|
|
|
|
ئەمدى ۋاز كېچىڭ
سىز بەلكىم بەك ئازاپلىنىشڭىز مۇمكىن ،ياق ياق سىز چوقۇم ئازاپلىنىسىز سىز ماڭا قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر مەن قوبۇل قىلمىدىم،مەن سىزنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭزنى بىلمىدىم ئەمەس،بىلگۈم يوق سىز مېنى بەك ياخشى كۆرسىز ،مېنى بارلىقىم دەپ ئويلايسىز ،مېنى ئۆزىڭىزدىنمۇ مۇھىم دەپ بىلىسىز ،مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشقا رازى ،مېنى ئىزدەپ تاپالمىسىڭىز ئەنسىرەپ كېتىسىز مېنى تاپمىغىچە بولدى قىلمايسىز ،لېكىن سىزگە كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام سىزنىڭ بۇ ياخشى مۇئامىلىڭىز ماڭا نىسبەتەن بىر خىل بېسىم خالاس ،سىز ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانسىرى مەن غەلىتە بوپ قالىدىكەنمەن ،شۇنى بىلسىڭىز تاشنى تاياققا زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ ،سىزنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ ئالداپ يۈرگۈم يوق ،مېنىڭ سىزگە ھىسىيات جەھەتتىن قەرز بولغۇم يوق ،سىز ئۆز خىيالىڭىزدا سىز بولمىسىڭىز مەن ھىچ ئىش قىلالمايدىغاندەك ،ھىچكىم مېنى سىزدەك ياخشى كۆرەلمەيدۇ ،مەن بولمىسام ياشىيالمايدۇ دەپ ئويلايسىز بەكمۇ خاتا ئويلاپسىز سىز بولىمىسڭىز ياشىيالمايدىغان ئىشىم بولسا سىزدىن نىمىشقا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرىمەن ،ھەر قانچە بولسىمۇ سىزگە ئىچ ئاغرىتىپ سىز بىلەن مۇھەببەتلەشمەسمەن ،نەچچە قېتىم ئىنىق قىلىپ سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دىسەم نىمشقا ئىشەنمەيسىز ،توغرا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭز سىزنىڭ گۇناھىڭىز ئەمەس ،ماڭا كۆيۈنگىنىڭىزمۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس لېكىن ئۆزۈڭىزنى كونتۇرۇل قىلالمىغانلىقىڭىز سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ،سىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭىز ،كەچۈرۈڭ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن ،مېنى بەك ئىزدىڭىز كەپ كەتسە ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىڭ مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭ . تەرجىمە قىلغۇچى :مەن مەنبە:تور دۇنياسى
|
|
|
|
|
|