كۆز يېشىمدىن پۈتۈپ چىقتىم لىرىكا
كۆز يېشىمدىن پۈتۈپ چىقتىم لىرىكا،
سېغىنىشتا يۈرەكلىرىم سەكپارە.
ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ چىقار بىر پىغان.
خىياللىرىم ئەركىن يۈرەر سەييارە.
كۆز يېشىمدىن پۈتۈپ چىقتىم لىرىكا،
كۈنەلمىدىم سەنسىز خۇشال يۈرۈشكە.
ئۆز-ئۆزۈمگە بەرسەممۇ كۆپ تەسەللى.
ئامالىم يوق يەنە غەمسىز ئۈتۈشكە.
كۆز يېشىمدىن پۈتۈپ چىقتىم لىرىكا،
ئەسلىمەمگە ئايلاندىڭمۇ راستىنلا.
كۆزلىرىمدىن يۈتتىڭ لىكىن، قەلبىمدە،
مەڭگۈگە بار سىنىڭ ئورنۇڭ پەقەتلا.
كۆيىمەن بىر ساڭا ئەبەدى-ئەبەد
كۆيىمەن بىر ساڭا ئەبەدى-ئەبەد،
ئۆزگىگە كۆزۈمنى سالمايمەن پەقەت.
سەمىمى قەلبىمنى ئاتىدىم ساڭا،
چۈشەنگىن يۈرەككە سالمىغىن ھەسرەت.
كۈيىمەن بىر ساڭا ئەبەدى-ئەبەد،
سىنىڭسىز بۇ ھايات ماڭا نە كىرەك.
سەن بىلەن ھاياتىم مەنا تاپىدۇ،
سىنىلا ئىزدەيدۇ بۇ ئوتلۇق يۈرەك.
كۈيىمەن بىر ساڭا ئەبەدى-ئەبەد،
ئىشەنگىن، سۆيگۈمگە قىلمىغىن گۇمان،
ئىشەنچتىن ئېچىلار بەخت گۈللىرى،
بولسىمۇ بىر مەزگىل يولىمىز تۇمان.
مەنبە:ئىجادىيەت