مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1694|ئىنكاس: 7

بۆشۈك ۋە بالا تەربىيىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 03:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆشۈك مەدەنىيىتى ــ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى تارىخى ئۇزۇن ،قوغداش ،ۋارىسلىق قىلىش ئەھمىيىتى زور ،ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى .بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ،ئۇيغۇرلار بۆشۈكنى بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىش مەكتىبى ،ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ماكانى ، خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئارامگاھى دەپ قاراپ كەلگەن . شۇڭا ،ئەجدادلار خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بوۋاقلارنىڭ ساغلام ،ئەقىللىق ، پاكىز ،بىخەتەر چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بۆشۈكتىن ئىبارەت بۇ قىزىقارلىق بالا بېقىش بۇيۇمىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان .
بۆشۈكنىڭ لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ ،تولىمۇ سىپتا ياسىلىدۇ . ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقىشچىلىق ،ئويمىچىلىق ،بوياقچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن .بۆشۈك ياساشتا ياغاچ ئاساسلىق ماتىريال قىلىنىدۇ . ئۇنىغا ھېچقانداق مىخ ئىشلىتىلمەيدۇ .
بۆشۈككە بوۋاقلارنى بۆلەشتە يەنە بىر قىسىم زۆرۈر بۇيۇملار ئىشلىتىلىدۇ .مەسىلەن: ئوۋدا ،شۈمەك(چوغا)،جاك(كۈلتۈك )،قول تارتقۇ ،تىز لاتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقنى بۆلەشتە ئىشلىتىلىدۇ . ئوۋدا بۆشۈكنىڭ ساندۇقسىمان قىسمىغا لايىق قىلىپ تىكىلگەن ،بوۋاقلارنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان تۆشەك (مەخسۇس تىكىلگەن كۆرپە) نى كۆرسىتىدۇ . ئوۋدىنىڭ ئوتتۇرسىغا پىيالىنىڭ ئېغىزىچىلىك چوڭلۇقتا تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ ،بۇ تۆشۈك بۆشۈكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆشۈككە ئۇدۇل كەلتۈرىلىدۇ .بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈككە جاك ياكى ئىچىگە كۈل ئېلىنغان كۈلتۈك قويۇلىدۇ .شۈمەك ياسىلىش شەكلى جەھەتتىن ئوغۇل بوۋاق بىلەن قىز بوۋاقنىڭ پەرقى بولىدۇ . قىز بوۋاقنىڭ شۈمىكى ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن باشسىز قىلىنىپ ،ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ شۈمىكى ئادەتتە ياغاچتىن غاڭزا شەكلىدە ياسىلىدۇ . بۆشۈكنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىككى دانە قولتۇق بولۇپ ،ئۇنىڭ بىرسىدە بوۋاقلارنىڭ پۇتى ،يەنە بىرسىدە بوۋاقنىڭ كۆكرەك قىسمى قوللىرى قوشۇلۇپ تېڭىلىدۇ .
بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىشتا يۇقۇرىقى بۇيۇملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ . ئوۋدا بوۋاقلارنى يازدا ئىسسىقتىن ،قىشتا سوغاقتىن ساقلايدۇ ھەم بوۋاقلار يۇمشاق ياتىدۇ . شۈمەك ،جاك بوۋاقلارنىڭ ئاستىنىڭ مەينەت ۋە ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ . تىز لاتىسى ئىككى تىز ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ بوۋاقنىڭ پۇت-پاچاقلىرىنىڭ تۈز ،ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . قول تارتقۇ بىلەن بوۋاقلارنىڭ پۇت –قوللىرى مەھكەم تىڭىپ قويۇلغاچقا ،بوۋاقلار ئۇيان –بۇيان ھەركەتلىنىپ بۆشۈكتىن يېقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلايدۇ . بۆشۈكنىڭ پۇتلىرى يايسىمان بولۇپ ،ئۇنى تەۋرەتمەك ئاسان ،نۇرغۇن ئۇيغۇر ئانىلىرى قولىدا يىڭنە ئىشىنى قىلغاچ پۇتى بىلەن بۆشۈكنى تەۋرىتىدۇ . بەزىلەر بۆشۈككە ئۇزۇن تانا چېگىپ قويىدۇ . ئاياللار نېرىقى ئۆيدە ئىش قىلغاچ تانىسىنى بىر –ئىككى قېتىم تارتىپ قويسىلا بۆشۈك تەۋرىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى يېنىكلەيدۇ . بۆشۈكنىڭ ئىككى بېشى گۈللۈك بالداق بىلەن چېتىلىپ قويىلىدۇ . بالداقتىن تۇتۇپ بۆشۈكنى يۆتكىگىلى ،ئۇنىڭغا پەردە ياپقىلى ۋە ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئېسىپ بالىلارنى بۆشۈكتە ياتقۇزۇپ ئويناتقىلى بولىدۇ .
بۆشۈكتىكى بوۋاقلارنى ئىمىتىش قولايلىق بولۇپ ، ئانىلار بۆشۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپ بالا ئىمىتكەندە ،كېچىسى ئۇيقۇلۇقتا بوۋاقنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ۋە تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ . بۆشۈكنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويغان ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بوۋاقنى زېھنىنى ئاچقىلى بولىدۇ . يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى بۆشۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ بالىلارغا ئەللەي ناخشىسى ياكى چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ .
بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتى چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ ،مائارىپ تۈسىنى ئالغان .بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن تۈنجى تەربىيەنى بۆشۈكتە ئانىلاردىن ئالىدۇ . ئانىلارنىڭ بۆشۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ ئېيتقان ھەر بىر ناخشىسى ۋە ھېكايە –چۆچەكلىرى بوۋاقلار ئۈچۈن جانلىق دەرسلىك ۋە بىلىم ھېسابلىنىدۇ .
ئومۇمەن ، بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىلەش ۋە بالا بېقىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ، بالىلار بۆشۈكتە ساغلام ،پاكىز ، بىخەتەر ،زېھنى ئوچۇق ،ئەقىللىق ۋە قورقماس ،جاسارەتلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ .

مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى .

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 04:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

.

123.jpg



ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر "كارۋات"نى تەييارلاپ، ئۇنى "بۆشۈك" دەپ ئاتىغان. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-17 04:47 PM  


خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 07:04:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91253
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 09:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ كىچىك بالاممۇ بۆشۇكتە يېتىپ باقمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7550
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 10:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆشۈك مەدەنىيىتى ــ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى تارىخى ئۇزۇن ،قوغداش ،ۋارىسلىق قىلىش ئەھمىيىتى زور ،ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان قىممەتلىك مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بىرى .بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ،ئۇيغۇرلار بۆشۈكنى بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىش مەكتىبى ،ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ماكانى ، خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئارامگاھى دەپ قاراپ كەلگەن . شۇڭا ،ئەجدادلار خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بوۋاقلارنىڭ ساغلام ،ئەقىللىق ، پاكىز ،بىخەتەر چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بۆشۈكتىن ئىبارەت بۇ قىزىقارلىق بالا بېقىش بۇيۇمىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان ....


بىر چاغدا بىرەيلەن بۆشۈك توغىرسىدا بىر نەرسە يازغان...ئەجدادىمىز بىزنى بۈشۆككە تېڭىپ تەۋرىتىپ بېشىمىز چاقىلىپ كەتكەن...پۇت-قولىمىزنى چۈشەپ قويغان..ۋاھاكازا

يەنىلا ئەنئەنىمىز ياخشى،بىراق ھازىر نۇرغۇن ئانىلار پەرەڭ كارۋىتىنى ئىشلەتمەكتە!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 10:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بالام 8 ئايلىقتىن ئاشتى ھازىرغىچە بۈشۈكتە ئۇخلايدۇ . لېكىن بۇ يەردە تۈزۈكرەك قول ھۆنەرۋەنچىلىرى بولمىغاچقا بالامنى ئوبدانراق بۆشۈكتە ياتقۇزالمىدىم . ھازىر ئوغلۇمنىڭ ئۇيقۇسى كەپ كەتسە بېشىنى ئىككى تەرەپكە چايقايدۇ ، دە ئانىسى ئۇنى بېلەپ ئۇخلىتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالاممۇ 1ياشقا كىرەي دەپ قالدى بۆشۈكتە ياتىدۇ ھازىرقى ياسالغان بۆشۈكلەر كىچىك بولغاچقا بالامنىڭ بىشى بۆشۈككە تاقىشاي دەپ قالدى. چوڭراق بۆشۈك بولسا تاپسام بولاتتى.بالام بۆشۈكتە يىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ يەردە پەقەتلا ئۇخلىيالمايدۇ.

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش