مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2530|ئىنكاس: 19

ئاياللارنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى 10 سىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 11:33:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللارنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى 10 سىر

1-رۇخسار ۋاقىتلىق،ئەقىل مەڭگۈلۈك
دادام مېنىڭ چىراي -تۇرۇقۇم ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:<<قىزىم،رۇخسار ۋاقىتلىق،ئەقىل مەڭگۈلۈك>>دەپ نەسىھەت قىلغانىدى.ئۇ ماڭا ئادەم ئۈچۈن زېرەك كاللا،كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بىلىمگە ئىنتىلىش روھىنىڭ ھەممىدىن  زوربايلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇشنى دائىم ئەسكەرتەتتى.شۇڭلاشقىمىكىن،مەن باشقىلارنىڭ مېنى دۆت دېيىشىنى ئەڭ زور خورلۇق دەپ قارايتتىم.
دېمىسىمۇ شۇنداققۇ؟ ھەر قانچە ياخشى مودىلمۇ ھامان بىر كۈنى <<سابىق مودىل>>بولۇپ قالىدۇ.ھالبۇكى، سىزدىكى ئەقىل -پاراسەت،غەيرەت،ىاسلىق يوقالمىسىلا سىز مەڭگۈ <<سابىق پالانى>>ياكى <<ئىلگىرىكى پوكۇنى>>گە ئايلىنىپ قالمايسىز.تاشقى سۈپەتلەر مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى تولۇقلىشىڭىز،ئۆزىڭىزنى مۈكەممەللەشتۈرىشىڭىز،ئىچكى جەزىبىدارلىقىڭىزنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
2-ئۆزىڭىزنى نىقاپلىماڭ
نامايەن قىلغۇدەك ئقتىدارىڭىز بولسىلا ھەرگىز يوشۇرماڭ، ئۇنى يۈرەكلىك جارى قىلدۇرۇڭ.پەرۋاز  قىلىشقا قۇرۇبىڭىز يەتسە ھەرگىز ئۆمىلەپ ماڭماڭ.باشقىلارنىڭ سىزنى نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.ئۇلار  سىزنى مەنمەنچى دىسىمۇ ،ئەركەكزەدەك ەېسىمۇ مەيلى، ئۇنداق گەپلەرگە كۈلۈپلا قويۇڭ.بىز ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نىقاپلىنىۋېلىپ ھەمىشە ئۆزىمىزنى چۈشەپ قويىمىز.
ياسالمىلىق قىلماڭ،مايمۇن ئويۇنى ئوينىماڭ،ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.ئەگەر بىرسى سىزگە ھەقىقى قىزىقمىسا، بۇ  ئۇنىڭ سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز يۇمۇرۇستىك، مەسئۇليەتچان، باشقىلارنى چۈشىنىدىۈان، ھېسىياتقا باي، چوڭقۇر بىلىملىك ئەرلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ تاللاش نىشانى قىلىڭ. ئاندىن ئاشۇ خىلدىكى ئەرلەرگە يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىڭ.
3-بەختنى جىنىسقا باغلىۋالماڭ
جىنىسى لاتاپەت ئاياللارغا ھەرگىزمۇ ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.ھالبۇكى نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنى بۇ جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىمىز دەپ قارايدۇ.بۇ نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى بىز ئەرلەرگە ئۆز ئۆيىمىزدە بېرىشكە تېگەشلىك نەرسىلەرنى بەرسەكلا باشقا ئىشلارنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز.ئاچا-سىڭىللار، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار سىلەرنىڭ بەدىنىڭلار  سىلەرنىڭ مۇقەددەس قەسىرىڭلار،ئۇ پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا مەنسۈپ. بۇ مۇقەددەس جايغا بىرسىنى باشلاپ كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ بولۇشى كېرەك.ھەرگىزمۇ شېكەر شەنبىدىكى ئاددى ئۇچۇرشىش ئۈچۈنلا ياكى بىر قېتىملىق جەڭگى-جىدەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا يېنىكلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك.
جىنىسى لاتاپەت ئارقىلىقلا بىر ئەرگە ئېرىشىش سىزگە ھېچنىمە بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا سىزنى ھەقىقى تۈردە قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ خالاس.
4-ئۆزىنى ئالداش بەختنى رەت قىلغان بىلەن باراۋەر
ئاياللار ئۆزىنى ئالداش ماھىرى.ئالداش دەپ نېمىنى دەيمىز؟يۈرگۈنىڭىز سىزدىن پۇل قەرز ئېلىپ سىزگە تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرمەكچى بولسا ، ئۇنىڭغا پۇل بېرىسىز؛سىزنىڭ خوتۇن باللىرى بار دوستىڭىز سىزگە:<<مەن ئايالىم بىلەن بىللە بولمىغىلى سەككىز يىل بولدى>>دېسە ، گەرچە ئۇنىڭ ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىسى تۇرسىمۇ ،سىز شۇ گەپكە ئىشىنىسىز؛سىز ياخشى كۆرىدىغان ئەر سىزگە بالىلىق بولغۇم يوق دېسىمۇ ، سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز، چۈنكى سىز ئۇنى قارارىنى ھامىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ ئويلايسىز .ئۆزىنى ئالداش بىر خىل خەتەرلىك كېسەل.ئەمەلىيەتتە ككپ ساندىكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ دىگەن گەپلىرى ،قىلغان ئىشلىرىنى كۆڭلىدە ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ-يۇ، بىراق ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ خالاس.ھالبۇكى ، ھامان بىر كۈنى ئۇ پەردە يىرتىلىپ، ھەممە ئىش ئايدىڭ ئايدىڭ بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سىز قىيامەت قايىم بولغاندەك ھېس قىلىسىز، رىئالىقنى قوبۇل قىلالماي قالىسىز. ئەگەر سىز بىر كۈنى سەھەردە ئويغۇنۇپ ئۆزىڭىزدىن:<<قارغۇ بولۇپ قالدىممۇ قانداق؟>>دەپ سوراپ باقسىڭىز ، مېنىڭ دىگەنلىرىمنى تەبىئىيلا چۈشۈنەلەيسىز. ئاياللار دائىم مۇشۇنداق قارىماققا چىدىغىلى بولمايدىغان شارائىتتا ياشاۋېرىدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئۇلار يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار مەيلى ئەسكى ۋە ياكى ياخشى بولسۇن ، يېنىدا بىر ئەرنىڭ بولۇشى بولمىغاندىن ياخشى دەپ قارايدۇ.<<تۈتۈننىڭ ئاچىقىنى مۇرا بىلىدۇ>>دىگەن گەپ بار . بېشىغا ئىش كەلمىگەن ئادەمگە بۇلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىدىن ئالدىراپ-تىنەپ ۋاز كەچسىڭىز، ئۇنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز.
5- ھەر ئىشنىڭ يولى، پىچاقنىڭ سېپى بولىدۇ.
ئەگەر خىزمەتتە مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئىشنىڭ ئېپىنى بىلۋالسىڭىز خىز،ەتنى ھەتتا ئەرلەردىنمۇ ئۆتە ياخشى قىلالايسىز.
زېرەك بولۇڭ، ئىدىراكىڭىزنى، ئاياللارغا خاس تۇغما سەزگۈرلىقىڭىزنى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى ياخشى ئىشلىتىڭ. خۇددى بۇلۇت سۇ سۈمۈرگەندەك، بارىلىق ئۇچۇرلارنى سۈمۈرۈۋېلىڭ، قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ياخشى چۈشۈنىڭ. بۇ باسقۇچتىكى پىلاننى غەلبىلىك ئورۇنداپ بولسىڭىز، كېيىنكى قەدەمگە تۇتۇش قىلىڭ، باشلىقىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغانلىقىڭىزنى ھەتتا كەسىپى ئىشلاردا ئۆزىڭىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئادەملىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ. چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، تەشەببۇسكار بولۇڭ،  بىراق ئىش بىجىرگەندە زېرەك بولۇڭ، ئەركىن-ئازادە بولسىڭىز بولىدۇ، بىراق خىزمەتكە كەلگەندە دىققىتىڭىزنى يىغىشىڭىز، ھەرگىز بىخۇتلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.
6-ئۆزگىدىن ساخاۋەت كۈتمەڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز ئاياللار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان باراقسان دەرەخكە ئوىشايمىز.دەرەخ پەرۋىشكە مۇھتاج، پەرۋىش بولغاندىلا ھەر قانداق كۆچەتمۇ چوڭ دەرەخ بولالايدۇ.
ئۇنداقتا ئاياللارنى زادى كىم پەرۋىش قىلىپ ئاسىراۋاتىدۇ؟كىم قوغداۋاتىدۇ؟سىز ئۆزىڭىزگە:<<مەن چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۈتۈشۈم كېرەك>>دېيىشىڭىز كېرەك. ئەگەر باشقىلار سىزگە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنى تەلىيىم ياكى باشقىلار ماڭا ياردەم بېرىۋېتىپتۇ، دەڭ. بىراق بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ دائىم بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ.
يىلتىزىڭىزنى ئاسىراشقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولسىڭىز، سىز مەزمۇت چوڭىيالايسىز. پەقەت شۇندىلا، سىزنىڭ تەقدىرىڭىز باشقىلارنىڭ(ئەرلەرنىڭ)چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالمايدۇ.
7-بۇقىغا ئۇسۇل ئويناشنى ئۈگىتىمەن دىيىش سېپى ئۆزىدىن خام خىيال.
يىگىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىشىڭىز ئۆمرۈڭىزنى زايە قىلغانلىق، چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ،ئۆزگىرىشنىمۇ خالىمايدۇ.تۇرمۇشتا ئورتاقلىقنى قەدىرلەپ، خاسلىققىمۇ ھۆرمەت قىلىش كېرەك. قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشنى ئەڭ ياخشىسى ئويلىمىغان تۈزۈك. ئەر كىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بۇقىغا ئۇسۇل ئويناشنى ئۈەۈتۈشتىنمۇ قىيىن.
مەسئۇليەت ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە ئەر-ئايالنىڭ 100% باراۋەر بولۇشى مۈمكىن .ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتىدىكى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆپرەك كۆرۈشى كېرەك. تەلىيىڭىز بولسا ھەمراھىڭىز دائىم سىزگە كۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سوغۇق كېچىلەردە بەدىنىڭىزنى ئىسسىتىپ قويسا، سىزگە كۆڭۈل بۆلسە، سىزمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بكلسىڭىز؛ئۇ  سىزەە ئىشەنسە، سىزمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلسىڭىز بولڭدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇھاببەت ۋە نىكاھدا ئەر بىلەن ئايال مەسئۇليەتنى چوقۇم 50% !50% بويىچە ئۈستىگە  ئېلىش كېرەك،دەپ قاراش ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىق. ئەگەر شۇنداق قەلىمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، زىياننى چوقۇم ئۆزىڭىز تارتىسىز.
8-تىللىسام تۈزىلەر دەپ خام خىيال قىلماڭ.
ئاتا-ئانىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى بالىلىرىغا ھەر خىل پائاليەتلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە كاپالاتلىك قەلەش. مەسىلەن، باشقا بالىلار بىلەن قانداق ئويناشنى ئۆگىنېۋېلىش؛كىتاپ ئوقۇشنى، ساناق ساناشنى، رەڭ بېرىشنى، خەت يېزىشنى ھەمدە خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرەمەن بولۇش  ۋە مەسئۇليەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنېۋېلىش قاتارلىقلار. ئۆزىڭىزنىڭ بالا چېغىڭىزدا نېمىگە ماھىر، نېمىگە ماھىر ئەمەسلىكىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟سىز سىناپ بېقىڭ، بالىڭىز قايسى تۈرلەرگە ماھىر ھەم قايسى تەرەپلەردىكى قابىليىتىنى يېتىلدۈردى؟بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىگە نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە كۆيۈمچان، سەۋرچان ۋە ئەپۇچان پوزىتسىيىدە بولىشىڭىز كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ خاپا بولۇش، ئاچچىقلىنىش ياكى زېرىكىش قاتارلىق كەيپىياتتا بولۇشى بالىلارغا ئىنتايىن قاتتىق زەربە بولىدۇ. كۆپ ۋاقتتا ئۇلار بەرداشلىق بېرەلمەي ھەر قانداق ئىشتىن تېخىمۇ رايى يېنىپ كېتىدۇ ياكى سىز بىلەن سوزلىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىڭىزنى دائىم ئەخمەق، دۆت دەپ تىللاۋەرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكۈلى بولامدۇ؟
9-باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ.
بالا تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ كۈندىن -كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ،ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئادەمنى  خۇشال قىلىدىغان ۋە قانائەتلەندۈرىدىغان ئىش. ئەمما بالا تەربىيىلەش شۇنچىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.ئەگەر قۇشنى  پەرۋاز قىلسۇن دىسىڭىز، قەپەستىن بوشىتىۋېتىڭ؛ئاتنى ئەركىن چاپسۇن دېسىڭىز، ئۇنى باغلاقتىن يېشىۋېتىڭ؛ ئەگەر بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىنى خالىسىڭىز، ئۇنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىڭ، ئەكىن تەرەققى قىلسۇن. شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىمۇ ئازاد قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرگۈدەك ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالايسىز.
10-ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى
ھايات مۇساپىڭىزدە بىرلا ھېكايە سۆزلەنگەن بولىدۇ، بۇ ھېكايىنىڭ باش قەھىرمانى دەل ئۆزىڭىز. مەيلى سىز يالغۇز بولۇڭ ياكى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان بولۇڭ، بالىڭىز بار ياكى يوق بولسۇن مەيلى چىرايلىق بولۇڭ ياكى سەت بولۇڭ، بۇ ھېكايە پەقەت سىزنى مەركەز قىلىدۇ، ھېكايىنىڭ خاتىمىسى قانداق بولىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرەر باتۇر ئەزىمەتنىڭ غايىپتىن كېلىپ سىزنى قۇتۇلدۇرۇشنى ساقلاپ تۇرماي، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتۇلدۇرۇڭ. بەختنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى، ئالدىڭىزغا ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئۆزىڭىز تىرىشىپ ياراتقان كارامەت نەتىجىلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ.




مەنبە:شىنجاڭ ئاياللىرى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7897
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1843 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 01:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە، بەخىت توغرىسىدا بەرگەن چۈشەنچىڭىز ئادەمنى راسلا قايىل قىلىدىكەن، مەن ياقتۇردۇم بۇ يازمىنى، كىيىنمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى  كۆپرەك يوللاپ قويارسىز

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 954
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 01:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت يوللىغىنىڭىزغا ،ھەممىسى مەن بەك ياقتۇرىدىغان ئىسىل دۇردانىلەركەن ،شۇنداق ئاياللار ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزىشى كېرەك ،ئىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئىرىگە يۆلىنىۋالماسلىقى كېرەك .ھەممە ئىشتا ئەرگە يۆلىنىۋالسىڭىز ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىز بولمايدۇ ،ھەم سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن شۇ ئەرمۇ سىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . نىكاھلىق ھەربىر ئايال شۇنى ئىسىدە تۇتۇشى كېرەككى ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەققىللىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ .

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3767
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 04:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بەخت كېلىدۇ نەدىن ؟
پىشانەڭدىكى تەردىن .....

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3496
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32334
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 04:31:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ماۋۇ نازاكەت خىنىمنىڭ يازغان تىمىسىنى ، بەك ياخشى يىزىپسىز ، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ، مەن بەك ياقتۇردۇم  ، رەخمەت سىزگە نازاكەتقىز

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40857
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4226
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 1918 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 05:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   ئەھمىيەتلىك   تېمىدىن   ، مەنمۇ  كوپ  ئوزۇق  ئالدىم   . كوپ رەخىمەت

بۇ   دۇنيادا   ارزۇ   ارمانغا  يېتېدېغان   كېم   بار . بۇ  الدامچې دۇنيا  چۇنكې   رەھېمسېز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85876
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 09:11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ يازمىنى بەك ياختۇردۇم.قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 09:25:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاياللارنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى ----

    11-سىر-ئاياللىق ھىسياتنى ئانىلىق سالاپەتتە ئىپادىلەش.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 12:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.بۇلۇپمۇ ئەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ.ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى  ھەم قىممەتلىك ھەم قورقۇنۇچلۇقتۇر.بۇ خىل قىزغىنلىق ئەرلەرنى تۇلۇپ -تاشقان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئالغا باستۇرىدۇ شۇنداقلا مەلۇم بىر ئىشنى ئەسسەبىلەرچە قىلىشقا مەجبۇرىلايدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەيدۇ.ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يىنىدا ياخشى ئايال بولسا،ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىراقسانلىق، دىلخەستلىك،قارغۇلارچە ئىش كۆرۈشتەك روھى ھالىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئېرىدىكى قىزغىنلىقنى مۇلايىملىق،ئېغىر-بىسىقلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ.

ياخشى ئايال ئەرنىڭ قەلبىنى پاكلىيالايدۇ.ئەرلەرنىڭ قەلبى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق،بۇ تۇپراقتا ئەقىل-پاراسەت،باتۇرلۇق ئاسان يىتىلىدۇ.لىكىن تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن،ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ شىددەت بىلەن تىز ئۆسىدۇ.ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان.
ئۇ جان دىلى ۋە ھالال ئەمگىگى بىلەن  ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئۇتاپ،يۇمران مايسىلارنى سەۋرىچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ، چىچەك ئاچقۇزۇپ مىۋە بەرگۈزىدۇ.ئەرلەر دۇنيانىڭ يېرىمىنى تەشكىل  قىلسا،ياخشى ئايال دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىمنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەرلەرنىڭ يېرىم دۇنياسىنى تۇلۇقلىغاندىلا ئاندىن ھەسەن-ھۈسەنلەر چىقىپ ،بۇ دۇنيانى پارلاپ تۇرغان يورۇق دۇنياغا ئايلاندۇرىدۇ.ياخشى ئايالنىڭ دۇنياسى پۈتۈن بولىدۇ، ئۇ ياردەمگە مۇھتاج ئەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ،ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 12:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
12 - سىر شۇكى :

ئىرى بىلەن جۇۋاۋلاشماسلىق ، ئىرىنى ئورۇنسىز كۈنلىمەسلىك ، ئىرىغا ساداقەتمەن بولۇش ، ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز بوسۇغىدىن پۇتىنى تالاغا ئالماسلىق ، مۇلايىم بولۇش ...


شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى مۇھىم بولغان مۇنۇ تەرەپلەرنى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش