بايا بىر دوستىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا QQ دا باشقۇرۇپ تۇرۇپ win8 گە LibreOffice 4.0 نى قاچىلىدۇق.
قاچىلاش جەريانى
ئەڭ يېڭى ھەقسىز، ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدىغان LibreOffice 4.0 دا تەۋسىيە قىلغان سىندەرس
سىن: LibreOffice 3.5 نى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش تىكى بىلەن ئوخشاش بولدى.
ئاۋال يۇقارقى تېمىدىكى ئادرىستىن LibreOffice 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچە قاچىلاش ھۆججىتى ۋە ئۇيغۇرچە ياردەم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەييارلاپ LibreOffice 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچە قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ دەرستە دېگەن بويىچە مەشغۇلات قىلدۇق.
win8 ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن بوپلغاچقا LibreOffice 4.0 نىڭ قاچىلاش يۈزى ئۇيغۇرچە چىقتى.
جەريان رەسىمى
قاچىلاش بۇيرۇقى بېرىپ «كەينى» نى بېسىپ، «ئىختىيارىچە» نى تاللاپ «كەينى» نى باسىمىز.
بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى قارا توچكىنى بېسىپ تىللار تىزىمللىكىدىن « ئۇيغۇرچە» گە ئوڭنى بېسىپ « بۇ ئىقتىدار، باشقا بارلىق ئىقتىدارلار يەرلىك دىسكىغا قاچىلانسۇن» نى تاللاپ «كەينى» نى باسساق قاچىلىنىش تاماملىنىدۇ.
ئەمدى LibreOffice نى قوزغاتساق خەنسۇچە قوزغۇلۇشى مۇمكىن. 工具
选项 نى بېسىپ 语言设置 نى بېسىپ يەنە 语言 نى بېسىپ ئوڭ تەرىپىدىكى 用户界面 نىڭ يېنىدىكە تىزىملىكتىن 维吾尔语 نى تاللاپ 确定 نى باسساق ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. يەنە 确定 نى بېسىپ LibreOffice نى قوزغاتساق ئۇيغۇرچە ھالەتتە قوزغىلىدۇ.
قوشۇمچە: ئۇيغۇرچە ياردەم ھۆججىتىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ياردەم ئۇچۇرىمۇ ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.
پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەم ھەقسىز بولغان Office دىتالىنى ئىشلىتىپ پەيزى قىلىش سىزگە قالدى