[ب د ت] خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى –21-فىۋرال
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ،ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەريىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلىقئارلىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى،بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى،بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە“خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى“بارلىققا كەلدى.
بۇ خاسىيەتلىك قۇتلۇق بايرامنى قۇتلۇقلاش ۋە بۇ بايرامنىڭ قىممىتى تولۇق ھىس قىلىپ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ،تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان شالغۇت ،يات سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ھەقىقى رەۋىشتە قوغداپ ،ئانا تىلغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەش مەقسىدىدە بۇ تىمىغا قەلەم تەۋرەتمەكتىمەن .
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ ، لىكىن ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەسلىك ئىغىر جىنايەت !!!!!
دوستۇم !!! سىز مەكتەپتە << ئاخىرقى دەرس >> دىگەن ئوقۇشلۇقنى ئوقۇغانمۇ ؟؟؟ بۇ ئوقۇشلۇق ئانا تىلنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى رەۋىشتە ھىس قىلدۇرىدۇ .
تۆۋەندە ئانا تىل توغرىسىدا ئىيتىلغان ئۈنچىلەرنى سىزلەرگە سۇندۇم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ“تىل كىشىنىڭ قەدىرىنى ئاشۇرىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەخىتكەئېرىشىدۇ“دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.
تىل مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ئەجداتلىرى ياراتقان مەدەنىيەتنى،ھازىرقى كىشىلىرى يارىتىۋاتقان مەدەنىيەتنى،كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.
تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى.
تىل-مىللەتنىڭ ئالدىنقى بوغۇنلىرى تۇپراققا كىرگەندىمۇ،مىللىي مەدەنىيەتنى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق مىراس.
ھەر مىللەت تىلى خۇددى شۇ مىللەت ياشىغان ئانا زىمىندىن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دەريادەك شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ تەبىئىي موھىتى،تارىخى مەنزىرسىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ“مېنىرال“لىرى بىلەن تويۇنغان بولىدۇ.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،
بۇ ئانا تىل بۇلسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا،ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر،
ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۇتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر .
<< بىر مىسقال بىلۇگى >> مىز ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ھەم تەنتەنە قىلىدۇ . ھەمدە بارلىق دوسىتلارنىڭ ئانا تىلىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ،ئاسرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ !!!!
تەۋسىيە !!!! ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !!!! ئۆزىمىز ساپ ئانا تىل ئىشلىتىپ ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولايلى !!!!! ئۆزىمىز ئەبجەش تىللارنى ئىشلىتىپ ئەبجەش تىللاردا پاراڭلاشقان بوغۇنلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز بار ؟؟؟
مەنبە ؛ بىر مىسقال مۇنبىرى www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 11:58 AM