خەلقئارا يەرمەنكە ساھەسىدە كۈچلۈك بولغان، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىنىۋاتقان « دۇبەي يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى » بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە دۇبەيدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
گەرچە بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە رايونىمىزدىن مىللى كارخانىلار قاتناشمىغان بولسىمۇ، يەرمەنكىگە قاتنىشىش شارائىتى بار سودىگەر-تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەرمەنكىدىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشىغا تىلەكداشمىز.
يەرمەنكە ئورنى: دۇبەي دۇنيا سودا مەركىزى
يەرمەنكە ۋاقتى: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە
يەرمەنكە ماللىرى: يېمەك-ئىچمەك، كۈتۈنۈش-ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش، قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىلىرى…
يەرمەنكە توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ۋە تىزىملاش تور بەت ئادرېسى: www.gulfood.com
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ:
ئىستانبۇل ھېيتگاھ تاشقى سودا شىركىتىدىن- ئۇيغۇرباي
www.uyghuristanbul.com
( قوشۇمچە ماتېرىيال )
بۇ قېتىملىق يەرمەنكىگە قاتناشقان زاۋۇت-شىركەتلەر سانى 2000 دىن ئارتۇق بولۇپ كۆلىمى ھەقىقەتەن چوڭ. جۇڭگودىن قاتناشقان زاۋۇت-شىركەتلەر 187. بۇنىڭ ئىچىدە رايونىمىزدىن قاتناشقان شىركەت 4.
تىزىملىكى:
1. شىنجاڭ دېسۈن خەلقئارا سانائەت چەكلىك شىركىتى. ( ئۈرۈمچى )
2. شىنجاڭ تىىيەنيې چەكلىك شىركىتى. ( ئۈرۈمچى )
3. شىنجاڭ رۈيخوۋ گوجى سودا چەكلىك شىركىتى. ( ئۈرۈمچى )
4. شىنجاڭ گۇەننوڭ پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى. ( كورلا )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heytgah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 06:05 PM