ ۋە مەزكۈر كىتاپقا بىرىلگەن ناھيىلىك پارتىكۇمنىڭ شۇ دەۋردىكى شۇجىسى خې رۇينىڭ رەسىمى)
شۇ يىللاردا خې رۇي (مىللىتى شىبە)باي ناھيىلىك پارتىكومنىڭ شۈجىسى ، ھاكىم ياسىن ئىمىن ، مۇئاۋىن ھاكىم ئايشەم مەممەت ئىدى . باي ئاشلىق ۋەقەسى يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك كەلكۈندىن ئىبارەت تەبئى ئاپەت سەۋەبىدىن بولغان بولسا،ئەڭ مۇھىمى،يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇش، خىزمەت كۆرسىتىپ ئىمتىيازىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈش ئارزۇسىداتىپپىرلاپ يۈرگەن خې رۇي باشچىلىغىدىكى ئاز بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار باي ناھيىسىنىڭ شۇ يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ يوللىغان.بۇ ئىشتا ئۇ ناھيىنىڭ باشقائاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرىنى زادىلا ئاڭلىمىغان .ئۇنىڭ ئالدىدا ھاكىملاھېچنىمىگە ھىساپ بولمىغان.تۈۋەندىكى__ئاساسىي قاتلامدىكى كۆپ قىسىم كادىرلارمۇ ناھيىگە يالغان سان،يالغان مەلۇمات يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ، شۈجى خې رۇيغا ئاكىتىپ ماسلاشقان.ئاشلىق مەھسۇلات ىساندا كۆپ، ئەمەلىي چىققىنى ئاز بولۇپ، ناھيىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلاربۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغان.شۇڭا يۇقۇرى تۈۋەنگە ئاشلىق سېتىپ بىرىش ۋەزىپىسىنى كۆپچۈشۈرگەچكە، تۈۋەن ئاشلىق سېتىپ بىرىشۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى دەستەك قىلىپ ، كوللىكتىپ، ھەتتاشەخسىيلەرنىڭ ئاشلىقلىرىنى توپلاپ ھەممىنى دۆلەتكە سېتىپ ئالغان ،ئىستىمال ئاشلىق،ھەتتا ئۇرۇق ئاشلىقمۇ زادىلا قالدۇرۇلمىغان ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن يۇقۇرى تۈۋەننى، ،كادىرلار خەلقنى قاتتىق قىستىغان .خې رۇي باشلىق بىر قىسىم ناھيەرەھبەرلىرى دۆۋلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن قىلچە ھېساپلاشماي ،خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاقمۇ سالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ساڭ-ساڭلاردا ئاشلىق تۇرۇپمۇئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىرىغىمۇ قىلچە پىسەىت قىلماي<<خىزمەت>>لىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن خەلقنىڭ تۇلىمۇ نادانلىغى ،ياۋاش-جۈرئەتسىزلىگىمۇ بىر ئالاھىدە سەۋەپ بولغان .ئاشلىق ۋەقەسىتەبئى ئاپەت سەۋەبىدىن بولغان دەۋىلىشنىڭ ئانچە ئاساسى يۇوقتۇر،چۈنكى ئىگىلىگەن شۇۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ناھيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئاشلىق ئامبارلىرىدا، ھەتتا كەنىت- ئەتىرەتنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدا لىقمۇ-لىق ئاشلىق بارئىدى...دىمەك،شۇنىڭ بىلەن بىز بايان قىلماقچى بولغان <<باي ئاشلىقۋەقەسى>> يۈز بەرگەن.
ئەينى مەزگىلدىكى مۇشۇ ۋەقەنى ئۆز كۈزىبىلەن كۆرگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇخىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ بىۋاستە ئىش بىجىرگەن پىشقەدەم كادىر-ئاممىلار ۋەكىللىرى بىلەن قايتا-قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپئى گىلىگەن ئىشەنچىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا باي ناھيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى ئاشلىق ئىسكىلاتلىرىدا، ھەتتا مەھەللە-كەنىتلەردىكى ئاشلىق ئامبارلىرىدا لىق ئاشلىق بارئىكەن.ھۆكۈمەت ئاشلىقنى خەلققە تەقسىملەپ بەرمەيدىكەن،خەلقنىڭ ئاشلىقلارنى بۇلاپ يىيىشكە جۈرئىتى يوقكە،توغرىسى،ئۇلارنىڭ قانۇن-سىياسەتلەرگە قارشى چىققۇسى يوقكەن.ئاشلىق ئامبارلىرىنى ساقلاۋاتقانلارغا تېخىمۇ ئامال يوقكەن.شۇڭا ئۇلارقانچىلىغان پۇخرانىڭ ئاشلىق دەستىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەنلىرىدە پەقەت ئىچ ئاغىرتىش،ئازاپلىنىش،ئۈنسىز ياش تۈكۈش بىلەنلا چەكلەنگەن.
شۇ مەزگىلدە ناھيىلىك پارتىكۇم-خەلق ھۆكۈمىتى باي ناھيىسىنىڭ ئاشلىق خىزمىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ ،ھەرقايسى يېزا- كەنىتلەرگە چۈشۈرگەن.بۇ گۇرۇپپىلار تۈۋەندە ئوخشاش بولمىغانخىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بەزىلىرى ئاكىتىپ ھالدا، بەزىلىرى مەجبۇرىي ھالدا، يەنەبەزىلىرى قورقۇش ئىچىدە بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەگە شاھىت بولغان.ئەنە شۇنداق گۇرۇپپىلارغا قۇشۇلۇپ خىزمەت قىلغان كادىرلارۋەكەللىرى ھەمدە شۇ ۋەقەلەرنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن، بىۋاستە قاتناشقان بىر قىسىمئامما ۋەكىللىرى بىلەن قايتا- قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق <<بايئاشلىق ۋەقەسى>>نىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق مىساللىرىدىن پەقەت بىرنەچچىسىنىلا قىسقابايان قىلىپ ئۈتەي:
توخسۇن يېزا 7-كەنىت خىزمەت گۇرۇپپىسىدائىشلىگەن بىر كادىر مىنىڭ <<باي ئاشلىق ۋەقەسى>> توغۇرلۇق ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگىنىمنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بەردى: 1959- يىلى10-ئايدىن 1960-يىلنىڭ بېشىغىچە توخسۇن 7- كەنىتتە 260 نەپەر ئادەم ئاچارچىلىقتىنئارقا- ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتتى،بۇنىڭ ئىچىدە شۇ كەنىتنىڭ 2- گۇرۇپپىسىدىنلا 53 نەپەر ئادەم ئۈلۈپ كەتتى. ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دەپىنە قىلىشقا ئادەم يوق، ئادەم بولغاندىمۇ ئۇلاردا كۈچ-مادار يوقئىدى.شۇڭا ئۆلگەنلەرنى كالا ھارۋىسىدا تۇشۇپ،كونا گۆرلۈكنى ئېچىپ ئىككى- ئۈچئادەمنى بىر قىلىپ كۆمگەن(ئۆلگەنلەرنى يۇيۇپ -تاراش، نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئامال يوق ئىدى)،بۇ ۋاقىتتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېلىنمايتتى ھەم سۈرۈشتىمۇقىلىنمايتتى(يۇقۇرىنىڭ بۇيرىغى شۇنداق ئىدى).ئۇنىڭدىن باشقا كوللىكتىپنىڭ ئاشلىق،مال-چارۋاقاتارلىق يىمەكلىككە تەۋە نەرسىلىرىنى بۇلاپ، ئوغۇرلاپ يىگەنلەر كۈرەش-پىپەنلەرگەتارتىلىپ سازايى قىلىناتتى،.شۇڭا بۇنداق قىلىشا ھىچكىم جۈرئەت قىلالمايتتى.ئاچارچىلىققا چىدىمىغان خەلق قۇناق پاسىرى،ئوت-چۆپ يىلتىزى،قىچا-زىغىركۇنجۇرسى،ئۆلگەن قۇش،ئېشەك،ئىت، مۈشۈك...قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى يىيىشكەمەجبۇر بولغان.بۇنداق يىمەكلىكلەرنى يىگەن ئادەملەرنىڭ كۆپۈنچىسى كېيىن بەدەنلىرىقارىداپ، كېسەل بولۇپ ئۈلۈپ كەتتى.شۇ مەزگىلدە 7- كەنىتنىڭ ئاشلىق ئامبىرىدا لىق ئاشلىق بار ئىدى.خىزمەتگۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم كادىرلار خەلقنىڭ ئەشۇ ھالىغا چىداپ تۇرالماي ئاشلىقنى ئەزالارغا تەقسىملەپ بىرىشنى تەشەببۇس قىلدى،خىزمەت گۇرپپىسىنىڭ شۇۋاقىتتىكى باشلىغى مۆتىرەمخان(مۆتىرەمخان پايەن) تەكلىپكە قۇشۇلۇپ بۇ ئىشقا ئىگە بولىدىغان ھەم ئۆزى ھۆددەقىلىدىغان بولدى.ئەمما ناھيە بۇ پىلاننى بىلىپ قېلىپ مۆتىرەمخان پايەننى قاتتىق تەكشۈرۈپ ،خىزمەتتىن توختاتتى.ئۇ ئايال بۇ ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن ئۈلۈپ كەتكىلى تاسقالغان.كادىرلار ئەزالارنىڭ ئۆيلىرىدىكى سەي- كۆكتاتلارنىمۇ تولۇق يىغىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، ئاللىقاچان سورۇلۇپ بولغان كونا-يېڭى سامانلارنى 5-6 نۆۋەت قايتا-قايتاسورۇتقان، خەلققە يىمەكلىك جەھەتتە ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالمىغان.
شۇ مەزگىلدە سايرام 6-كەنىت2-گۇرۇپتىن(ئەينى ۋاقىتتىكى بوغان 1- دادۈي) بىر ئائىلىدىكى ئېلى غۇجەك قاتارلىقبەش ئادەم بىراقلا ئۈلۈپ كەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا سايرام قاراياغاچبولاق دېڭى ئەتىراپىدا ناھايىتى نۇرغۇن ناتۇنۇش يولوچىلار ئۈلۈپ كەتكەن.
توخسۇن يېزا 5- كەنىتتىكى 25 ياشلىق بىرچوكان مەھەللىدىكىلەرگە ئەگىشىپ ئومباش كىۋەزلىكتىن يىيىش ئۈچۈن جىگدە تىرىپكەلگەندە مەھەللىدىكى كادىرلارغا يۇلۇقۇپ قالغان . كادىرلار ئۇ تىرىپ كەلگەنجىگدىلەرنى تارتىۋېلىپلا قالماي ،چوكاننى چىگە توشۇڭ بىلەن باغلاپ قاتتىق ئۇرۇپ ھۇشىدىن كەتكۈزۋەتكەن .بۇ چوكان ئەشۇتاياق زەربىسىدىن تۆت كۈن يېېتىپ ئۈلۈپ كەتكەن.يەنە شۇ كەنىتتىن بىر كىشى ئاغرىق دادىسىنى داۋالىتىپ كىلىۋېلىش ئۈچۈن ئەتىرەتنىڭ بىر ئىشىگىنى مىڭ تەستە ئارىيەتكەئېلىپ ئىشىك ئالدىغا باغلاپ قويغاندا ،بۇئىشەك شۇ كىچىلا يۇقاپ كەتكەن، ئۆيدىكىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ تاڭ ئاتقۇچە ئىشەكنى ئىزدىگەن، سەلىكتە بۇئىشەكنى شۇ مەھەللىدىكى بىر ئادەمنىڭ قوروسىدىن تاپقان بولسىمۇ ، ئوغۇرلىغۇچى بۇ ئىشەكنى تىرىك توختىتىپلا ئىشەكنىڭ ئارقا سېنىنى پالتا بىلەن چاناپئاجىرتىپ قازانغا سېلىپ پۇشۇروپ بولغان . كادىرلار ئىشەكنى ئارىيەتكە ئالغۇچى ۋەئوغۇرىنى قۇشۇپ قاتتىق جازالىغان .يەنە شۇ مەھەللىدىكى ئىككى ياغاشچى ئاكا- ئۇكىلار ئاچارچىلىقدەستىدىن يۇشۇرۇنچە باي بازىرىغابېرىپ قىزىلچا سېتىۋېلىش ئورنىدىكىقىزىلچا تىرپىنى(كېرەكسىز قىسىمى) ئېلىش ئۈچۈن ئادەملەر توپىغا قۇشۇلۇپ ئۈچىرەتتۈشۈگىدە تۇرغاندا ئىتتىرىش- قىستىلىشتىنئىككىلىسى يىقىلىپ چۈشۈپ قۇپالمىغان، ئاخىرىدا ھېچ كىمنىڭ ھېچ كىم بىلەن كاررى يوق، بۇ ئاكا- ئۇكىلار نەق مەيداندا دەسسىلىپ ئۆلگەن.
بولۇپمۇ ئاشلىق ۋەقەسى ئاخىرلىشىپ ،ئاشلىق ھەلبولغاندىن كېيىن ئاچكۆزلۈك بىلەن ئاشلىقنى كۆپ يەۋالغانلاردىن ئۈلۈپ كەتكەنلەرتېخىمۇ كۆپ بولدى.بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر__ئۈن-تۈنسىز خارلىنىپ ،زارلىنىپئۈلۈشلەر ناھيە تەۋەسىدىكى بارلىق يېزا- كەنىت،قىشلاقلاردا ساناپ تۈگەتكۈسىزدەرىجىدە يۈز بەردى.بولۇپمۇ ئاچارچىلىق ۋەقەسى قىزىل يېزىسى بىلەن قاراباغيېزىسىدا ئەڭ ئېغىر بولغانكەن.
بۇ ۋەقەنىڭ كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغان،ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغان يىرىشۇكى،<<باي ئاشلىق ۋەقەسى>> ئاخىرلىشىپ ناھيىدە خۇلاسە يىغىنىئېچىلدى. يىغىندا ناھيە بويىچە ئاشلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى 16500 نەپەر دەپئېلان قىلىندى(ئەمەلىيەتتە ئىچكى بىر مەلۇماتتا 18000 نەپەردىن ئارتۇق دىيىلگەن بولۇپ، تولۇق ئىستاتىسكا قىلىنمىغانكەن).ئەپسۇسلىنارلىغى شۇكى،يازما ماتىرياللاردائۆلتۈرۈلگەن مال- چارۋىنىڭ سانى ئىستاتىستىكا بىلىنغان، ئەمما ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ سانى زادىلا تىلغا ئېلىنمىغان .بۇ يىغىندا ئاپتۇنۇم رايۇندىنكەلگەن مەلۇم بىر كادىر خۇلاسە سۆزىقىلىپ پەخنرلەنگەن ھالدا<<باي ئاشلىق ۋەقەسى>> دە ئاساسەن ساراڭ،دەلدۈش ،مېيىپ كىشىلەر ئۆلگەن،بۇ باي خەلقىنى خېلى ساپلاشتۇرۇپ بەردى>> دەپ بىلجىرلاپ، باي خەلقىنىڭ دەرت- ئەلىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۋەتكەننىڭ ئۈستىگە،باي خەلقىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە ھاقارەتلىگەن.
قوشلاپ كەلگەن بۇ دەرت- ئەلەمدىن يېرىلىپكېتىۋاتقان باي خەلقىنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەنشۇجى خې رۇي ھەربىي قىسىمنىڭ ھىمايىسىدە بەدەر تۇرماي ئۈرۈمچىگە قېچىپبېرىۋالغان.غەزەپلىرىنى باسالمىغان باي خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالتە نەپەر ۋەكىلىنى خېرۇينى قايتۇرۇپ كىلىشكە ئۈرۈمچىگەئەۋەتكەن،بۇ ئالتە نەپەر ۋەكىل خې رۇينى تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدىن پىيادە دىگۈدەك ھەيدەپ كۇچاغىچە ئېلىپ كەلگەندە، ھەربىيقىسىملار ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىپ خې رۇينى قۇتۇلدۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپكەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باي خەلقىنىڭ خې رۇيدىن ئىنتىقام ئېلش پىلانلىرى يوققا چىققان .ئەمما ئاخىرقى خۇلاسىدە <<باي ئاشلىق ۋەقەسى>>تۈپ ماھيىتىدىن خاتا ھەرىكەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. بۇ چاغدا مۆتىرەمخان پايەنقاتتىق پۇشايمان ئىچىدە <<خىزمەت گۇرپىمىزدىكى ھەرقايسىڭلارنىڭ تەكلىپى بەكتوغرا بوپتىكەن، مەن ھېچنىمىگە قارىماي ئاشلىقنى خەلققە تەقسىم قىلىۋەتكەن بولسام چوڭ ساۋاپلىق ئىش قىلغان بۇلاركەندۇقمىز ئەمەسمۇ>> دىگەن .بۇنداقكى چىككەن پۇشايمانلار بەلكىم بەك-بەك كۆپتۇ ،ئەمما بۇ نىمىنى ھەل قىلالىدى؟باي خەلقىگە ئۆمۈر بۇيى ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپ، ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولمايدىغان پاجىئەلەرنىيەڭگىللىتەلىدىمۇ؟ بۇ پاجىئەنىڭ باش جىنايەتچىسى جازاغا تارتىلغان بولسىمۇ خەلق پۇخادىن چىقتىمۇ؟ ياق،ياق!!...بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمدىكى بىردىن- بىر چارە-ئامال پەقەت بىرلا،ئۇبولسىمۇ بۇ ئاچچىق ساۋاقنى ئەستىن چىقارماسلىق ھەم ئۇنىڭدىن قاتتىق ئىبىرەت ئېلىشتۇر!
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1)<<باي تەزكىرىسى>> ( شىنجاڭخەلق نەشىرياتى) 35- بەت.
2)<<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باي ناھيەسىدىكىقىسقىچە تارىخى>>(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،214-__221-بەتلەر)
3)<<باي ناھيىسىنىڭ تارىخ تەزكىرەماتىريالى>>،خەنزۇچە نۇسخىسى،1-قىسىم)
سۆھبەتكە قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىدلار:
ياسىن ئىسلام( باي ناھىيە سايرام بازىرى سايرامكەنتىدىن)
مۇھەممەت موسا(باي ناھىيەسايرام بازىرى قارادۆڭكەنتىدىن)
موسا مەمتىل(باي ناھىيەسايرام بازىرىدىن)
ئىسمائىل ساۋۇت(باي ناھىيەتوقسۇن يېزا ئاناقىزكەنتىدىن)
داۋۇت ئىسمائىل(باي ناھىيەتوخسۇن يېزا 5- كەنىتتىن)
ھەمدۇللا دانىش(باي ناھىيەتوخسۇن 5- كەنىتتىن)
ياسىن يۈسۈپ(باي ناھىيەقىزىل يېزا مىسمەھەللەكەنتىدىن)
سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانۋاقىت: 2006-،2008-،2010-2012-يىللار
2012- يىل تۈزۈتۈپ، تولۇقلاپ يېزىلدى. __يازغۇچىدىن
مەنبە: ئەسەر ئاپتۇرى توختى گايىت (باي ناھىيەسايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى)نىڭ روخسىتى بىلەن تۈنجى قېتىم بۇ مۇنبەرگە يوللاندى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
يوللىغۇچىنىڭ ئەىسكەرتىشى: مەزكۈر ئەسەر ئەينى دەۋىرگە ئائىت نۇرغۇن ماتىرياللاردىن پايدىلنىش ۋە ھايات شاھىدلارنىڭ بايانلىرىنى دەلىللەش ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بولغاچقا تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلشىنى پاكىتسىز قالايمىقان سۆزلىمەسلىكنى تەۋىسيە قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-17 07:47 PM