‹‹قىسقا كۆڭلەك››نىڭ ئاخىرى
(ھېكايە)
ئالىم ئادەتتە ئاق كۆڭۈل، كۆيۈمچان، بىرىگە قول تەكگۈزۈش ئەمەس ئاسانلىقچە ۋارقىراپ - جارقىراپمۇ كەتمەيدىغان ئادەم ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئايالى ئامىنەنى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ پەقەتلا بىر ئەرزىمەس قىسقا كۆڭلەك ئۈچۈن ئەمەس.سەۋەبىنى ئۈچ كۈن بۇرۇنقى ئىدارىدىكى خىزمەتداشلار بىلەن بولغان پاراڭدىن باشلايلى:
_ مۇشۇ خوتۇن كىشىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەك بەك ئاسان جۇمۇ! _ دېدى ئالىمنىڭ كەچكىچە ئۈندىداردا ئاغزىدىن ‹‹جېنىم›› دېگەن گەپنى چۈشۈرمەيدىغان خىزمەتدىشى ئوسمان تېلېفونىدا بىرىگە گەپ قىلىپ بولۇپ.
_ قانداق دەيسەن؟ سەنغۇ ئۆتەپ كەتكەن بىر قاغدالما ئەمدى، شۇ يەكۈننى قانداق خۇلاسىلەپ چىقاردىڭ دەپ باقە ھە! _ سۆز قىستۇردى يېشى ئەڭ كىچىك ياقۇپ قىزىقىپ.
_ سىلەرگە دېسەم باغۇ، مۇشۇ خوتۇن خەق دېگەن كىيىم بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى جىننى ئاشكارلاشقا بەك ئامراق. قىز ۋاقتىدىغۇ بەك سىرلىق، ناز - كەرەشمە بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. لېكىن توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ناز - كەرەشمە ياراشمايدۇ، ئۇدۇل گەپ قىلاي دېسە ئەتىۋارى يوق بوپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا قانداق قىلىدۇ دېمەمسىلە؟
_ ۋېيشىندا گەپكە سالىدۇ دېگىنە، _ سۆز قىستۇردى بىرەيلەن.
_ ئۇنىڭدىنمۇ ئاسان دەيمە، _ ئوسمان ھەممەيلەنگە ھەييارلىق بىلەن بىر قۇر قارىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، _ كىيىم - كېچەك بىلەن!
_ كىيىم - كېچەك بىلەن؟
_ ھەئە. مۇشۇ ئايال خەق دېگەن ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى قايسى يېرىنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى بەك ئوبدان بىلىدىكەن. ئەگەر كۆكسى تولغان بولسا ئامال بار مەيدىسىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالىدىكەن. ساغرىسىغا نوچىلىق قىلسا قىسقا يوپكا ياكى چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئىشتانلارنى كىيىۋالىدىكەن. بەزىلەر تېخى پاچىقىغا قاتتىق ئىشەنچ قىلىپ قىسقا كۆڭلەكلەرنى ...ياشلارغۇ بىر غېرىچلا كالتە ئىشتان كىيىۋالىدىغان بوپ كەتتى...
_ نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، _ دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى باياتىن بېرى جىم ئولتۇرغان ئالىم،_ ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردىمۇ مۇشۇنداقتىڭ سەن، ياش بىر يەرگە باردى، ئەمدى ئۇنداق تېتىقسىز گەپلەرنى ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بەر!
_ سەن ئارلاشما سايماخۇن! بىز ئەركەكلەر پاراڭلىشىۋاتىمىز!
_ ۋەيت!...
_ھا ھا ھا...
_ خۇ خۇ خۇ...
ئالىم خىزمەتداشلىرىنىڭ جىلە بولغانسېرى جىلە قىلىدىغان مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
لېكىن شۇ چاغدىن باشلاپ ئالىمنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىۋالدى. ئوسماننىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئەمەس. ئالىمغۇ ئىشەنمەيدۇ ئۇنداق گەپلەرگە. لېكىن باشقىلارچۇ؟ ئەگەر باشقىلار شۇنداق ئويلاپ قالسا ئۆزىنىڭ ئايالى ھە دېسە قىسقا كۆڭلەك كىيىۋالغىلى ئارانلا تۇرىدۇ. تېخى نەچچە قېتىم قىسقا يوپكا، قىسقا كۆڭلەك كىيىپ خىزمەتداشلارنىڭ توي - مەرىكىلىرىگىمۇ باردى. ئالىممۇ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى خالىماي كىچىكىدىن بىر بالا، بىر قىز بولغاچقا ئەركە ئۆگىنىپ قالغان ئايالىغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى.
لېكىن ئىشلار بۇنچە ئاددىي ئەمەس ئىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئىدارىدىكى خىزمەتداشلار ئاياللارنىڭ كىيىنىشىنى تەھلىل قىلىشىدىغان بولۇۋالدى:
_ كۆردۈڭلارمۇ، كاسسىرنىڭ كىيىۋالغان يوپكىسىغا
— ئايشەمنى كۆكسىگە بۇنچىۋالا ئىشىنىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...
_ خىخ خىخ خىخ...
مانا مۇشۇنداق تېتىقسىز پاراڭلار ئالىمنىڭ قۇلىقىغا بىر يەرلەردىن ئۇچۇپ كىرىۋاتاتتى. ئۇ ئىچىدە تېخىمۇ تەشۋىشلەندى.
‹‹مەن يوق چاغدا ئايالىمنى نېمە دەر بۇ خەق؟...›› ئالىم مۇشۇنى ئويلىسىلا جايىدا ئولتۇرالماي قالاتتى. ئۆيگە بېرىپ خوتۇنىغا ئۇدۇل دەي دېسە گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەيتتى. ئايالىنىڭ ئۇ مىجەزىدە گەپنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە:‹‹ھــــــــە، ئىقرار قىلىڭە ھە! ياخشى! خىزمەتداشلار بىلەن ئولتۇرۇپ خوتۇن خەقنىڭ پارىڭىنى قىلىشىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيدۇ دېگەنما؟ خىجىل بولماي شۇ گەپلەرنى ماڭا دەۋاتامسىز؟ ئېيتىڭە، قايسى ئايال خىزمەتدىشىڭىز بىلەن چاتىقىڭىز بار؟ زادى راست گەپ قىلىڭ!...››دەپ ئۆينى بېشىغا كىيىشى ئېنىقلا. دېمەي دېسە ئۆزىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ ھالال نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ‹‹قىزىق نۇقتا›› بوپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
باشقىلار قانداقكىن بىلمىدىم، كەمىنە قورسىقىم ئېچىپ كەتسە بەك ئاسان ئاچچىقلايدىغان، ئاسان چېچىلىدىغان، كىچىك ئىشلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيدىغان مىجەزىم بار. ئالىمنىڭ دەل شۇ مىجەزى ماڭا ئوپمۇئوخشاش ئىدى. ئۆينى بېزەش ئۈچۈن بۈگۈن ئالىم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىغا بېرىپ ھېلى ئۇ دۇكانغا ھېلى بۇ دۇكانغا كىرىپ ئوبدانلا چارچىغانىدى. قورسىقى شۇنداق ئاچسىمۇ:‹‹يەنىلا ئۆينىڭ تامىقىغا يەتمەيدۇ›› دەپ ئايالىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن لەغمىنىنى يەي دەپ ئۆيگە كىرسە ئايالى تاماق ئەتمىگەن. ئاچچىقىنى ئاران بېسىپ تۇرغاندا ئايالى خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال ھالدا يوتىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسقا كۆڭلەكنى كىيىپ چىقىۋىدى ئالىمغا خۇددى بىرى قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ: ‹‹ئايالىڭنىڭ پاچىقىغا ئىشەنچى باركەن جۇمۇ؟!›› دېگەندەك بىلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھېكايىمىزنىڭ بېشىدىكى ‹‹كىچىككىنە ۋەقە›› يۈز بەردى...
زېرىكىشلىك بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئەتىسى ئالىم ئايالىغا تېلېفون قىلدى. ئايالىنىڭ خېلى ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك تېلېفوننى ئېتىۋالغان ئىدى. ئالىم ‹‹بەلكىم توكى تۈگىگەندۇ›› دەپ ئويلاپ ئۆزى ئالغىلى باردى.
_ ئەر دېگەن خوتۇننىڭ تۈۋرۈكى، يېرىم خۇداسى، يۈرەك باغرى... _ دەپ سۆزلەپلا كەتتى قېيىنئانىسى،_ سىزنى شۇنداق ياۋاش، مىجەزى ئېغىر... دەپ قىزىمىزنى بەرسەك توي قىلىپ ئەمدى بەش يىل بولا - بولمايلا ئۇرۇپ ئاغزى - بۇرنىنى قان قىلىۋېتىپسىز. مەن ئەنسىرەپ قالدىم ئالىمجان، قىزىم مەنچىلىكمۇ ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغان ئوخشايدۇ قولىڭىزدا...
_ ئاپا، ئۆي دېگەندە ئۇنچىلىك دەتالاش بوپ قالىدىكەن. بەش يىل بوپتۇ مەن بىرەر قېتىم تاك ئېتىپ چېكىپ باققان بەندە ئەمەس. بۇ قېتىم...
_ ۋوي؟! ئاران چىداپسىز ھە؟ توۋا... ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە دېگەن گەپنى راست دەپتىكەن جۇمۇ! خىجىل بولماي دەۋاتقان گېپىنى قارا!... قىزىمنىڭ دادىسى كىچىك تۈگەپ كېتىپ ئارزۇلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان مەن ئالىمجان! دادىسى يوق دەپ شۇنداق نېمە قىلسام بولىۋېرىدۇ، دەپ قاپسىز ھە؟ مەندەك ئانىسى بار ئۇنتۇپ قالماڭ!...
_ ۋوي ياق، ئۇنداق ئەمەس ئاپا، _ ئالىم گېپىنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالدى. ھەر قېتىم كەلگىنىدە ‹‹ۋاي بالام›› دەپ كۈتۈۋالىدىغان قېيىنئانىسىنى بۈگۈن تونۇيالماي قېلىۋاتاتتى. _ ئۇنداق ياخشى قارايمەن، بۇنداق بەختلىك قىلىمەن، ئاناڭغا دېگىن، دەپ ئىككى ئېغىز گېپىڭىزنى ئالدىمغا كىرىپ ئوغۇلبالىدەك قىلالماي قىزىمدىن يەتكۈزگىنىڭىزدە ھەجەپ ئويلىماپتىكەنمەن بۇنداقلىقىڭىزنى. قانداق بەختلىك قىلاتتىڭىز؟ مۇشۇنداق مۇشت - پەشۋا بىلەن بەختلىك قىلامسىز؟
_ ياق ئاپا!...
_ ياق؟ بەختلىك قىلالمايسىز شۇنداقمۇ؟
_ ياق... ۋوي مەن...
_ بولدى! گېپىڭىز چۈشىنىشلىك. كۆزۈمدىن يوقىلىڭ! ئەتىلا بېرىپ خېتىڭنى ئال قىزىم! بۇنداق قولىدىن خوتۇنىنى ئۇرۇشتىن باشقا ئىش كەلمەيدىغان لەقۋادىن ئاجراشتۇرۇپ خاڭجاڭ، شاڭجاڭلارغا بەرگۈچىلىكىم بار سېنى!... _ قېيىنئانىسى كۆزلىرىنى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك چوڭ قىلىپ ئالىمغا قاتتىق ۋارقىرىدى، _ چىقە ئۆيدىن ئوووووشتە! نېمە لالما ئىتتەك قاراپ تۇرىدۇ ماۋۇ بىزەڭ! ...
ئالىم ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ كېتىۋاتاتتى. كاللىسىدا نۇرغۇن تۈگۈن. بەش يىلدىن بېرى بارلىق مېھرىنى بېرىپ ئايالىنىڭ‹‹مەن ياش، فىگورام بۇزۇلۇپ كېتىدۇ›› دېگەن گەپلىرىگىمۇ قوشۇلۇپ بالا ئالماي، ئۆزى تۈزۈك كەيمىسىمۇ تاپقان پۇلىنى ئايالىغا بېرىپ نېمە ئالدىڭ، نېمە كىيدىڭ؟ دەپ باقماي تۇتقان ئۆيى ئەمدى ئاشۇ بىر نەچچە يۈز سوملۇق قىسقا كۆڭلەك سەۋەبىدىن بۇزۇلماقچى. ياق! كەمىنە ئۇنداق قارىمايمەن. بۇزۇلىدىغان ئۆيگە سەۋەپ كەتمەيدۇ، ۋاقتى كەلسە ئون تىيىنمۇ بىر ئۆينى بۇزىدۇ. ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا بۇ ئەمەس.لېكىن ئالىم كەمىنىدەك ئويلىمىدى. ئۇ بارلىق خاتالىقنى ئۆزىگە ئاندىن ئوسمانغا ئارتتى. ‹‹ ئوسمان شۇ گەپنى تاپمىغان بولسا، مەنمۇ ئۇرمايتتىمدە؟! ئەر كىشى خوتۇن كىشىنى ئۇردى، دېگەن قانداق گەپ؟ ئېغىرراق بولسامچۇ ھە؟ نېمانچە قېنىم قىززىقتۇ دەيمەن؟ مەن يا 19-18 ياشلىق بالا بولمىسام ئازراق گەپ تالىشىپ قالغانغا قول كۆتۈرىدىغان، يەنە كېلىپ ئايالىمغا...قېيىنئاناممۇ بەك ئاشۇرۇۋەتتى. ئازراق چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىمۇ بەرمىدى. ئەمىلىم ئۆسمىگەندىكىن بۇرۇنلا مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ بولغانمىدۇ يا؟...››
ئادەم ئازاپلانغاندا، پۇشايمان قىلغاندا ئويلىغانلىرىنىڭ، كاللىسىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. لېكىن ئالىمنىڭ ئاخىرىدىكى ئويى ئادەمنىڭ خېلى دىققىتىنى قوزغايدۇ. لېكىن ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشى ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن. ئۆسۈش ئۈچۈن ئاغزىدا گەپ بولۇشى كېرەك، قاش - قاپاققا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىش كېرەك، پۇل بولۇش كېرەك، شۇ پۇلنى تىقىدىغان تۆشۈك بولۇشى كېرەك...لېكىن ئالىمدا بۇلارنىڭ بىرىمۇ يوق.ئالىم كېچىچە قالايمىغان خىياللار ئىلكىدە قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى ئايالىدىن كەلگەن تېلېفون ئۇنى ئويغىتىۋەتتى:
_ بولىڭە تېز، مەن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا.
_ چاقچاق قىلماڭلا خوتۇن، شۇنچىلىك ئىشقىمۇ...
_ چاقچاق قىلىدىغان كىمنىڭ چولىسى؟ تۆنۈگۈن خەتنىمۇ ئېلىۋالغانتىم. تېز كېلىڭ! ئۇنداق بوكس مەيدانىنى ئەمدى تۇتقۇم يوق!
...
شۇنداق قىلىپ بىر قىسقا يوپكا بىر ئائىلىنى بۇزدى. ياخشى يېرى ئالىمنى ئەمدى ھېچكىم ‹‹سايماخۇن›› دېمەس بولدى. يامان يېرى ئۇنىڭ سابىق ئايالىنىڭ كەينىدىن نېمە گەپلەر بولۇنىۋاتقانلىقىنى ئالىم ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىدى.
_ قېرىغاندا بولجۇڭ گۆشلىرىنى سازايى قىلىپ كېتىشىنى دەيمەن.
_ شۇنى دېمەمسەن، ئالىي مەكتەپتىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن چېغى.
_ ئۇنداق دېمەڭلا، ئالىمنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىشقۇ بۇ؟
_ ئالىم، كۆڭلۈڭگە ئالمايدىغانسەن ھە؟ بەرىبىر ئۇ ھېلىقى قىز بالا دېسە جېنىنى بېرىشتىن يالتايمايدىغان پوق قورساق بىلەن توي قىلغىلىۋېتىپتۇ...
_ ياقەي، _ دېدى ئالىم مەنسىتمىگەندەك، _ ئانىسىنىڭ ئۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ توي قىلمايتتىمدە؟! ھەرئادەم خىلى بىلەن دەپتىكەن، ماڭىمۇ خىلىم ئۇچراپ قالار...
توغرا بولمىغان ئىشتىن ھامان خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. كونىلار ‹‹ھارۋىنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى›› دېگەن گەپنى ئىنتايىن توغرا دەپتىكەن. بۇنداق ئىشلارنى ھەمىشە ياش بىر يەرگە بارغاندا، كۆرگەن - ئاڭلىغىنىىز كۆپەيگەندە ئاندىن خۇلاسىلەپ خاتاكەن دېگەن قاراشقا كېلىمىز ھەم كېينكىلەرگە ئىبرەپ قىلىپ سۆزلەپ بېرىمىز، ئۇنداق قىلغاندىن كۆرە ياش ۋاقتىمىزدىلا تېگىگە ئويلاپ يېتىپ كېينكىلەرگە ئۈلگە بولساق نېمە دېگەن ياخشى ھە؟!
باش پېرسۇناژ ئالىم، مېنى كەچۈر، سېنى جىق سۆزلىگىلى قويمىدىم. ھەتتا خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم. سېنىڭ قانداق چۈشەندۈرگەنلىكىڭنى، يارىشىپ قېلىپ ئايالىڭنىڭ قىسقا كىيىملەرنى كەيمەيدىغان، ساڭا ھەرۋاقىت تاماق تەييارلاپ تۇرىدىغان، سەن كەلسەڭلا تېلېۋىزورنى تاشلاپ سېنىڭ چاپىنىڭنى ئاسىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى يازسام ياخشى بولاتتى. سەنمۇ خوش بولاتتىڭ، لېكىن ئۇنداق ئاياللارغا بەك كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىۋەتكۈم كەلمىدى. ياخشى خۇلق دېگەن ئايال كىشىگە ئانىسىدىن، ئانىسىنىڭ قېنىدىن قالىدۇ. ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ قېيىنئانانىڭنىڭ قانداقلىقىنى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس، مەن ئۇنى سەندەك ياخشى كۆرمەيمەن ھەم ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايمەن. سەن ئەسلى باشتىلا قاتتىق قول بولۇشۇڭ كېرەك ئىدى. شۇڭا ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىگە ھۆرمەت قىلىشىڭنى، مېنى توغرا چۈشىنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئىزاھات: مۇنبىرىمىز ئەزاسى alenur نىڭ ‹‹قىسقا كۆڭلەكنىڭ ئاخىرى قانداق بولار؟›› دېگەن تېمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالغا بولغان كۆز قارىشىمنى ھېكايە شەكلىدە يېزىپ چىقتىم.
ئەسلى تېما ئادرېسى: https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98957-2-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 12:08 PM