ئۇيغۇرچە خەتلىك (رەسىم شەكلىدىكى ئەمەس) UNICODE لۇق PDF ھۆججىتىنى WORD ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشقا مۇھتاجمۇسىز؟
( بىر دوستۇمغا <<سەن>> دەپلا يېزىپ يوللاپ بەرگەن ئىدىم، مۇنبەرگىمۇ شۇ پېتى چىقىرىپ قويدۇم، توغرا چۈشەنسىڭىزلار)
Unicode لۇق ئۇيغۇرچە PDF ھۆججىتىنى Wordھۆججىتىگە
ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى
1. ئالدى بىلەن Adobe Reader دىگەن پروگراممىنىڭ 9.0 دىن يۇقۇرى نەشرىنى كومپيوتېرغا قاچىلىشىڭ كېرەك.
2. Adobe Reader نى قوزغۇتۇپ Unicode لۇق ئۇيغۇرچە PDF ھۆججىتىنى ئاچىسەن. Ctrl بىلەن A كۇنۇپكىسىنى بىللە باسساڭ ھەممىسى تاللىنىدۇ. (رەسىم شەكلىدىكى ئۇيغۇرچە PDF ھۆججىتىنى Wordھۆججىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ). Ctrl بىلەن C كۇنۇپكىسىنى بىللە باسساڭ، تاللىغان مەزمۇن كۆچۈرۈپ ئېلىنىدۇ.
3. ئۇيغۇرچە PDF ھۆججىتىنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش دېتالى PDF2Txt نى ئىجرا قىلىسەن. ئۇنىڭ كۆزنىكىدە Ctrl بىلەن V كۇنۇپكىسىنى بىللە باسساڭ، بايا كۆچۈرۈۋالغان مەزمۇن چاپلىنىدۇ. خەتلەر توغرا كۆرۈنگەن بولسا، Ctrl بىلەن A كۇنۇپكىسىنى بىللە بېسىپ ھەممىنى تاللاپ، Ctrl بىلەن C كۇنۇپكىسىنى بىللە بېسىپ، تاللىغان مەزمۇننى كۆچۈرۈۋالىسەن.
4. WORD نى قوزغىتىسەن. WORD دا Ctrl بىلەن V كۇنۇپكىسىنى بىللە بېسىپ، بايا كۆچۈرۈۋالغان مەزمۇننى چاپلىساڭ، ئۇيغۇرچە WORD ھاسىل بولىدۇ. ئىش تېخى تۈگىمىدى. ئەمدى Ctrl بىلەن A كۇنۇپكىسىنى بىللە بېسىپ ھەممىنى تاللاپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىش شەكلىگە ئۆتۈشنى باسىسەن، خەت نۇسخىسىنى ئۆزۈڭنىڭ كومپيوتېرىدا بار ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا توغرىلايسەن، يەنە ئايلاندۇرۇش جەريانىدا خاتا كەتكەن تىرناق، رەقەم، چەتئەل يېزىقلىرى، ئارتۇقچە قۇر ئاتلاش بەلگىسى... نى تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش، بەتكە تىزىش ئىشلىرىنى قىلساڭ بولىدۇ.
ئىش تامام ۋەسسالام.
مۇناسىۋەتلىك دېتاللىرىنى
بۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىڭ
چۈشۈرۈش مەخپى نومۇرى: 2817
(چۈشۈرۈپ بولۇپ، AdobeReader1010_zh_CN.exe.x نىڭ ھۆججەت نامىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى x. نى ئۆچۈرىۋېتىپ، exe. قىلىپلا قاچىلاڭ.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ansiz1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-17 02:55 PM