ئاجايىپ ئۇچرىشىش
(ھېكايە)
بىر كۈنى چۈشۈمدە ئۆزۈم چوقۇنىدىغان ،ئۇزۇندىن بېرى سۆھبەتلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ پۈرسەت تاپالماي يۈرگەن بىر ئالىمنى كۆرۈپتىمەن.
مەن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا دەرھال ئالىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپتىمەن.ئالىم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ:
-مەندە ئىشىڭىز بارمىدى قىزىم؟-دەپتۇ .مەن :
-سىزنى كۆرۈپ ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم،چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بېرى سىزنى كۆرۈشنى ،تەلىمىڭىزنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم ،-دەپتىمەن.
-سۆزلەڭ قىزىم ،مەندىن قانداق تەلىم ئالماقچىسىز -دەپتۇ ئالىم.مەن تارتىنغان ھالدا:
-سىزدىن ئۆزۈم ئويلاپ يېتەلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى سورىسام بولارمۇ ؟ -دەپتىمەن .
-سوراڭ قىزىم ،ھەرگىز تارتىنماڭ ، -دەپتۇ ئالىم .
-سىزنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ ئاجايىپ ئىشلار قايسىدۇ ؟
-بۇ دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى ،كىشىلەر بالىلىق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سەبىي ،ساددا ،شوخ ، گۈزەل بالىلىق چاغلىرىدىن زېرىكىپ تېزراق چوڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ،چوڭ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئەنە شۇ بالىلىق دەۋىرگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ،مانا بۇ ئاجايىپ ئىشلارنىڭ بىرى ،-دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ئالىم -يەنە بىرى ،نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ،قىممەتلىك نەرسىلىرىنى قۇربان قىلىش ھېسابىغا پۇلغا ،مال-دۇنياغا ئېرىشىدۇ .كېيىن ئۇلار يەنە شۇ پۇلنى خەجلەپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ .يەنە بىرى كىشىلەر كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىتسىزلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ ،ئۇلار ئەنسىرەش ئىلكىدە ھازىرنىمۇ ئۇنتۇيدۇ .شۇڭا ،ئۇنداقلار ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ خۇشال -خۇرام ياشىيالمايدۇ.ئۇلار ھايات ۋاقتىدا خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلارنى قىلىدۇ ،ھارام يەيدۇ،ياراتقۇچىسىنى ئۇنتۇيدۇ ،ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خۇددى ياشىمىغاندەك ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ ،-دەپتۇ.
مەن بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتىمەن :
- ھۆرمەتلىك ئۇستاز ،سىزنىڭ قانداق نەسىھەتلىرىڭىز ،مەسلىھەتلىرىڭىز بار ؟
-شۇنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىڭلار كېرەككى ،دۇنيادىكى بارىلىق كىشىلەرنى تەڭ خۇشال قىلىش ،رازى قىلىش مۈمكىن ئەمەس ،بەلكى مول بىلىم ،گۈزەل ئەخلاقى -پەزىلەت ۋە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش .باشقىلار بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ،ھەممە ئىشتا كۆزىنى باشقىلارغا تىكىش -تۇرمۇشتىكى ئەڭ رەزىل ئىشتۇر .ھەقىقى بايلار ئەڭ كۆپ بايلىققا ئېرىشكەن كىشىلەر ئەمەس،بەلكى ئىھتىياجى كۆپ بولمىغان كىشىلەردۇر .
شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز زۆرۈركى ،ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ قەلبىدە جاراھەت پەيدا قىلىش بىردەملىك ئىش لېكىن ئۇ جاراھەتنى ساقايتىش ئۈچۈن ،بەزىدە يۈز يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ ،-دەپلا كۆزۈمدىن غايىپ بوپتۇ .
<<رەھمەت سىزگە ،دېگەنلىرىڭىزنى مەڭگۈ ئېسىمدە تۇتىمەن >>دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي تۇرۇپ قاپتىمەن .ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئاچسام چۈشۈم ئىكەن .
ئىسىت ،بۇ ئىشلار نى ئوڭۇمدا يۈز بەرگەن بولسا قانچە ياخشى بولغان بولاتتى دەپ ئويغا چۆمدۈم .
مەنبە:ئۆزۈم.