تىلنى تىزگىنلەش ھەققىدە
*بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن، (ئۇلار) ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت، تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ. تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن، ئەگەر (ئۇ) قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ.
* ئويلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى سۆز جەۋھىرىدۇر، كۆپ مەمەدانلىق قىلغان تىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەندۇر. ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇت، ئېغىز بوشلۇغى ئاخىرى بېشىڭغا چىقىدۇ.
* ئاغزى بوش كىشىنى ئەقىللىق دېگىلى بولمايدۇ، ئېغىز بوشلۇغى نۇرغۇن باشنى يىدى. كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، شۇنى بىلگىنكى، ئوق يارىسى ساقىيىدۇ، (لېكىن) تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
* تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بىشىغا دۈشمەندۇر، ئۆزتىلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قېنى تۆكۈلىدۇ. كۆپ سۆزلىگەنلەردىن ئۆكۈنگەنلەر كۆپ، تىلنى تىزگىنلىگەنلەردىن ئۆكۈنگىنى قېنى؟
* كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ، كىمنىڭ ياخشى ، كىمنىڭ ئەسكىلىگى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى،تەن ھەر تاڭدا تۇرۇپ تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ.
* ئەگەر بىر كىشىدە (مۇنۇ) ئىككى نەرسە بىرىكسە، ئۇ كىشىگە ئادەمگەرچىلىك يولى ئېتىلىدۇ: (ئۇنىڭ) بىرى قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش بولسا، ئىككىنچىسى يالغان سۆزلەشتۇر.
* يالغانچىدىن يىراق تۇرغىن ۋە تەزگىن، ئۆمرۈڭنى راستچىللىق بىلەن ئۆتكۈزگىن. راست گەپ ئېغىز ۋە تىلنىڭ بىزىكىدۇر، راست گەپ قىلىپ تىلىڭنى بېزە.
* تىلىڭنى تىزگىنلە، ئاز سۆزلىگىن، تىلىڭنى تىزگىنلىسەڭ، ئۆزۈڭ قوغدىلىسەن. رەسۇلىللا:«كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر» دېدى، تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن يۈزىڭنى قۇتقاز.
* راست گەپ ھەسەلدەك، يالغىنى پىياز، ھەسەل يىگىن، پىياز يەپ ئاغزىڭنى ئاچچىق قىلمىغىن. يالغان سۆز گويا كېسەل،راست سۆز شىپادۇر، بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دېيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر.
* راستچىل بول، راستچىللىق قىل، راستچىل ئاتال، كىشىلەر سېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن ، ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىللىق تونىنى كىيگىن، كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راستچىللىق تونىدۇر.
* چىڭ ساقلا، سىرىڭنى كىشىلەر بىلمىسۇن، سۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە ئۆكۈنۈچ كەلمىسۇن. بارلىق يوشۇرۇن ئىشلىرىڭ ئاشكارا بولۇپ، (بۇنى) كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلار ساڭا كۈلمىسۇن.
* دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيتما، ھەزەر قىل، ھەر قانچە ئىشەنچىلىك يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ. سىرىڭنى ئۆزۈڭ ساقلىيالمىساڭ، دوستۇڭ ساقلىيالارمۇ، بۇنى ياخشى ئويلان. «كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر» دېدى، تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن يۈزۈڭنى قۇتقاز.
مەنبە: ئەتەبەتۇلھەقايىق.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى .
http://www.uycnr.com/wx/201302/t20130216_448579.html