مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2108|ئىنكاس: 20

كۆيگەن تەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90383
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 07:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆيگەن تەن

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىنىمغىمۇ مانا ھەش –پەش دىگۈچە ئىككى يىل بوپ قاپتۇ، مانا ھازىرغىچە بويتاق يۈرۋاتىمەن. «مەكتەپتىكى مۇھەببەت، ئۇنتۇش قىيىن كارامەت» دىگەندەك شۇ ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشكەن فەرغانەنى ئۇنتۇيالمىدىممۇيا، ئۇنىسىمۇ راس فەرغانە مەندىن ئايرىلىپ كېتىپ باشقا بىرسى بىلەن يۈرگەندىن بېرى بىرەر قىزغا چىش يىرىپ گەپ قىلىپ باقماپتىمەن، ھەر كۈنى ئىشقا بارىمەن، ئىشتىن قايتىىپ كىلىپ دىيىشىپ  قويغان ئاشخانىدىن تاماق يەيمەندە ياتىقىمغا قايتىپ كىتاپ كۈرىمەن، ياكى كومپيۇتىرىمنى ئېچىپ ئويۇن ئوينايمەن، فەرغانەنى ئويلىسام ئچىمدە بىر خىل خورلۇق، كەمسىتىلىش ھېسياتى پەيدە بۇلاتتى، ھېلىمۇ ئىسىمدە بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى، ئىككىمىز دائىم دىگۈدەك بىرگە يۈرەتتۇق، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمكى، ئۇنىڭسىز گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيىتتى. ناۋادا تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قېلىپ دەرىسكە كىرەلمەي قالسا بۇ دەرىس ماڭا ھارام بۇلاتتى، بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازقالغان ۋاقىتلار ئىدى، فەرغانە بارغانچە ئۆزگىرىپ كىتىپ باراتتى، بۇرۇن نەگە بارماقچى بولسا ماڭا  دەيدىغان ئادەم مانا ھازىر ئۈن-تۈنسىزلا بىر نەچچە كۈن يوقاپ كىتىدىغان بوپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن بۇلارنىڭ سەۋەبىنى سورىسام دەسلەپ ھەرخىل باھانە–سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. كىيىنچە ئۇمۇ ماڭا چۈشەندۈرمەس بولدى، ئاخىرى بىر كۈن كىلىپ ئۆزىنىڭ مىنى ئەمەس باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مەن ئۇنىڭغا بىرەلمىگەننى ئاشۇ يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا بىرىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئالەشەرىڭنى نىمە ئاھانەت بۇ ئەمدى. بىر ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزبالىنىڭ ئاغزىدىن «سەن ماڭابەخىتلىك تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى غۇربەتچىلىك تۇرمۇش ئاتا قىلىسەن خالاس » دىگەن گەپنى ئاڭلاشتىنمۇ ئارتۇق ئىزا-ئاھانەت بارمۇ؟ ئېيتە فەرغانە مەن ساڭا ھەشەمەتلىك داچا، ئىسىل پىكاپ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرەلمىگىنىم بىلەن ساڭا كىچىككىنە بولسىمۇ ئىللىق خاتىرجەم ئائىلە ئاتا قىلمامتىم، سەن ۋە كەلگۈسى پەرزەنتىمنى مىنىڭ ھاياتىم بارلىقىم دەپ ئەزىزلىمەمتىم، سىنى بىر ئۆمۈر بېشىمغا ئېلىپ كۆتۈرمەمتىم. ھەي–ھايات دىگەن شۇنداق بولسا كېرەك «بىرسىگە زار، يەنە بىرسىدىن بىزار» فەرغانە ئۇقۇش تۈگىمەي تۇرۇپلا توي قىلغان ئىدى. ئاڭلىسام ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان شەھىرىمىزدىكى خېلى باي بىر سودىگەرمىش، ئۇنىڭ تويى بولغان كۈنى ئۆزگۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتتىم. ئۆمرۈمدە ئىچىپ باقمىغان ھاراقنى ئىچتىم چىكىپ باقمىغان تاماكىنى چەكتىم. بەلكىم ھازىر مەن پايخان بولغان تۇنجى مۇھەببىتىمگە ھازا ئېچىۋاتقاندىمەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن مۇشۇ شەھەردىكى بىر شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشتىم. گەرچە فەرغانە بىلەن ئىككىمىز ئوخشاش بىر شەھەردە بولغىنىمز بىلەن بىرەر قېتىممۇ يۈز كۆرۈشۈپ باقمىدۇق.

بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئورنۇمدىن تۇرماي ئۇخلۇدۇم. بۇ ئۇيقۇ دىگەنمۇ تۈگەپ قالامدۇ نىمە ئۆزەمنى خېلى ئۇيقۇغا زورلىغان بولساممۇ ئۇخلىيالمىدىم. بىردەم خىيال سۈرۈپ يېتىپ قورسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنى سەزدىم-دە، يۈز –كۆزۈمنى يۇيۇپ تاماق يىيىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتىم، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن سىرتتا ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى. بازار ئارلاپ كىتىپ بېرىپ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىپ قالدى. يۈرۈكۈمنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا شۇنداق جىغىلدىغىنى ئىسىمدە. ئۇندىن بېرى بۇنداق ھىسياتقا تۇنجى قېتىم كىلىشىم ئىدى. مەندىن يىراق بولمىغان جايدا فەرغانە مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايى سۇلغۇن كۆڭلىدە بىر ئىش باردەك يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي كىلىۋاتاتتى. مەنمۇ قاققان قۇزۇقتەك ئورنۇمدىن مىدىرلىماي تۇردۇم، ئۇ ئۇدۇل كىلىپ مىنى ئۇسسىۋەتكىلى ئازلا قالغاندىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچراشتى، ئاھ –مەن كۆيگەن، يەنە بىر كۆرۈشكە قانچە زار بولغان كۆزلەر، بىز خېلى ئۇزۇن قارىشىپ تۇرغاندىن كىيىن ئارانلا كالپۇكۇمنى مىدىرلىتالىدىم.

-قانداق ئەھۋالىڭ فەرغانە؟

-ياخشى، ئۆزەڭچۇ؟- ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق بوش مەنمۇ ئارانلا ئاڭلاۋاتاتتىم.

-ھە مەنمۇ ياخشى–جىددىيلەشكىنىمدىن گەپلىرىم قولاشمايلا قالدى.

-ھە –ئۇ بىردەم جىم تۇرغاندىن كىيىن –نەگە ماڭدىڭ؟ -دەپ سوراپ قالدى

-تاماققا–دىدىم مەن گەدىنىمنى قاشلاپ

-نىمە تېخى توي قىلمىدىڭما؟

ھەجەپ ئوڭايايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىما –ھە –شۇ توي قىلماقچى شۇنىڭ تەييارلىقىدا –ئۇھ شۇكرى شۇنى بولسىمۇ قاملاشتۇرۇپ دىيەلىدىم، بىكا مەندىن ئايرىلىپ بىرەرسىنى تاپالماپتۇ دەپ قالمىسۇن، ئاتتىن چۈشسەممۇ ئېزەڭگۈدىن چۈشمىدىم ،لىكىن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭمۇ كۈنلىرىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلدىم.

-ۋاقتىڭ بولسا بىللە بارامدۇق–گەرچە دەسلەپ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسىمۇ ئۇنى بۇ ھالدا كۆرۈپ كارىم بولماي يۈرۈشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگۈم كەلدى.

-ھە –بۇلىدۇ –دىدى ئۇ بىردەم ئويلىنىۋەتكەندىن كىيىن

بىز ئۇدۇلدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق، تۆت كىشىلىك ئۇرۇندا بىز بىر –بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇردۇق، ئۇنىڭ كۆزى نىمىشقىكىن مىنىڭ يان تەرپىمدىكى بوش ئۇرۇندا ئىدى.

-كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ –دىدىم مەن ئاردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ-ئىككىمىز بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ باقماپتىمىز –باياتىندىن بېرى كۆزىنى يېنىمدىكى بوش ئۇرۇندىن ئۈزمەي ئولتۇرغان فەرغانە ھازىر سەل جىددىيلەشكەن ئىدى.

-ناۋادا مىنىڭ بىرەر ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماي دەۋەرگىن –ئۇنىڭغا زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بەكمۇ بىلگۈم كىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئۈنسىز تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن جاۋاب ئالالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.

-مانا بۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم –دىدىم مەن ئۇنىڭغا نۇمۇر يېزىلغان قەغەزنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ – مەيلى نىمە ئىش بولسۇن مەن چۇقۇم ساڭا ياردە قىلىمەن .

فەرغانە قۇلۇمدىن قەغەزنى ئالدى-دە گەپمۇ قىلماستىن ئىتتىك–ئىتتىك قەدەملەر بىلەن تاماققىمۇ ساقلىماستىن چىقىپ كەتتى.  مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتىم ھەم ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردۇم، مانا ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ساقلاۋاتقىنىمغا ساق تۆت كۈن بولدى. بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسا ماڭا دىيىشكە خىجىل بۇلۇۋاتامدۇ يا، كۆڭلۈمدە ھەرخىل خىياللارنى قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم توۋلاپ قالدى، تىلفۇن قىلغان فەرغانە ئىدى، ئۇمىنى ئەتە كۆرۈشۈشكە چاقىرغان ئىدى مەن ماقۇل بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى يېزىۋلدىم.

ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى خالىمىغان بولساممۇ، لىكىن بۇ فەرخانەنىڭ تەلىپى ئىدى.

ئۇنىڭ ئۆيى شەھەردىكى بايلار ئولتۇردىغان داچا رايۇنىدا بۇلۇپ ئۈچ قەۋەتلىك بۇ داچائادەمنىڭ زوقىنى قوزغايىتتى.

ئۇنىڭ يولدىشى سىرىتقا قاراپ قېلىپ ئۇنى خورلاۋاتقانمىدۇيا. ياكى...

كۆڭلۈمدە چىگىش خىياللارنى قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ يىتىپ كەلدىم، ئىشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن ئىشىك قوڭغۇرقىنى باستىم ،ئازراق سۈكۈتتىن كىيىن فەرغانە ئىشىكنى ئاچتى ئۇنىڭ چىرايى ئالدىنقى قېتىم مەن كۆرگەندىنمۇ بەكرەك سۇلغۇن ھەم جانسىز ئىدى، سالامدىن كىيىن ئۇ مىنى ئۆيىگە باشلىدى، ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق سۇغۇق، دېرىزىلەرگە قېلىن پەردىلەر تارتىۋېتىلگەن بۇلۇپ كۈن نۇرى ئاساسى جەھەتتىن چۈشمەيتتى، مەن سافاغا كىلىپ ئولتۇردۇم، فەرغانە ماڭا چاي قۇيغاندىن كىيىن مىنىڭ ئۇدۇلۇمغا كىلىپ ئولتۇردى.

-مەن –گەپ باشلىدى فەرغانە –سىزنىڭ  مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، ئەينى ۋاقىتتا مەن سىزگە يۈزسىزلىك قىلمىغان بولسام،بەلكىم ،-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈشكە باشلىدى بۇنى كۆرۈپ مەن باياتىنقى خىيالىمنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم.

–بۇ ھەممىسى منىڭ خاتالىقىم مەن بۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە ھەقلىق.

ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز تەسەللى سۆزى قىلىشنى ئويلاپ ئاغزىمنى ئۆمەللىۋىدىم فەرغانە مىنى توختۇتۇپ قويدى

-بەلكىم ھازىر مىنىڭ دىگەنلىرىمگە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن لىكىن شۇنداق بولسىمۇ گىپىمنى ئاخىرغىچە ئاڭلاپ بىرىڭ –دىدى فەرغانە ياشلىرىنى سۈرتۈپ

ئۇزۇن بىر ھىكايىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ، سافاغا يۆلىنىپ ئولتۇردۇم.

-مەن توي قىلغاندىن كىيىن دەسلەپ بىر نەچچە ئاي ناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردۈم، ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال دەپ ھىساپلىدىم، يولدۇشۇممۇ ماڭا بەك كۇيىنەتتى، لىكىن شۇ مىنى باشقىلاردىن ئۆلگۈدەك كۈنلەيىتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر سورۇنغا بېرىپ شۇ سورۇندىكى بىرەرسى ماڭا تىكىلىپ قاراپ قالسا ياكى بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ قالسا ئۆيگە بېرىپ مەن بىلەن كىچىچە سۇقۇشۇپ چىقاتتى، دەسلەپ مەن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى مىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم، لىكىن كىيىنچە ئۇنىڭ بۇ قېلىقلىرىغا چىدىمىدىم، چۈنكى ئۇ بۇرۇن مەن بىلەن گەپ تالاشقان بولسا ئەمدىلىكتە مىنى ئۇرۇپ دەسسەپ ساق يېرىمنى قويمايۋاتاتتى، بارغانچە مەنمۇ تالا تۈزگە چىقمايدىغان بولدۇم، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ باھانىسى تۈگىمىدى، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىملەر بىلەن تىلفۇندا پاراڭلاشتىڭ، ئۆيگە كىملەرنى ئەكىردىڭ دىگەندك سەۋەبلەر بىلەن مىنى ئۇرۇپ تىللايىتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزەمنى شۇنداق بىچارە ھېس قىلاتتىم نەچچە قېتىم كۆڭلۈمدە ئەگەر مەن مەردانغا تەگكەن بولسام ئۇ ھەرگىز مىنى بۇنداق خورلىمايىتتى دەپ سىنى ئويلاپ يىغلاپ كېتەتتىم. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن ئۇنىڭ بۇ خورلاشلىرىغا چىدىمىدىم، ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ سوتقا ئەرىز سۇندۇم. لىكىن ئۇنىڭ ماڭا يالۋۇرۇشلىرىغا، ئەمدى يەنە بىھۇدە كۈنلەپ ئۇرمايدىغانلىقى، قەدرىمنى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ ئەرزىمنى قايتۇرۋالدىم، لىكىن ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن مىنى ئاۋۋالقىدىنمۇ بەك قاتتىق ئۇردى. تاياقنى ھۇشۇمدىن كەتكۈچە يەپتىمەن، ناۋادا ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئىشىكنى مەجبۇرى ئېچىپ كىرىپ مىنى قۇتقۇزىۋالمىغان بولسا، بەلكىم ئۇنىڭ تايىقى ئاستىدا ئۆلۈپ كەتكۈدەككەنمەن ،ئەتىسى كۆزۈمنى ئېچىپ ئۈزەمنى دوختۇرخانىدا كۆردۈم، سوتتىكىلەرمۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن يولدۇشۇمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي بىزنى مەجبۇرى ئاجراشتۇرۋەتتى. مەن ھەپتىگىچە دوختۇرخانىدا ياتتىم ئۇ دوختۇرخانىغا نەچچە قېتىم كىلىپ مەن بىلەن سۇقۇشتى، يالۋۇردى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشىقا قۇشۇلمىدىم. ئەمدى ئۇنداق ئۆينى تۇتۇشقا رايىم قالمىغان ئىدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلىرىمنى ئەكىتىش ئۈچۈن كەلدىم. سوتتىن ئككەيلەن مىنىڭ يەنە زەخمىلمنىشىمدىن ئەنسىرەپ مەن بىلەن بىللە ئۆيگە باردى، يولدۇشۇم سافادا ئولتۇرۇپ يەنە ماڭا يالۋۇردى، تىللاپمۇ باقتى، بۇلار كار قىلمىغاندىن كىيىن ئەگەر مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن دەپ تەھدىت سالدى، مەن ئۇنى ئۇنداق دىگەن بىلەن ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالماس دەپ ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاپ سالماي چىقىپ كەتتىم، ئىشىكتىن چىقىپ يۈز مىتىر ماڭا–ماڭمايلا باشقىلارنىڭ «بىرسى ئۈزىگە ئوت قۇيۋاپتۇ» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بېشىمدىن تۈتۈن چىققاندەك بۇلۇپ ئۆيگە كىرسەم ئۆينىڭ ئىچى ئىس بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىكەن يولدۇشۇم بولسا پۇتۇن بەدىنى كۆيۈك ھالەتتە ھۇشسىز ياتاتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئوتنى باشقىلار سۇ چېچىپ ئۆچۈرگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ بەدەنلىرىدىن چىققان كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرەتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن. ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. دوختۇرلارنىڭ دىيىشچە يولدۇشۇم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلاندىم. ئەگەر مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىمەن دىمىگەن بولسام ئۇمۇ بۇ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلمىغان بۇلاتتى. شۇلارنى ئويلاپ ئۈزۈمنى قاتتىق ئەيىبلىدىم، قاچانلاردىدۇر كۈزۈم ئۇيقىغا بېرىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر چاغدا ياتاقنىڭ ئىشىكى ئاستا ئېچىلدى. مەن تېخى سىستىرا ئوخشايدۇ دەپ كارىم بولمىدى، بىر چاغدا بۇرنۇمغا كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرىقى كىلىپ دىمىقىمنى ئېچىشتۇردى. بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستا پەسكە چۈشتۈپ تامغا يۆلەندىم، ئىشىكتىن بىر قارا سايە كىرىۋاتاتتى. ئۇ ئۇدۇل مىنىڭ كارۋىتىم تەرەپكە كىلىپ كارۋىتىمغا زەن سېلىپ قارىدى،قورقۇپ ئاغزىمغا گەپ كەلمىدى ،ئۇ قارا سايە ئاستا مەن تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۇنىڭ كۆزى بىلەن مىنىڭ كۆزۈم ئۇچراشتى ئۇ منىڭ يولدۇشۇم ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ سۈرۈلۈپ كىلىپ مىنى تامغا مىختىدى مەن قورققىنىمدىن چىقىرۋەتتىم، بىردەمدىن كىيىن ئىككى سىسىتىرا يۈگرەپ كىلىپ چىراقنى ياندۇردى، ئەسلى ھازىر يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن ئىكەن. مەن باياتىندىن بېرى بولغان ئىشلارنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردىم. ئۇلار باشلىرىنى چايقاشقانچە بۇ ئىش سىزگە بەك تەسىر قىپ كىتىپتۇ دەپ ماڭا تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى،ئەتىسى مەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇنىڭ شۇ كۈنى كېيگەن كىيىمى ئوتتا كۈيۈپ تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن ئىدى مەن ئۇنى قاتلاپ ساندۇققا سېلىپ قويدۇم، دوسلۇرۇم ماڭا تەسەللى بىرىشكەندىن كىيىن قايتىپ قېلىشتى. شۇ كۈنى كەچتە خېلى كەچ ياتتىم. ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا بۇرنۇمغا يەنە ھېلىقى كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرقى ئۇرۇلدى. بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى. بىر دەمدىن كىيىن بىرسىنىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە تىنغان تىنىقىنى ئاڭلىدىم. قورققىنىمدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراقنى ياقتىم.  ئۆيدە ھېچكىم يوق  ئىدى، مەن تېخى مىنى قار باسقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تازلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم ياتاق ئۆيدىن تاكى تازلىق ئۆيىگىچە پول ئۈستى ھۆل ئىدى خۇددى بىرسى ھۆل كىيىم بىلەن ماڭغاندەك قىلاتتى. قورقۇنۇچ ئارلاش تازلىق ئۆيىگە كىردىم، تازلىق ئۆيىدىكى ئەينەكتە قان بىلەن يېزىلغان «سەن مەڭگۈ مىنىڭ» دىگەن خەتنى كۆرۈپ جان پېنىم چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى مەن دەرھال ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلىۋىدىم مۇزدەك بىر جۈپ قول گېلىمنى سىقتى، مەن تىنالمايلا قالدىم. بۇرنۇمغا كۆيگەن گۆش پۇرقى ئۇرۇلدى. ئەينەكتىن كەينىمدىكى قارا سايىنى كۆردۈم. كۆزلۈرۈم ئاستا يۇمۇلدى، كۆزۈمنى ئاچسام تازلىق ئۆيىدە يېتىپتىمەن.كىيىملىرىم نەم تۇراتتى تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم ئاللىبۇرۇن تاڭ ئاتقان ئىكەن. ئاخشامقى ئىشلارنى ئويلاپ مىنى سۈر باستى.بىر نەچچە دوسلىرىمغا بۇ ئىشلارنى دەپ بەردىم لىكىن ئۇلار ئوخشاشلا «يولدۇشۇڭنىڭ ئۆلىمى ساڭا بەك تەسىر قىلىپ كىتىپتۇ»دىيىشتى. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىدىن ئاچچىقىم كىلىپ ئۇلارنى تىللاپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردىم. ئۇندىن كىيىن بۇ ئىشلار ھەر كۈنى تەكرارلىنىپ تۇردى. دەسلەپتە مەنمۇ  راسا قورقتۇم، كىيىنچە مەنمۇ كۈنۈپ قالدىم. كەچلىرى ئۇ مەن بىلەن بىللە ياتاتتى،ئۇنىڭ بەدىنىدىن كىلىۋاتقان كۆيگەن گۆش پۇرقى كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرسىمۇ ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرمەي مەندە نىمە ئىلاج. بۇرۇن ئۇ پەقەت ئاخشاملىرىلا پەيدا بۇلاتتى كىيىنچە ئۇ كۈندۈزلىرىمۇ مەن بىلەن بىللە يۈرىدىغان بولدى. شۇندىن بېرى بىرەر كېچە قېنىپ ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، قايسى كۈنى بىز ئاشخانىدا كۈرۈشكەن چاغدىمۇ ئۇ بىزگە قاراپ ئولتۇرغان ئىدى. مەن سىز بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى شۇڭا مەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ كىلىۋالدىم، لىكىن مىنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ماڭا ياردەم قىلمىسىڭىز بولمايدۇ –دەپ فەرغانە ماڭا تىكىلدى.

بۇلارنى ئاڭلاپ پۇتۇن بەدىنىمنى سۈر باستى. ئىنىقكى مەن بۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم.

-ئۇنداقتا ئۇ ھازىرمۇ بۇ ئۆيدە بامۇ ؟-سورىدىم مەن تەشۋىشلىنىپ .

-ھەئە ،ئۇ ھازىر سىزنىڭ ئوڭ تەرپىڭىزدە سىزگە قاراپ ئولتۇرۇۋاتىدۇ –دىدى فەرغانە مىنىڭ ئوڭ تەرپىمنى كۆرسۈتۈپ

بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى، بىردىنلا مىنىڭمۇ بۇرنۇمغا كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرقى ئۇرۇلدى. بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق قورقىۋاتاتتىم.

-سىز ھازىرچە قايتىپ كىتىپ ماڭا ياردەم قىلغۇدەك ئادەمنى تېپىڭ –دىدى فەرغانە ماڭا قاراپ. بۇ گەپ ماڭا مايدەك ياقتى دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم، قايتىشتىن بۇرۇن مەن فەرغانەگە قاراپ –مەن چۇقۇم سىزگە ياردەم قىلىمەن ماڭا ئىشىنىڭ- دىدىم .

گەرچە پەرغانەگە ياردەم قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيتتىم. ياكى بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپ مەسلىھەت سالغىلى بولمايتتى. باشقىلارغا ئۇنداق دىسەم مىنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويمىغان ھالەتتىمۇ مىنى ساراڭغا چىقىرىۋىتەتتى.

مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ پەرغانەگە ياردەم بىرىدىغان بىرەر ياخشى ئامال تاپالمىدىم.

شۇنداق يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە پەرغانە ماڭا تېلفۇن قىلىپ ئۆيىگە بېرىشىمنى دېدى. مەنمۇ ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.  

ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىمدا ئۇ مىنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن. بىز چاي ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىسام ،ئۇ- ھەرھالدا بولىدۇ.-دەپ جاۋاپ بەردى.

ئۇنىڭدىن يولدىشىڭىز ھازىرمۇ ئۆيىڭىزدە بارمۇ دىسەم ئۇ-ياق، ھازىر يوق، تۈنۈگۈندىن بىرى كەلمىدى-دېدى. بىز خېلى خاتىرجەم ھالدا ئۇياق-بۇياقتىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى خۇشال كۈنلەرنى ئەسلەشتۇق. گەرچە ئۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە خېلى ئۇزاق كۈنلەر بولسىمۇ مەندە يەنە پەرغانەگە نىسپەتەن باشقىچە ھىيسىيات پەيدا بۇلىۋاتاتتى. ئۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە، غورۇرۇمغا تىگىدىغان گەپلەرنى قىلغاندا، ئۇ باشقا بىرى توي قىلغاندا ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنسەممۇ لىكىن ھازىر ئۇ ماڭا يەنە ئىسسىق كۈرىنىۋاتاتتى. «كۆيگەن ئوتنىڭ قىزىلى يۇقالسىمۇ قىززىقى قالىدۇ» دىگىنى شۇ بولسا كېرەك.  

ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچ بوپ كەتكەن ئىدىم. شۇنداق بىر ۋاپاسىز قىزغا ئەقىدە باغلىغىنىمغا، تالاي كۈنلىرىمنى شۇنداق بىر بىۋاپا بىلەن ئۆتكۈزگىنىمگە ئىسىت دەپ كەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن ئىدىم. لىكىن مۇھەببەت قانچىلىك بولسا نەپرەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ دىگىنى راس ئوخشايدۇ. بۇرۇن ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەن بولسام ئۇ مىنى تاشلاپ كەتكەندە شۇنچىلىك نەپرەتلەنگەن ئىدىم. بۇرۇن ئۇنىڭغا مۇھەببەت بىلەن تىكىلگەن، ئۇنى ھەريەرلەردىن ئىزدەيدىغان، ئۇنى كۈرۈشكە تەشنا كۆزلىرىمنىڭمۇ قەرغانەنى كۆرگۈسى يوق ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەنسەممۇ لىكىن ھازىر ئۇ يەنە كۆزۈمگە ئىسسىق كۈرىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا بولغان ئاغرىنىشلىرىم، ھىسداشلىققا. نەپرىتىم مۇھەببەتكە ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى.

ئۆزۈمچە ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. لىكىن ئۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلسەممۇ لىكىن يەنە ئىتىراپ قىلمايتتىم. ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى قانداقمۇ ئۇنتىغىلى بولسۇن.

ئىنسانلاردىكى ئوخشاش بىر خاراكتىر بىرەرىدىن ئايرىلىپ كەتسە ئۆزىنى ئۇنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلايدۇ، يېقىن كىشىلىرى بىلەن شۇ ئادەم توغۇرلۇق پاراڭلاشقاندا ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم، ھازىر ئىسىمگە كەلمەيدۇ دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ؟

بىرەر قېتىم كۈرۈشكەن ئادەمنىڭ سىماسىمۇ ئىسىمىزدە قالىدۇ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى ئۇنتۇپ كىتىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

شۇنداق خىياللار بىلەن ئولتۇرغىنىمدا ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. پەرغانە ئىككىمىز چۈچۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدۇق. ئۇ تەرەپتە ھېچكىم يوق ئىدى. لىكىن ئۆي ئىچىنى كۆيگەن گۆش پۇرىقى بىر ئالغانىدى.

پەرغانە مىنى قايتىشقا ئىشارەت قىلدى، مەن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. پەرغانەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ بولغىچە خۇددى بىرى پۇتۇمغا تاش ئېسىپ قويغاندەك قەدەملىرىمنى يۆتكىشىم بەكمۇ تەسكە توختىدى. بىر قەدەم يەرگە نەچچە قەدەم ئېلىپ دىگەندەك ئۇ ئۆيدىن ناھايىتى تەستە چىقتىم.

شۇ كۈنى فەرغانەنىڭ ئۆيىدىكى قورقۇنۇش مەندە تېخىمۇ كۈچىيىۋاتاتتى. بەزىدە تۇرۇپلا بۇرنۇمغا كۆيگەن گۆش پۇرىقى پۇراپ قالاتتى. شۇنداق ۋاقىتتا يېنىمدا بىرى باردەك ھىس قىلاتتىم. مەندىكى قورقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋىج ئالاتتى. كىچىسىمۇ ئارامخۇدا ئۇخلاپ باقمىغىنىمغا نەچچە ئاي بوپ كەتكەن ئىدى، كۆزۈمنى يۇمساملا قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى كۈرەتتىم، چۈشۈمدە چىرايىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئەر دائىملا مىنى،- نىمىشقا ئەر كىشى يوق بىر ئۆيگە بىر ئايالنى ئىزدەپ بارىسەن، سىنىڭ نىمە مەقسىتىڭ بار؟- دەپ  سوراق قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە، پەرغانەنىڭ مىنى چاقىرغىنى، باشقا مەقسىتىم يوقلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بۇلاتتىم-يۇ لىكىن ئاۋازىم سىرتىغا چىقمايتتى، كىيىنچە مەن تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىكىمۇ تۇيۇقسىزلا ئېچىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلۈشكە باشلىدى. قويغان نەرسىلىرىممۇ بىر يەردە تۇرمايتتى روھى جەھەتتىن بەك چارچاپ كەتكەچكە ئىشلار راس شۇنداق بۇلىۋاتامدۇ ياكى مىنىڭ خىيالىممۇ بۇنى بىلگۈدەك ھالىممۇ قالمىغان ئىدى. بىر نەچچە قېتىم ئۆي كۆچۈپ باققان بولساممۇ پەقەتلا ئۆنۈمى بولمىدى.

بارا-بارا جەمىيەتتىن ئايرىلىپ قالدىم، ھەر كۈنى چۈشكۈن يۈرەتتىم.

بىر كۈنى گەرچە ئۆزۈم خالىمىساممۇ پۇتلىرىم ئىختىيارسىز پەرغانەنىڭ ئۆيى تەرەپكە كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇنىڭ ھالى مەندىنمۇ بەتتەر ناچار بولۇپ، كىيىملىرى، چاچلىرى رەتسىز ھالدا بىر نوختىغا تىكىلگەنچە ئولتۇراتتى. ئۇنى بىر نەچچە قېتىم چاقىرغان بولساممۇ ئۇ يەنە جىمجىتلا ئولتۇراتتى. مەنمۇ ئۇنىڭدىن جاۋاپ چىقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كىيىن كەتمەكچى بولدۇم.

-كەتمەي تۇرۇڭ.

چۈچۈپ كەينىمگە قارىدىم. پەرغانە مىنى چاقىرۋاتاتتى.

-كەتمەي تۇرۇڭ، ئىككىمىز بىردەم كوچا ئايلىنايلى. سىز بىلەن بىللە ئايلانغۇم بار.

مەن ماقۇل بولدۇم، ئۇ بىردەمدە ياسىنىپ چىقتى، بايامقى گومۇشتەك ئولتۇرغان فەرغانە بىلەن كۆز ئالدىمدىكى پەرىزاتتەك قىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.

ئۆي ئىچىنى يەنە كۆيگەن گۆش پۇرىقى ئالدى. لىكىن مەن ئۇنچە قورقۇپ كەتمىدىم. چۈنكى تالاي قېتىم قورقۇشلاردىن يۈرىكىم قېتىپ قالغان بولسا كىرەك. فەرغانەگە قارىسام ئۇ پەرۋاسىز كۈرۈندى.

بىز بىللە بازار ئايلاندۇق. مەن ئۆزۈمنى خۇددى مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزغا قايتىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم. ناھايىتىمۇ خۇشال بولدۇم. شۇ بىر كۈن مەن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەندەك بىلىندى.

كەچكە يېقىن قايتماقچى بولدۇق، مەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيىدىغان بولدۇم. يولدا ماشىنا ساقلاپ تۇراتتۇق، دىمىقىمىزغا يەنە كۆيگەن گۆشنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بىز پەرغانە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراشقاندىن كىيىن بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنى چىڭ تۇرۇپ تۇردۇق. تۇيۇقسىز پەرغانە بىر نەرسىدىن قورققاندەك بولۇپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى، ئۇنى قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان بولساممۇ ئۇ قۇلۇمدىن بىر يۇلقۇنغىنىچە چىقىپ يولدا كىتىۋاتقان بىر ماشىنىگە سۇقۇلۇپ كەتتى.

كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى. قانغا بۇيالغان فەرغانەنىڭ بېشىنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتىم.

-ئۇ...ئۇنىڭ قولىدا بىنزىن بىلەن چاقماق بار ئىكەن، بىزنى كۆيدۈرۋەتمەكچى......

فەرغانەنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ زەئىپ ئاڭلىنىۋاتاتتى،مەن شۇندىلا ئۇنىڭ نىمىگە قورقۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم.

-مال-دۇنيا، شان-شۆھرەتنى دەپ مۇھەببىتىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمگە بەك پۇشايمان قىلىمەن. مال-دۇنيا تېپىلىدىكەن. لىكىن ھەقىقى مۇھەببەتنى تاپقىلى بولمايدىكەن. مال-دۇنيا بىلەنلا بەختلىك بولغىلى بولمايدىكەن. پۇلغا كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن خاتىرجەملىكنى، مۇھەببەتنى، بەختلىك تۇرمۇشنى سېتىۋالغىلى....

فەرغانەنىڭ گىپى ئاخىرلاشمايلا نەپسى توختاپ قالغان ئىدى. بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم. ئۇنى جانسىز تىنىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم. ئاستا-ئاستا نەپسىم بۇغۇلغاندەك، بىرى گىلىمنى سىقىۋاتدەك ھىس قىلدىم. مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئۆز سەزگۈمنى يۇقىتىشقا باشلىغان ئىدىم.


مەنبە: خىياللىرىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 08:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹-مال-دۇنيا، شان-شۆھرەتنى دەپ مۇھەببىتىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمگە بەك پۇشايمان قىلىمەن. مال-دۇنيا تېپىلىدىكەن. لىكىن ھەقىقى مۇھەببەتنى تاپقىلى بولمايدىكەن. مال-دۇنيا بىلەنلا بەختلىك بولغىلى بولمايدىكەن. پۇلغا كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولغان بىلەن خاتىرجەملىكنى، مۇھەببەتنى، بەختلىك تۇرمۇشنى سېتىۋالغىلى....›
ناھايىتىمۇتوغرا تۇرمۇش ھەقىقىتى.....

panama بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 08:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق قۇرقۇنۇچلۇق سىزنىڭ خىياللىرىڭىز،ئۇقۇپ بولغىچە مىنى سۈر بېسىپ ئاران ئۇقۇپ بولدۇم دېسە.ئۇنىڭ ئۇسـتىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆرىۋاپتىمەن بۇ تېمىنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇھاببەت بەزىدە ئادەمنى ھەر كويلار سالىدۇ.......
ئادەم تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشقا تېگىشلىك نەرسىدىن چوقۇم ۋاز كېچىشى كېرەك،بولمىسا ئېرىشىش كېرەك.ياپسام پىشارمۇ ،كۆمسەممۇ دەپ يۈرۈش بىر ئەخمەقلىق،ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىش خالاس.

جەننەت ۋە دوزاخ _

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21908
تۆھپە نۇمۇرى: 1462
توردا: 5106 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پېچەت چىقىپتۇ.....مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بەرسە ئادەم ئۆزىنى سورايدىغان بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايە ھەجەپ سۈرلۈك چىقىپتۇ، ئاخىرى راستلا قورقۇنچلۇقكەن...

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئەسەرلەنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن گەرچە قورقۇپ تۇرساممۇ....

تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز،قىسمەن جايلىرىدا تىل ئىشلىتىش جەھەتتە سەل خاملىق كۆرۈلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئومۇمىي  جەھەتتىن ياخشى چىقىپتۇ ئەسىرىڭىز....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91139
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2924
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 01:23:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى،قورقۇنۇشلۇق،ھىكايېكەن،بۇراس،بولغان
ۋەقەمۇيا.ئويدۇرمىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 01:36:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە ئوقۇيچۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش