ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەل ئىچىدىكى داجىياۋ مۇخلىسلىرى ئىچىدە ئالقان سىزىقلىرىغا قاراپ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئادەت بار.ئەمەليەتتە ئالقان سىزىقلار ئادمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىك دەرجىدە كۆرسىتىپ بىرەلىسىمۇ، سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزدىن تولۇق بىشارەت بىرەلەيدۇ.
ھەربىر بارماقتىكى پەللىلەر ئەزالار بىلەن تۇتاشقان بولۇپ،ئەپچىل ئون بارمىقىڭىزنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرەلەيسىز ۋە باسالايسىز.بىزنىڭ قول ۋە پۇتىمىز پەدىنىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك جىڭلو(经络穴位)پەلىللىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ،بەدىنىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ئالقىنىمىزدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەمدە بىر پارچە ئەينەككە ئوخشاش بىزگە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.دىمەك بىز بۇ ئەينەككە قاراش- قولىمىزدىكى كۈچ، رەڭ، شەكىللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزتىش ئارقىلىق، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپالايمىز ھەمدە مەسىللەرنى بايقاپ، ھەل قىلالايمىز.
ساغلام بارماقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش
تىرناقلىرىمىز ھال رەڭ، پارقىراق بولىدۇ، قىلىن-نىپىزلقى،قاتتىق-يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولىدۇ،سىرتى سىلىق بولىدۇ، تىرناق ئاسىتى يېرىم ئاي(تىرناق يېرىم ئېيى،ساغلاملىق ھالقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەكىللىك بولىدۇ،ئاق كۆرنىدۇ.
بەش بارماقنى ئاسىراش ۋە تەكشۈرۈش
قولىمىزدا ئالتە يۈرۈش تومۇر بار بولۇپ،بەدەندىكى ھەرقايسى ئىچكى ئەزالار ۋە توقۇلمىلار بىلەن تۇتاشقان،تەخمىنەن 99پەللە بار بولۇپ ئەزالىرىمىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋلىدىن تولۇق خەۋەر بىرەلەيدۇ، بۇ ئەزالارنى ئۇۋىلاش ۋە بېسش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى كىسەللىك ئاسارەتلىرىنى دەۋالغىلى بولىدۇ.
بەش بارماق
| ماس جىڭلو
| ماس ئەزا
|
باش بارماق
| ئۆپكە جىڭلو
| يۈرەك،ئۆپكە
|
بېگىز بارماق
| ئۈچەي جىڭلو
| يۈرەك، ئۆپكە
|
ئوتتۇرا بارماق
| يۈرەك قېپى جىڭلو
| بەش ئەزا، جىگەر
|
نامسىز بارماق
| سەنجىياۋ جىڭلو
| ئۆپكە نەپەسلىنىش سىسىتىمىسى
|
چىمچىلاق بارماق
|
يۈرەك، ئىنچىكە ئۈچەي جىڭلو
| بۆرەك ۋە سىكىل سسىتىما |
ساغلام بولىمغان بارماقلار ئوخشاش بولمايدۇ
1. تىرناقتىكى يېرىم ئاينىڭ رەڭگى
كۈل رەڭ: زېھنى قۇۋەتنىڭ ئاجىز بولىشى،ئاسان پەيدا بولدىغان قان كەملىك،چارچاش،ماغدۇرسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھال رەڭ(ئاچ قىزىل):ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولشى، قۇۋەتنىڭ تېز خوراۋاتقانلقى،ئاسان قوزغىلدىغان قەنىت سېيىش كېسىلى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ.
سۆسىن رەڭ(بېنەپشە):يۈرەك،مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلقى،باش قېيىش،باش ئاغرىش،ئارتىرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىنى بىلدۈرىدۇ.
قارا رەڭ: كۆپ كۆرلىدىغان ئېغىر يۈرەك كېسىلى،ئۆسمە ۋە ئۇزاق مەزگىل دورا ئىستىمال قىلغۇچىنى بىلدۈرىدۇ.
2. يېرىم ئاينىڭ دائىرىسى
ئەڭ ياخشى ئۆلچەم:يېرىم ئاي تىرناقنىڭ1/5 نى ئىگىلەيدۇ. 1/5دىن كىچىك بولسا زېھىنى قۇۋەتنىڭ ئاجىز بولىشى،ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر تىرناقتىكى يېرىم ئاي تۇيۇقسىز كىچىكلسە،غۇۋالاشسا، يوقىلىپ كەتسە، خوراش خاراكتىرلىك كسەللىكلەر،ئۆسمە، گىمرۇي قاتارلىقلارنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش كىرەك.ئۇيقۇسىزلىق،جىنىسى تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولىشىمۇ يېرىم ئاينىڭ يوقېلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.تىرناقنىڭ ھالىتى
رەڭگى تۇتۇق، تىك سىزىقلار تارقالغان بولسا:
بەدندىكى سۇ كەملكنىڭ ئالامىتى بولۇپلا قالماسىتىن،بارماقلار ۋەكىللىك قىلغان ئىچكى ئەزالار ۋە توقۇلمىلار ئىقىتدارىنىڭ ئاجىز بولىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
رەڭىگى تۇتۇق، ئگىز-پەس بولسا، توغرا سىزىقلار تارقالغان بولسا:كەم قانلىق ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ۋە بەدەننىڭ ماددا ئالمشتۇرىشنىڭ ياخشى بولماسلقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ھەر ۋاقىت ۋەھەر زامان قول ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى ئىشلەش
بارماقلارنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى ئەۋزەللىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئالايلۇق؛ئۇزۇنراق ئېچىلغان يېغىن ۋاقتلىرى،كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالغان 10مىنۇت،تاماق كەلتۈرۈلىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقتلار بىزىنىڭ ياخشى بولغان گىمناستىكا ۋاقتىلىرىمىز بولۇپ ھېىساپلىنىدۇ.
1. ئاساسىي ساقلقنى ساقلاش:بەش بارماقنى ئۇۋىلاش
باش بارماقنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق؛يۈرەك كېسەللىكلىرى، سەزگۈر تېرە ياللۇغى ،چاچ چۈشۈش،گال ئاغىرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
بېگىز بارماقنى ئۇۋلاش ئارقىلىق؛ قەۋزىيەت، ئېشتىھاھ ياخشى بولماسلىق،ئاشقازان ئاغىرىقى،ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئوتتۇرا بارماقنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق؛ جىگەر كىسەللىكلىرى،چارچاش،ئېشتىھاھ ناچارلىشىش،قۇلاق غوڭۇلداش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
نامسىز بارماقنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق؛ زۇكام، گال ئاغرىقى،باش ئاغرىقى، سۈيدۈك تامچىلاش، كۆپ تەرلەش، جىنىسى ئەزا توڭلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
كىچىك بارماقنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق؛ مۈرە ئاغىرىقى، بەل ئاغرىقى،زۇكام، بەل ئاغرىقى،ئادەت نۇرمال بولماسلىق، كۆرۈش قۇۋىتى ناچارلىشىش، سېمىزلىك،ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالغىلى بولىدۇ.
2. ئۇۋىلاش ئۇسۇلى:
ئاۋۋال سول قولنى ئۇۋىلاش،ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە بېگىز بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بارمىقىنىڭ ئىككى تەرپىنى ئاغرىق ھېس قىلغانغا قەدەر بېسىپ تۇرۇش.
ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە بېگىز بارماقلىرىنى سول قولىمىزنىڭ باش بارماقلىرى ئارسىغا يۇقىرى-تۆۋەن قىسىپ تۇرۇپ كۈچەپ بېسىش بۇنى 3سىكۇنىت داۋاملاشتۇرۇش.
بارماق ئۇچى ئاغرىش
بەش بارماقنىڭ ئۇچىدا ئوخشاشمىغان پەلللەر بار بولۇپ، ئوخشاشمىغان ئىچكى ئەزالارغا ۋەكىلىك قىلىدۇ.كىچىك بارمىقىمىزدىن باشلاپ، تىرناق تۈۋىنى قىسىپ تۇرۇپ كۈچەپ ھەركەتلەندۈرىلىدۇ،ئەگەر بارماق ئۇچىدا ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولسا، بۇ پەللە بىلەن مۇناسۋەتلىك ئەزادا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كىچىك بارماق ئاغرىش: ئېھتىمال يۈرەك ۋە ئىنچىكە ئۈچەيدە مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كىچك بارمىقىمىزنىڭ نامسىز بارمىقىمىز تەرپىدە شاۋچوڭ پەللىسى(少冲穴)يەنە بىر تەرپىدە شاۋزى پەللىسى(少泽穴)بولىدۇ، شاۋچوڭ پەللىسى يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا كىچىك بارمىقىمىزنىڭ ئۇچىنى بېسىش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ ئاسارىتىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
نامسىز بارماق ئاغرىقى: ئېھتىمال گال ئاغىرىقى ۋە باش ئاغرىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نامسىز بارماقنىڭ ئۇچىدا گۈۋەنچوڭ پەللىسى (关冲穴) بار بولۇپ زۇكام بولۇپ قىززىغاندا بۇ ئورۇننى بېسىش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
ئوتتۇرا بارماق ئاغرىقى:ئېھتىمال يۈرەك قان تومۇرلاردا نۇرمالسىزلىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇچىدا جوڭچوڭ پەللىسى(中冲穴) بار بولۇپ كىسەللىك ئېغىرلىشىپ يۈرەك بەرداشلىق بېرەلمىگەندە بۇ يەردە ئاغرىش سىزىمى پەيدا بولىدۇ.
بېگىز بارماق ئاغرىقى: ئېھتىمال چوڭ ئۈچەيدە مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.بېگىز بارماقنىڭ ئۇچىدا شاڭياڭ پەللىسى(商阳穴)بار بولۇپ قەۋزىيەت بولغان ۋاقىتتا بۇ بارماقتا ئاغرىش سىزىمى پەيدا بولىدۇ.
باش بارماق ئاغىرىقى: نەپەسلىنىش سېسىتىمىسدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.باش بارماقنىڭ ئۇچىدا شاۋشاڭ پەللىسى(少商穴) بار بولۇپ ئۆپكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئەگەر ئۆپكە بىمارلىرى بۇ ئورۇننى باسسا ئاغرىق دەستىدىن سەكرەپ كېتىشى مۈمكىن.
بوغۇملارغا قارتا بېسىش ئېلىپ بىرىش
ھەر قايسى كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك بارماقلارنى بېسىش ئارقىلىق ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.ھەر قېتملىق ۋاقىت 3مىنۇت بولۇپ، كۈنىگە 1~2قېتىم داۋاملاشتۇرۇش.
جىگەر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى:ئوڭ قول باش بارمىقىمىزنىڭ ئىككى بوغۇمىنى بېسىش.
قۇلاق غوڭۇلداش: نامسىز بارماقلىرىمىزنىڭ ئۈچ بوغۇمىنى بېسىش.
قەنىت سېيىش كېسەللىكلىرى:سول قول باش بارمىقىمىزنىڭ ئىككى بوغۇمىنى بېسىش.
يۇقىرى قان بىسىم: سول قول كىچىك بارمقىمىزنىڭ تۈۋىنى بېسىش.
يۈرەك كېسەللىكىرى:سول قول كىچىك بارمىقىمىزنىڭ ئۈچ بوغۇمىنىڭ ئىچىنى بېسىش.
ھەيزە ئاغرىتىپ كېلىش: بىگىز بارماقلىرىمىزنىڭ ئۈچ بوغۇمىنى بېسىش.
كۆز چارچاش: ئوڭ قول ئوتتۇرا بارماقلىرىمىزنىڭ ئۈچ بوغۇمىنى بېسىش.
گەرچە بەدەن ساغلاملىقىمىز قولىمىزدا ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن قولىمىزنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بىز قولىمىز بىلەن خەت باسىمىز، ئۇچۇر يوللايمىز.«كۇنۇپكا قول»،«ئۇچۇر قول»،«چاشقان قول» دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قولىمىزنىڭ پەخىرلىك نامى بولۇپ، بارماقلىرىمىزنىڭ چاققانلىقى ئۈچۈن بىر قېسىم بوغۇم بوشتىش ھەركەتلىرىنى ئىشلىمەي بولمايدۇ.
قول سىلكىش: ئىككى قولىمىزنى كۆكرەك بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە كۆتىرىپ سىلكىش ئارقىلىق قولىمىزنىڭ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
توپ ئېتىش:ئىككى مۇشتىمىزنى چىڭ تۈگۈپ، قولىمىزدا بىر كىچىك شارچە بار دەپ پەرەز قىلىپ، بەشنى سانىغاندىن كىيىن بارماقلىرىمىزنى ئېچىپ ئېتىش ئارقىلىق، بېغىشىمىزنىڭ ھەركىتىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
بارماقنى بېسىش:بارماقلىرىمىزنى ئايرىپ تۇرۇپ،بوغۇملىرىمىز ئاغرىغانغا قەدەر 10قېتىم باسساق بوغۇملارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يۇقېرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
قوللارنى سۈركەش:ئىككى قولىمىزنى كۆكرەك بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە جۈپلەپ،سول قولىمىزنىڭ ئالقىننى كۈچەپ ئوڭغا سۈرۈپ ئىككى قولىمىزنى جۈپلەيمىز.ئاندىن سولغا سۈرىمىز، بۇ ئارقىلىق بېغىشىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى يۇقېرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
بارماقلارنى ئۇۋىلاش:باش ۋە بېگىز بارماقلار بىلەن باشقا بارماقلارنى قىسىپ تۇرۇپ، تۈۋىدىن ئۇچىغا قارتا ئۇۋىلىغاندا قوللىرىمىزنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
بارماقلارنى تارتىش:ئوڭ قولىمىز بىلەن سول باش بارمىقىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھەركەتلەندۈرۈپ، سىرىتقا تارتىمىز، باشقا بارماقلىمىزمۇ ئوخشاش. بۇ ئارقىلىق بارماقلارنىڭ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىگىلى بولىدۇ.
بارماقلارنى گېرەلەشتۈرۈش: بارماقلارنى گېرەلەشتۈرۈپ ھەركەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بارماقلىرىمىزنىڭ ھەركىتىنى تىزلەتكىلى، ئېلاستىكىلىقىنى يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
بوشتىش: بىلكىمىزنى كۆتىرىپ، ئىختىيارى سىلكىش ۋە پۇلاڭلىتىشىنى قولىمىز بوشىغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز.
ئۇۋلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار
1.ئۇۋىلاش ئۈنۈمى:كۆپ سانلىق پەللە ئورنى ۋە سىزىم رايۇنىغا نىسبەتەن ئاغىرىمىسا ئۈنۈمى بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىتىش كۈچلۈك بولۇش، ئاغرىق سىزىمى بولۇش. ئەمما كۈچەش نۇرمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك،پەقەت كۆرنەرلىك ئاغرىش سىزمى پەيدا بولغاندا بولدى قىلىش،بار-بارا ئىلگىرىلەش، ئەڭ يۇقىرى كۈچ نۇقتىسدا بولدى قىلش.
2.ئۇۋلاش تەرتىپى:ئۇۋلىغان ۋاقىتتا ئەرلەر ئاۋال سول قولىنى، ئاياللار ئوڭ قولىنى ئۇۋىلاش، ۋاقىت يېتىشمىسە بىر قولدىكى پەللىلەرنى ئۇۋىلىسلا كۇپايە.
3. پەللە ئورنىنى چارچىتىۋىتىشىتن ئېھتىيات قىلىش، ئۇۋىلاش كۆپ قېتىم داۋاملاشقاندىن كىيىن كىسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا، پەللە ئورنىدىكى ئاغىرىش ئازايسا، بۇ كىسەللىكىنىڭ ساقىيۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتى.
ئەكىسچە كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماي، ئاغرىش كۆرنەرلىك داۋاملاشسا بۇ پەللە ئورنىنىڭ چاچىغانلىقنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەت بىلەن ئوڭ ۋە سول قولدىكى پەللە ئورنىنى ئۇۋىلاش كېرەك.
4.ۋلاشتكى دېققەت قىلدىغان نۇقتىلار:
⑴ئۇۋلاشتىن بۇرۇن بىر پەس دەم ئېلىش
⑵تويۇپ تاماق يېگەن، يۇيۇنغاندىن كىيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ۋە چارچاپ ئەمگەك قىلغاندا ئۇۋلىماسلىق كىرەك.
⑶دەسلەپ قېتىم ئۇۋلىغاندا ئېچىشىش،يېنىك ئاغرىش،چىڭقىلىش ھىس قلسا بۇ بارماق كۈچىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، يېنىكلتىش كېرەك.
⑷قولىمىزدىكى پەللە ئورنى كىچىكرەك بولسا بىر قىسىم سايمانلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.يەنى سىياھ قەلەم، ماي قەلەم قاتارلىقلارنىڭ ئاستى ئۇچى تەرپى بىلەن پەللە ئورنىنى باسساق بولىدۇ.
⑸ئۇۋىلاش جەريانىدا ئەركىن نەپەسلىنىش، نەپەسنى قىسىۋالماسلىق.
مەنبە: ئىزدىنىش ۋە بايقاش ژورنىلى 187-188بىرلەشمە سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.