|
|
|
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ، ئانا تىل يېزىقىمىز ئىشلىتىلمەي يۇقاپ كەتمىسۇن ، ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئانا تىل يېزىقىمىزنى قوغداشنى ئۈگۈنەيلى ، شۇڭا مەن سىلەرگە ئازراق پۇرسەت يارتىپ بىرىش مەخسىتىدە بۇ تىمىنى يوللىدىم ، ئالما تىلىفون ھازىر نۇرغۇن كىشىللىرىمىزدە بولۇپ كەتتى ، بىراق ئۇيغۇرچە قىلىشنى بىلمەيدىغانلار كۆپ ، تىلغونلارغا ئۇيغۇرچە قاچىلايمەن دىسىڭىز كىچىككىنە ئىشقا بىرمۇنچە پۇل ئالىدۇ ( بەك ئاسان ئىشلار بولمىسا )شۇڭا ئالما تىلىفوننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە سىلەرگە ئازراق ساۋات سۆزلەپ بىرىشنى توغرا تاپتىم ، شۇڭا دىققەت قىلىپ كۆرۈۋالساڭلار .
تەلەپ : تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئالما تىلىفونى بولىشى كىرەك ،
itools ۋە itunes قاتارلىق ياردەمچىلەر بولىشى كېرەك ،(4. ھۈنەرگە ئىشلەيدۇ)
1. ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېلىش
1-قەدەمدە cydia نى ئاچىمىز ، ئاچقاندىن كېيىن (管理) باشقۇرۇش رايونىغا كىرىپ ،
مەنبەلەرنى چىكىمىز ،
ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تەھرىرلەش دىگەننى چەكسەك سول تەرەپ ئۇستىدىكى خەت قوشۇش دىگەن خەتكە ئۆزگىرىدۇ ، ئاندىن قوشۇش دىگەن خەتنى باسساق رەسىمدىكىدەك رامكا چىقىدۇ ،
رامكىغا apt.178.com نى يازىمىز ، ئاندىن كېيىن مەنبە قوشۇشنى باسساقلا بولىدۇ ،
2-قەدەمدە ئىزدەش رايونىغا كىرىپ icon renamer نى كىرگۈزۈپ ئىزدىتىمىز ، رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ ، ئۇنى باسساق ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 安装 كۆرىنىدۇ شۇ يەردىن كىرىپ قاچىلايمىز ،
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قايتا كىرىپ قارىساق 安装 نىڭ تۈزۈتۈش خىتىگە ئالماشقىنىنى كۆرىسىز ، دىمەك سىز مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىدىڭىز دىگەن گەپ . توغرا قاچىلىسىڭىزلا تۈزۈتۈش خېتى كۆرىنىدۇ ،
ھە ئەمدىكى ئىش تولىمۇ ئاددىي ، يەنى تىلفون ئېكىرانىدىكى ئەپلەرنى بېسىپ تۇرسىڭىز ، يۇيۇش ھالىتى كۆرىنىدۇ ، يۇيۇش ھالىتىدىكى ئەپنى قايتا بىرلا چىكىپ قويسىڭىز ئىسىم ئۆزگەرتىش رامكىسى كۆرىنىدۇ ، شۇيەرگە ئانا تىلىڭىزدا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىۋالسىڭىز بولىدۇ ،
2. خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش
يەنە شۇ cydia گە كىرىپ ، ئىزدەش رايونىدىن fakecarrier نى ئۈستىدىكى ئوخشاش ئوسۇل بويىنچە قاچىلايمىز ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تىلفونىڭىزنىڭ ئېكىرانىدا يېڭى ئەپ پەيدا بولىدۇ ، شۇ ئەپنىڭ ئىچىگە كىرىپ fake carrier نى چىكىپ كىرىسىز ، carrier دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ ، شۇ خەتنىڭ رامكىسىغا خالىغانچە ئىسىم قويۇپ set نى بېسىپ قويسىڭىزلا ئۆزگىرەيدۇ ، (ئەگەر ئۆزگەرمەي قالسا ، تىلغوننى قايتىدىن قوزغۇتۇپ قىلسىڭىز بولىدۇ)
3. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى (ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ )
4. تەڭشەكنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، (ۋە باشقا ئەپلەرنىڭ ئىچىدىكى خەتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ) ..... ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ .....
5. ئالمىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كىرگۈزگۈچ قوشۇش (ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mator تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-15 08:56 PM
|
|
|
|
|
|