مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7758|ئىنكاس: 42

مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ناخشىسى: جېنىم ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 06:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ناخشىسى: جېنىم ئانا


مۇختەرنىياز90-يىللاردا خېلى داڭقى چىققان ناخشىچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ كونا ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۇقۇغان " جان ئانا" نامىلىق ناخشا ئىسىمگە كەلدى. بۈگۈن بۇناخشىىنى بۈگۈن بىركۈن ھەپىلىشىپ ئاران ئۇلۇنۇش قىلىپ يوللاپ قويدۇم، دوستلارنىڭ ياخشى كۈرۈپ ئاڭلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇناخشا ئىككى ناخشى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئالدىنىقىسى " گۈزەلىم"، كىيىنكىسى " جېنىم ئانا" دېگەن ناخشا.

http://www.tudou.com/programs/view/NcApc76Si4E/?rpid=103906005&resourceId=103906005_06_05_99

مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرى ئۇقۇغان " جان ئانا" نامىلىق ناخشىنى مەن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بىرقېتىم ئاڭلىغان ھەم تېكىستى ئىسىمدە قالغان ئىكەن، مۇختەرنىيازنىڭ بۇناخشىسىنى ئاڭلاپ مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرى ئىجات قىلغان شۇناخشا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مىللى ئارمىيەجەڭچىلىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەسلى تېكىستى قۇشۇمچى قىلىندى:

گېنراق مايۇر ساۋدانوپ زاھىرنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
ماناس دەرياسى بۇيدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىققان قىسىم 1946-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجا شەھرىگە قاراشلىق توغراسۇ يايلىقىغا يىتىپ كەلدى. پولىك كۇماندىرى بۇ يايلاقتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشىنى ئۇرۇنلاشتۇردى. تاماقتىن كىيىن جەڭچىلەر خوشلىقىدىن سۇغا چۈمۈلمەكچى بولدى. مەنمۇ سۇغا چۈمۈلۈپ چىقىپ كىيمىمنى كىيەي دىگەندە يانچۇقۇمدىن تۇمارچە قاتلانغان بىرپارچە خەت چىقتى. خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. بۇخەت جىڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان جەڭچى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىغا يازغان خېتى ئىدى. ئابدۇللام ئېغىريارلانغاندا خەتنى ماڭا بىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:

« مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مېھرىبان ئانا، سىنى سېغىنغىنىمنى تىلغائالسام ھازىرلا قانات چىقىرىپ يېنىڭغا بارغۇم كېلىدۇ، لېكىن بىز دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۋاتىمىز،خەلقنىڭ دۈشمىنىنى يۇقۇتۇپ، خەلىقنى ئازات قىلماي تۇرۇپ،ئەلبەتتە بارالمايمىز. جېنىم ئانا،سېنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇم، كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ، سىنىڭ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ، باشلىرىمنى سىلاپ، باتۇر بول قۇزام، مەن يالغۇز ئەمەس، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە، دەپ ئۇزاتقىنىڭ كۆزئالدىمدىن نېرى كەتمەيدۇ. ئانا، مەن ئەتە بىرنەچچە سەپداشلىرىم بىلەن بىللە دۈشمەن پوتىيىنى پارتىلاتقىلى بارىمەن، جېنىم ئانا، ئۇرۇش دېگەن يائۈلۈم- ياكۈرۈم، ئۇرۇش دېگەن قان تۈكۈلۈش... سەنمۇ بىزنى چۈشۈنىسەن، ئەگەر قايتىپ بارالمىسام، ئۈزۈڭنى ئۇرۇپ، كۆكسۈڭنى چاك ئىتىپ، چاچلىرىڭنى يۇلۇپ يىغلىما، ئۈزۈڭنى تۇتىۋال، جېنىم ئانا، مەن ئۈلۈپ كەتسەم سەن ئارزۇلىغاندەك باتۇرلىق بىلەن ئۈلۈپ كىتىمەن، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت، كۆڭلۈڭنى بۇزما، ساڭا ئاتاپ تېخى بىرنەچچە كۇپلىت شېئىرمۇ يازغانىدىم، بۇ بەلكى ھاياتىمنىڭ ئاخىردىكى يۈرەك سۆزلىرىم بۇلۇپ قالار، ھەم بۇشىئىرىم ساڭا تەسەللى بۇلۇپ قالار:
ئاناجان يادىمدىدۇر،
تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ،
كېچىلەردە ئۇخلىماي،
ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭ.
ئون سەككىز ياشىمغىچە،
شەربەت بىرىپ باقتىڭ مېنى،
رازى بولغىن جان ئانا،
ئەمدى كۈرەلمەيسەن مېنى.
چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن،
مەيداندا جەڭ قىلغانىدىم،
كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،
كۆكرەككە ئوق يىگەنىدىم.
يىغلىما جانىم ئانا،
ھەرجايدا باردۇر بىر ئۈلۈم،
چۈنكى ئېچىلماي تۇزىدى،
ئون گۈلۈمدىن بىرگۈلۈم.


خەيرخوش ئانا، ئۈلۈپ كەتسەم بۇخېتىم ساڭا ئۈمۈر بۇيى تەسەللى بولسۇن، ھايات قالسام، ساق-سالامەت كۈرۈشەرمىز، ئەمما، مەن ئۇغۇللۇق بۇرچۇمنى چۇقۇم ئادا قىلىمەن. ئانا بۈگۈن كېچە چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ، چۈشۈمدە دادام چاقۇرغۇدەك، يۈگۈرۈپ بارسام، قۇلۇمدىن يىتىلەپ قاراڭغۇر بىر تار كۇچىغا ئەكىرىپ كەتتى... ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىردا خەت ئارقىلىق سېنىڭ مېھرى-شەپقەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭگە سۈيۈپ: خەت يازغۇچى ئوغلۇڭ ئابدۇللام
1945-يىل7-ئاي.»


ئابدۇللامنىڭ ئانىسى خەۋەر تاپقان بولسا قانچە پەرياد چەككەن بولغىيدى. مەن خەتنى چۇقۇم ئابدۇللانىڭ ئانىسىغا ئاپىرىپ بىرىمەن، ئانا بەلكى ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ، بالىسىنى مەندىن سۇرايدۇ.بۇئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قانداق چىدىغۇلۇق؟  ئەي بىچارە ئانا...
شۇنداق قىلىپ بىز نەچچە كۈندىن كىيىن غۇلجىغا يىتىپ كەلدۇق، سان ساناقسىز خەلق پەرزەنىت ئەسكەرلىرىنى قارشى ئالغىلى چىققانىكەن.ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پەتنۇس، سىۋەتلەردە مىۋە-چىۋە، تۇخۇم،مايلىق تۇقاچ، سامسا، سۈت-قايماق... لاربارئىدى. ھەيۋەتلىك داقا-دۇمباق بىلەن «خەلىق قەھرىمانلىرىنى قارشى ئالىمىز، قەھرىمانلارغا سالام!» دېگەن شۇئارلار ئەتىراپنى لەرزىگە سالاتتى. قىزلار جەڭچىلەرگە چىرايلىق تور تۇقۇپ كەشتىلەنگەن قول ياغلىقلارنى سوۋغا قىلاتتى. بۇۋاي-مۇمايلار قوللىرىنى كۈتۈرۈپ، جەڭچىلەرنىڭ بەختى ۋەئۆمرىنى تىلەپ دۇئابىلەن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلارنى تۈكەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە باللىرىمۇ بارئىدى، جۈمىلدىن مېنىڭ دادام قىزىم ۋە ئايالىمنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. ئۇلاربىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتۈم،ئەمما يەنە نۇرغۇن قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىللىرى ۋە سەبى باللىرى يىغا-زارە قىلىشىپلا قالدى.

قىسىم بىرقۇر ئۇرۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن، قېيۇمبەگ خۇجا ماڭا:

--- ساۋدانوپ،سىز بىرنەچچەيلەن بىلەن ئابدۇللامنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ كېلىڭ،--- دېدى.
مەن غۇلجاشەھەر ئايدىڭكۆل مەھەللىسىگە باردىم، ئاتمىش ياشلاردىن ئاشقان ئايىمخان مۇماي بىزنى قارشى ئالدى. مەن ئابدۇللامنىڭ ھېلىقى خېتىنى مۇمايغا ئىككى قوللاپ سۇندۇم، مۇماي  ئابدۇللامنىڭ قۇربان بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئوغلىنىڭ خېتىنى كۈزىگە سۈرۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى:

--- جېنىم بالام، كۆز نۇرۇم بالام، سەن نېمىشقا باشقا بالىلارغا ئوخشاش قايتىپ كەلمىدىڭ، مېنى جۇدالىققا قانداق چىدايدۇ دېدىڭ، يۈرەك پارەم بالام، يالغۇز مۇساپىر ئاناڭنى قانداق تاشلاپ كەتتىڭ بالام...

مەن مۇمايغا تەسەللى بەردىم، بىرگە كىرگەن جامائەت قۇرئان ئۇقۇدى. مەن:

--- يىغلاۋەرمەڭ، بالىڭىز كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ھايات، ئاشۇنداق بىرباتۇر ئوغلاننى يىتىشتۈرگەنلىكىڭىزدىن خەلىق مىننەتدار. خەلىق سىزنى تاشلىمايدۇ.
مۇماي مېنى قۇچاقلاپ:

--- بالامنى كۆرگەن بالام، سىزنى پۇرىۋالاي، سىز مېنى تاشلاپ كەتمەڭ.--- دەپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى، باشقىلار مۇماينىڭ ماڭا ئېسىلغان قوللىرىنى تەستە ئاجىراتتى. بۇئازاپقا كىم چىدىسۇن؟
ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇللامنىڭ ئانىسىغائاتاپ يازغان «يىغلىما جېنىم ئانا» دېگەن قۇشاق ئاھاڭغا سېلىنىپ، خەلىق ئىچىدە تارقالدى. خەلق ناخشىنىڭ ئاخىرىغا ئانىنىڭ زارىنى قۇشۇپ:
« ئاق قۇزام- ئاپئاق قۇزام،
نەلەردە قالدىڭ يالغۇزۇم،
ئاھ،مەن ئاجىز،جان جىگىرىم،
ئاللاھقا تاپشۇردۇم سېنى.»

دەپ ئېيتىلىپ، قەھرىمانلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنىڭ بىر-بىرگە تەسەللى بىرىدىغان ۋە قەھرىمانلارنى مەدىھلەيدىغان بولدى.


مىللى ئارمىيەجەڭچىلىرى:







ئېلىخان تۈرەنىڭ مىللى ئارمىيەدىكى ئوغلى ئاسارخان(ئاقسۇفىرونتىغا سۇپاخۇن سەركەردىنىڭ يېنىغا ئىۋەرتىلگەن)


مەنبە:ساۋدانوپ زاھىرنىڭ «ماناس دەرياسىدىن قايتىش»نامىلىق كىتابى. سۈرەتلەردىن توردىن يىغىلدى.



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
oygak11111 + 111
MY_Dreām + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 311   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تارىخىمىزنى ۋاراقلىغاندا ئۇلۇغ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئىرىشىشنى ئۈمۈد قىلغان ئاشۇ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى يەنە شۇ ھىلە مىكىرلار بىلەن يوق قىلغان دۈشمەنلەرگە لەنەتلەرنى ئوقۇيمىز .. قەھرىمانلىرىمىز قەلبىمىزدە مەڭڭگۈ ھايات ... ۋەتەن ھامان بىزنىڭ !

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەتتىڭلار ، ئاللا خالىسا بىزمۇ سىلەرگە قېتىلغۇچىمىز .
سىلەر قان تۆككەن زىمىنلار بۇلغانماقتا ، سىلەر كەتتىڭلار ، ئۈزۈڭلارلا ئەمەس بەلكى غەيرەت جاسارىتىڭلارنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتتىڭلار .سىلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن قان تۆككەن بولساڭلار ، ھازىر مۇقۇملۇق ئۈچۈن تەرلەر تۈكۈلمەكتە .
كومپارتىيە بولمىغان بولسا يەنە قانچىلىك قانلار تۈكۈلەر بولغىيتتى . كومپارتىيە ياشىسۇن !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر بۇزۇلغان بولسا،ئابدۇللانىڭ ئانىسىغا يازغان خېتى ۋە ئانىسىنىڭ ‹‹مەن››گە ئېسىلىپ  ئېچىنىشلىق يىغلىغان قۇرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم،كۆز ياشلىرىم كۇنۇپكا تاختىسىنى نەمدىدى....

خەلق قەھرىمانلىرى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ھايات،ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ....

شۇنداق ئېسىل يازما ۋە ناخشى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەيييييييييييي    مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى

3.jpg

2.png

1.png

5.jpg


http://Anatel.blogbus.com

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaitmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-17 10:10 PM  


مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  << ئىز >>

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ  چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى نى ئارسىلانلار دەشىت -چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چىچەككە پۈركىنۇر تاڭلا باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز- قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن،گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1209 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللى ئارمىيە  دۈشمەنلەرنىڭ  پېيىنى سىقىرتىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋىتىدىغان ئېسل ئارمىيە  ئىدى  لىكىن  ھەي   . . .. !          ، سىلەرنى كۆزىمىزگە لىق لىق ياش ئېلىپ ئەسلەيمىز . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5902
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  بۇ تېمىدىكى ناخشا تېكىستى مىنى خىلى ھاياجانغا سالدى . تارىختىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرنى ئاڭلاپ ھەم شۇنداقلا ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى ئىشلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكمۇ يىرىم بولدى ، ......

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 10:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئەجداتلار ئېيتقان ناخشىلارنىڭ،ئۇلار ئاشقان داۋانلارنىڭ،قالدۇرغان ئىزلارنىڭ تارىخى ئاساسى ئۆچمەيدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش