مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2654|ئىنكاس: 12

بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85608
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 04:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار


ئەكبەر جاپپار دەردى

( راست ئىشلار خاتىرىسى )
ئەقلىمگە كەلسەم ،  دادام ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، شەھەرنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا ئاشخانا  ئاچىدىكەن ،    بىز  ئولتۇرغان ئويدىن باشقا يەنە شەھەر ئىچىدە ئىككى يەردە  زېمىن ئۆيىمىز ،  خىلىلا كۆپ ئىقتىسادىمىزمۇ بار ئىكەن .  بىز ئۈچ  بالا بولۇپ ، بىر ئاكام  بىر ئىنىم بار  ئىدى . مەن تولۇقسىز ئوتتۇرنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققاندا ، ئاكام تولۇقسىز ئوتتۇرنى   پۈتتۈردى ،  ئاكامنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تازا ياخشى بولمىغاچ دادام  ئۇنى     ئاشخانىغا ئەكىرىۋالدى . ئاكاممۇ ئوقۇشتىن  قۇتۇلغىنىغا  ناھايىتى خۇشال بولۇپ ، دادامدىن ھۈنەر ئۆگىنىشكە باشلىدى . سىنىپتىكى بىر قىسىم ئىنتىزامغا بويسۇنمايدىغان ، كەپسىز بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ   دەرىسلەرگىمۇ تازا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم ،  ۋە بىر نەچچە ئاتا - ئانىسى تىجارەت  قىلىدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ ،  تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەندىمۇ مەكتەپتە ئوقىماي تىجارەت قىلىش ئويى تۇغۇلدى .  بىر كۈنى  بۇ ئويۇمنى ئانامغا دېسەم ئۇ ، بالام ئاكاڭنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن  ، ھەم بالىلاردىن بىرسى بولسىمۇ  داداڭنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلسۇن دەپ  مەكتەپتىن چىقىرىۋالدۇق ، زامان كۈندىن - كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ، تىجارەت قىلمايمۇ بىلىمگە تايىنىپ   ياخشى كۈن  كۆرگىنى بولىدۇ ، ئاكاڭنى   ئوقۇتالمىغىنىمىزمۇ يېتەر ، داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىقتىسادىمىزمۇ يامان ئەمەس بولغاندىكىن ، ئۇكاڭ بىلەن سىنى   ئالى مەكتەپلەردە ، بولسا چەت ئەللەردە ۋايىغا يەتكۈچە ئوقوتايلى دېيىشتۇق  ، بۇندىن  كېيىن ھەرگىز بۇنداق گەپلەرنى قىلما ، ئۇنىڭغىمۇ تەربىيە قىل ئۇمۇ يوقىلاڭ خىياللارنى قىلمىسۇن ، ھەر ئىككىڭلار كەلگۈسى چوقۇم ياخشى ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمىز دېگەن نىشان بىلەن تېرىشىپ ئۆگىنىڭلار دەپ نۇرغۇن تەربىيىلەرنى قىلدى . مەن ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ماقۇل دەپ قويغان  بولساممۇ ، نېمىشقىكىن ئۆگىنىشكە تازا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم ، بارا - بارا  نەتىجىلىرىممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى   . تولۇقسىز ئوتتۇرنىڭ  ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىدىغان ۋاقتىمدا ، ئۆيدىكىلەر  ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆينى  سېتىۋېتىپ ، ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئاشخانا ئاچىدىغان بولۇپ كۆچۈپ چىقىپ ،  ئۇ يەردىن   ئۆي سېتىۋېلىپ ماكانلىشىپ قالدۇق . ئانام بىر نەچچە  كۈن قاتراپ يۈرۈپ مېنى تولۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا ، ئۇكامنى بىرىنچى يىللىقىغا  ئورۇنلاشتۇردى ، دادام     ئاۋات  بىر كوچىدىن  خىلىلا چوڭ بىر ئاشخانىنى  سېتىۋېلىپ تىجارەتنى باشلىۋەتتى .  ئاشخانىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى  ئىدى . دادام دائىم ئۇكام بىلەن ماڭغا ، -  بالىلىرىم مەن پۇلنى گۆرۈمگە ئېلىپ كەتكىنى ئەمەس بەلكى سىلەرنى كەلگۈسى ياخشىراق كۈن كۆرەرمىكىن دەپ تېپىۋاتىمەن ، ئاكاڭغۇ   ياخشى ئاخىرغىچە ئوقىيالمىدى ،  شۇڭا سىلەر چوقۇم ياخشى ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ، كەلگۈسى ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى ئېلىپ ، جاپا تارتماي   تۇرمۇش كەچۈرىدىغان  ئادەم  بولۇڭلار دەپ   تەلەپنى قاتتىق قوياتتى . قانداق كېيىم  كېيىمىز دېسەك ئېلىپ بېرىپ ،   قانداق ۋاقىتتا   پۇل دېسەك ئەگەر ياخشى ئوقۇيدىغان بولساڭلا قانچە پۇل دېسەڭلا بىرىمەن دەپ   بېرەتتى  .     مېنىڭ ئوقۇشۇم ئەزەلدىن ياخشى بولمىغاچقا  تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرۇپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي ، ئاتا - ئانامنى نا ئۇمۇتتە قويدۇم ،    ئۇلارغا چەت ئەل تېلى ئۆگىنىش  كۇرسىدا ئوقۇپ ، بىرەر تىل ئۆگىنىپ ئۆزەمنىڭ چىقىش يولىنى  تاپاي دېسەم  ماقۇل  بولۇشتى  . شۇنىڭ بىلەن    بىر چەت ئەل تېلى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشتىم . ئۇكامنىڭ ئوقۇشىمۇ   تازا ياخشى بولمىغاچقا ، كەلگۈسىدە مەندەك ئاقىۋەتكە قالماي دېدىمۇ  قانداق ،  ئۆيدىكىلەر شۇنچە  تەربىيە قىلسىمۇ ئۇنىماي مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ ، بىر مەزگىل بىكار يورۇپ ، ئاخىرى بىر دۇكان سېتىۋېلىپ كېيىم - كېچەك تىجارىتى قىلىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ سودىسىمۇ شۇنداق يۈرىشىپ خىلى كۆپ پۇل تاپتى .   كۇرستا  ئوقۇش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى بىر بۆلەك بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ،  سەندىن مەن قالامتىم دېگەندەك نوچىلىق قىلىپ ، دەسلىۋىدە  تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندىم  ، كۈندە ئەتىگەندە مەكتەپكە  بارىمەن دەپ دادامدىن   پۇل ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم  ، مەكتەپتىمۇ  بارماي ئويۇن تاماشا بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم . بىر كۈنى يېڭىدىن تونۇشقان بىر دوستۇمنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارساق ، ئۇنىڭ دوستى بىر نەچچە قىزلار بىلەن  ئولتۇرۇش قىلىۋىتىپتىكەن ، بىردەمدىن كېيىن باشلامدۇق  دېيىشىپ  ، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاماكىنىڭ پار - پۇر قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئاق نەرسىدىن بۇغداي چوڭلۇقىدا ئېلىپ ، قەغەزنىڭ ئاستىغا چاقماق بىلەن ئوت يېقىپ ، ئۇنىڭدىن چىققان سۇس تۇتۇننى قەغەز بىلەن ياسىۋالغان نەيچىلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ  شوراشقا باشلىدى ، بۇندىن بۇرۇن بىر تونۇشىنىڭ    « خېروئىن » نى ئاشۇنداق چەككىنىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ « خېروئىن »  چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدىم .  باشلاپ كەلگەن ئاغىنەم   مېنىمۇ چېكىپ باقامسەن دەپتى، ياق   دېسەم بىر قىز ، « بالا   كەيىپتىن يانغان ئوغۇل بالا ، ئوغۇل بالا ئەمەس »   دەپ زاڭلىق قىلىشقا باشلىدى . چوڭ بولغاندىن باشلاپ بىرەرسىنىڭ ئۇنداق  زاڭلىق قىلىشىغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرى ئېغىر كېلىپ  كۆڭلۈمدە ، بىر قىز بالىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىچە چەكسەم چېكەي ،  بىر قېتىم چەككەنگە ئۆگىنىپ قالماسمەن دەپ  ، بىرسىنىڭ  ياردىمى بىلەن ئۈچ نوۋەت چەكسەم كۆڭلۈم ئىلىشىپ ، ھۆ قىلىپ  خۇدۇمنى يوقىتىپ  ئولتۇرغان جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەتىسى  ھىلىقى دوستۇم يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى  ، ئۇ ئۆيگە  بارساقمۇ  نەخ « خېروئىن » چېكىۋاتقان سورۇننىڭ ئۈستىگە بېرىپتۇق ، ھەر خىل گەپلەر بىلەن يەنە چېكىپ قالدىم   . شۇنداق قىلىپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن   ئۇ يەر ، بۇ يەرلەردە ، چېكىپ يۈرۈپ بىر ئاي ئىچىدە ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدىم . ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قويغان دوستلىرىممۇ مېنى ئىزدىمەس بولىۋالدى . ئىلاجى بولماي باشقا چېكىدىغانلاردىن ساتىدىغان يەرلەرنى سوراپ يۈرۈپ ،  دادامدىن ھەر خىل باھانالار بىلەن ، گاھىدا  ئاشخانىدىكى غەللىدىن پۇل ئېلىپ بىر يىلدەك  يوشۇرۇنچە چېكىپ يۈردۈم . بىر كۈنى دادامدىن پۇل سورىسام  ئۇ ، - يېقىندىن بېرى پۇلنى بەك خەجلەيدىغان بولۇۋالدىڭ ، نېمىگە ئىشلىتىۋاتىسەن دەپ 30 يۈەنلا    بەردى ، ئاشخانىنىڭ غەللىسىدىن ئالاي دېسەم رامىزان ئېيى بولغاچ ئاشخانا تاقاقلىق ئىدى . ئاكام  توي  قىلىپ ئايرىم ئوي تۇتقان بولۇپ ئاخىرى  ئۇنىڭدىن  پۇل ئالاي دەپ  ئۆيىگە بارسام  ، ئۇ   بىر نەچچە  دوستلىرى بىلەن ھە دەپ « خېروئىن » چېكىشكىنى  تۇرۇشۇپتۇ  ، مېنى كۆرۈپ چەككىنىمنى دادامغا  دەپ قويما دەپ  بەش يۈز يۈەن   بەردى . كۆڭلۈمدە ئاكاممۇ بۇ ئىشنى قىلىدىكەندە ، بۇندىن كېيىن بۇنىڭ بۇ  ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئالاي دېگەنلەرنى ئويلىدىم . شۇنداق قىلىپ  بىر قېتىم دادامدىن ئالسام بىر قېتىم ئانامدىن ، بىر قېتىم ئاكامدىن ، بىرقېتىم ئاشخانا غەللىسىدىن  پۇل ئېلىپ   كۇرۇسقىمۇ بارماي  چېكىش بىلەن  كۈنلەرنى  ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم  . بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن پات - پات خىروئىن سېتىۋالىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارساق ، ئۇكام ئۇ ئۆيدە قورسىقىنى تۇتۇپ ۋايجان دەپ تولغىنىپ ،  ھىلىقى ئادەمگە نېسىگە « خېروئىن » بەرگەن بولسىڭىز دەپ  يىلىنغىنى تۇرۇپتۇ ، ئۇنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، ئاكىسى بولغاندىكىن نېمىشقا چېكىسەن دەپ بىر ئۇراي دېگەنلەرنى ئويلىغان بولساممۇ ئۆز كۆتۈمنىڭمۇ پوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ  ئۇكام  ، سەن بولساڭمۇ بۇ ئىشنى قىلمىساڭ  بولمامدۇ ؟ دېسەم  ئۇ  ماڭا ئېسىلىپ   ، - جېنىم ئاكا بىر قىسىم دوستلىرىمنىڭ ئارقىغا كېرىپ ئەقىلسىزلىق قىلىپ  چېكىپ  قاپتىمەن ،  ماڭا بىر بولاق ئىلىپ بەرگىن بەك قىينىلىپ كەتتىم ، ساڭا قەسەم قىلاي  خۇمارىممۇ ئانچە ئېغىر ئەمەس  ، بۈگۈن  بىر قېتىم چېكىۋالسام ، ئەتىدىن باشلاپ قەتئىي چەكمەيمەن دەپ  يېلىنىشقا باشلىدى .  ئۇ نىجىسنىڭ خۇمارىنى بىلىدىغانلىقىم ۋە ئۆزۈممۇ نەچچە قېتىم ئاشۇنداق  قىينالغانلىقىم  ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېچىم ئاغرىپ  بىر بولاق ئېلىپ بەردىم   . بىر كۈنى  دادام بىز ئۈچەيلەننى ئۆيگە سولاپ :
،  ــــ  سەن گۈيلارنى قانداق قىلىدىكەن دېسەم بىر نەچچە يىلدىن بىرى يولدىن  چىقىپ كېتىشكىنى تۇردۇڭ ،  ئىنسان بالىسى بولغاندىكىن   تۇزۇلۇپ  قالار  دېسەم ئۆزۈڭنى بىلىشمىدىڭ ،  نەچچە ۋاقىتتىن گۇمان قىل يۈرگەن ئىدىم  ، بۈگۈن  باشقىلاردىن ئاڭلىسام   سەن  ئۈچ ھايۋاننىڭ ھەممىسى  « خېروئىن » چېكىشىدىكەنسەن . ئاشخانا غەللىسىدىكى  ، ئويدىكى  پۇللار  نېمىشقا پات - پات ئازلاپ كېتىدىغاندۇ  دېسەم ،  ئەسلى سەن ھايۋانلارنىڭ ئىپلاس قوللىرى ئارقىلىق غايىپ بولۇپتۇ  ، بۈگۈن ماڭا راس گېپىڭنى قىلىش  ، بۇندىن كېيىن ئۇ نىجىسنى چېكىشەمسەن ياكى  تاشلىشامسەن ؟   ئەگەر تاشلىيالمايمىز  دېيىشسەڭ باشقىلاردىن ئاڭلىسام ، مۇشۇ شەھەردە  خېروئىنغا خۇمار  بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان ئورۇن بار ئىكەن شۇ يەرگە ئاپىرىپ بېرەي دېدى ، ئارىلىقتا ئانام ئۆيگە كىرىپ بىز ئۈچەيلەننى باغرىغا بېسىپ ، - جېنىم بالىلىرىم شۇ نىجىسنى چېكىشنى قاچاندىن باشلاپ ئۆگىنىپ قالغانسىلەر ،   سىلەرگە ئىشىنىپ ئالتۇنغا بەرگۈسىز  ئۈچ  ئوغلىمىز  بار دەپ پەخىرلىنىپ  يۈرەتتۇق ئەمەسمۇ  ، جەمەتىمىزنىمۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلە يۇرتتا خىلى ئابرويلۇق جەمەت ، ئارىمىزدىن ئەزەلدىن سىلەردەك ئىشلارنى قىلىدىغان  ئادەم چىقىپ باقمىغان  ،  بىز ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ بولسىمۇ   بۇندىن كېيىن  ئۇنى چېكىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار ، ئاڭلىسام ئۇنى چەككەن ئادەم بىر خىل نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ سېسىپ  تۈگەرمىش  دەپ يىغلاپ كەتتى . ئانىمىزنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ بىزلەرمۇ يېغلاشتۇق  . ئاخىرى ئاكام ئۆزلىگىدىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بېرىپ تاشلايدىغان  ، ئۇكام بىلەن ئىككىمىز دوستلىرىمىز بىلەنمۇ ئارىلاشماي ، دادامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ، تاشلايدىغان بولۇپ ، ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئالدىدا يىغلاپ  تۇرۇپ ۋەدىلەر بېرىشتۇق . « خېروئىن » دېگەن بۇ ئېزىتقۇ ئالۋاستىنىڭ ھىيلىسى تولىمۇ ، ياكى بىزلەرنىڭ ئىرادىمىز ئاجىزمۇ قانداق ، ئاكام ئۆزلىگىدىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئۈچ ئاي ياتقان  بولسىمۇ چىقىپلا   يەنە چېكىشنى باشلاپتۇ ، ئۇكام بىلەن مەنمۇ ھىلىقى ۋەدىلەرنى قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بىر - بىرىمىزدىن يوشۇرۇنچە    چېكىپ يۈردۇق . ئۇكاممۇ قولىدىكى دەستىدىن ئايرىلىپ دۇكىنىنى سېتىۋەتتى .  دادام بىلەن ئانام ئاكا ، ئۇكا ئۈچىمىزنى بىرسىمىز كەلسەك يەنە بىرسىمىزنى ئۆزلىگىدىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ ئىككى ئۈچ  قېتىمدىن  داۋالاتقان بولسىمۇ چىقىپلا يەنە  چەكتۇق  . ئاتا - ئانىمىزنىڭ قىلغان تەربىيىلىرى  زادىلا ئۈنۈم بەرمىدى .  بىزلەرمۇ ئەمدى چەكمەيلى دېيىشىپ ، نەچچە قېتىم ھەر خىل قەسەملەرنى قىلىشقان بولساڭمۇ ، نېمىشقىكىن بۇرۇن ئۇ نىجىسنى  بىرگە چەككەن تونۇشلىرىمىزنى كۆرسەك ياكى « خېروئىن » سېتىۋالغان كوچىدىن ئۆتسەك ، ياكى يانچۇقىمىزدا  يۈز يۇەنلىك  پۇلدىن بىرسى بولسا قىلىشقان قەسەملەرنى ئۇنتۇپ يەنە چەكتۇق   ، كېيىنچە  ھەر ئۈچىمىز بىر بىرىمىزنىڭ  تاشلىمىغانلىقىمىزنى  بىلگەچكە نەچچە قېتىم بىرسىمىز تاپساق ئىككىمىز شېرىك بولۇپ چېكىشتۇق ، ئارىلىقتا ئاكام ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن  يۇقۇملىنىپ بىر مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا   يەنە چەكتى . ئولتۇرغان ئۆيىنىمۇ سېتىۋېتىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ  كەتتى  . ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ  بىزلەر قەرز ئالغان ئادەملەر دادامنى  ئىزدەپ ،  ئۇ بىچارە قەرزلەرنى قايتۇرالماي ئولتۇرغان ئۆيىمىز ۋە  ئاشخانىنى سېتىۋېتىپ ،   قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بىزلەرنى ئېلىپ يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدى .  
يۇرتقا  كېلىپ ھەپتە ئۆتمەي ،  ئۆيدىكىلەر سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە  ئاكام   ئۆيدىكى  قىممەت باھالىق بىساتلاردىن ئاز تولا سېتىپ   ئۆيدىن چېقىپ كەتتى ، كېيىن ئاڭلىساق ئىچكىرىگە  چىقىپ كېتىپتۇ .  كېيىنچە  مەنمۇ ، ئۇكاممۇ بىر بىرىمىز بىلەن بەسلەشكەندەك  ئاتا - ئانىمزدىن يوشۇرۇنچە ئۆيدىكى سەرەمجان ، ئانامنىڭ  ئانىسىدىن مىراس قالغان ، تويلىقىغا ئالغان  ئالتۇن ھالقا ، بىلەيزىكلىرىدىن تارتىپ ھەممىسىنى سېتىپ ئىسقا تېگىشىپ بولدۇق  ، بىر ئايدىن كېيىن ئۇكاممۇ   بىر تۇققىنىمزدىن دادام  بەرسۇن  دېدى دەپ بەش مىڭ يۈن  پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى   . ھەر قانچە ئەسكى بولساقمۇ  ئاتا - ئانا دېگەن پەرزەنتلىرىگە چېدىمايدىكەن ، ئىككى پەرەنتىدىن ئايرىلغان بىچارە ئانام  تولا يىغلاپ كېسەلچان بولۇپ قالدى ، دادام    دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،  - مەن  ئادەم بالىسى ئەمەس ئۈچ ھايۋاننى  بېقىپتىمەن ، بۇ ھايۋانلار بىر ئۆمۈر جاپادا تاپقان پۇللىرىمنى ئىسقا تېگىشىپ مىنى سويغان پىيازدەك  قىلىپ قويۇشتى  ، ئويلىسام  بۇ ھايۋانلارنىڭ  « خېروئىن » چېكىشى ئۈچۈن پۇل تېتىپ بېرىپ  ، نۇرغۇن  گۇناھنى گەدىنىمگە ئارتىۋاپتىمەن ،  يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، ئەمدى پۇل تاپىدىغان ئىشنى قىلماي گۇناھىمغا توۋا قىلىدىغان ئىشنى قىلاي  دەپ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىنى قىلىپ ، ئائىلە كومىتېتىدىن بەرگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۈرمۇش كەچۈرىدىغان بولىۋالدى . بىر كۈنى  چېكەرمەن دوستۇمدىن بىرنى تېپىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ     خۇماردىن چىقىۋېلىشنى ئويلاپ  كوچىدا كېتىۋېتىپ بىردىنلا، « خېروئىن » نى ئۆكۈل قىلىپ تومۇرىغا ئۇرۇۋېتىپ كۆز ئالدىمدىلا ئۆلگەن ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن چېكەرمەن كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ  بەدەنلىرىمنى قورقۇنۇچلۇق تېرەك بېسىپ  ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى ،  ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بىر چاغدا   قارىسام  ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ، ئۆز - ئۆزۈمگە توختا ، مەن مۇشۇ نىجىسنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىدىن بىر قۇتۇلاي دېدىمدە ئىككىلەنمەيلا مۇناسىۋەتلىك ساقچىلارنى ئىزدەپ ، « مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى » غا ئاپىرىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلدىم ،ئۇلارمۇ تەلىپىگە قوشۇلۇپ ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن « مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى » غا ئەكىلىپ قويدى . نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم  ،مەن  « مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى » غا كېلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن يېڭىدىن كەلگەنلەر قاتارىغا سەپ سالسام  بىر - تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاكاممۇ  لاغىلداپ تىترىگىنىمچە شۇ  قاتاردا تۇرۇپتۇ .   ئانام يوقلاپ چىققاندا ئاڭلىسام ئۇكاممۇ ئۈرۈمچىدىكى « مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى » دا ئىكەن . دادام بىچارە  ئۆيدە بىزنىڭ گېپىمىز چىقسىلا  ، مەن ئوغۇللىرىمنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن ، ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ  ئۆزەمدە ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ سۈپەتلىك تەربىيىلىمىگەنلىكىمدە  ، ئۇلار ۋاقتى توشۇپ چىقسا يەنە چېكىپ قالامدىكىن دەپ  بەك ئەنسىرەيمەن  دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ  كېتىدىكەن .  مانا بۇ بىز ئەقىلسىز ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ 30 يىلغا يەتمىگەن ھايات مۇساپىمىزدا باسقان تۇيۇق  يوللىرىمىز . ئەمدىلىكتە  ئويلانسام بىز ئۈچ ئاكا -ئۇكا بۇ دۇنياغا مېھرىبان ئانىمىزنىڭ باغرىنى  يېرىپ چىققان ئىنسان بولساقمۇ ، ئىنسان  ماڭىدىغان يوللاردا ماڭماپتۇق .  « خېروئىن » چېكىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن  ھايات  مۇساپەمنى ئەسلەپ ، ئۆز - ئۆزۈمگە  : دادام بىچارىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى ، ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆيلىرى  ، بۇرۇنقى باياشات خاتىرجەم   تۇرمۇشىمىز ، ئاتا ئانىمىزنىڭ بىزلەردىن كۈتكەن ئۇمۇتلىرى زادى نەدە قالدى   ؟  بىز ئۈچ ئاكا ، ئۇكىمۇ   ئانىسى   شۈمەك  سالغان  ئوغۇل بالا بولدۇقمۇ ؟ بىز شۇ نىجىسنى چېكىشتىن زادى  نېمە پايدىغا ئېرىشتۇق ؟   بىز ئۈچ ھايۋان بىزلەرنى نۇرغۇن  ئارزۇ ئۇمۇتلەر بىلەن ئارزۇلاپ قاتارغا قوشقان ئاشۇ جاپاكەش ئاتا - ئانىمىزغا زادى نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەردۇق ؟ ئاددىيسى بالا بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئۇلارغا ئۆز ئەجرىمىزدىن بىر تال ئالما چاغلىق نەرسىنى ئەكىرىپ بېرەلىدۇقمۇ ؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىمەن . پۈتۈن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ،ئەي  ئاق سۇت ئەمگەن بەندىلەر ئىنسان بالىسى بولساڭلا بىز ماڭغان يوللاردا ماڭماڭلار ، قاراپ تۇرۇپ    ئۆز - ئۆزۈڭلارنى نابۇت قىلماڭلار ! دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىدۇ .
      مەنبە:http://bbs.makanim.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=26114


كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

دصهقان شاظصر ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40827
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4406
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 1549 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 08:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى-ئاللاھ ئازغان بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن، ئاتا-ئانىلار نىڭ باغرى-قان بولمىسۇن، ئامىن
ياخشى تېما ئىكەن،ئوبدان يوللاپسىز،

رازىگۈل سالى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1316 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 09:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر ئوقوغاندەكلا مىسرانىمدا.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:59:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى بۇ تېمىنى،يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ھەسراتىلك تىندىم...


اللاھ بەندىلىرىنى بۇ نىجىسقا يېقىن يولاپ  قېلىشقا نېسىپ قىلمىسۇن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئازغۇنلۇق.......

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 07:19:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››  ژۇرنىلىدىمۇ ئوقۇغانتىم،بەكلا تەسىرلىك،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،ھەم ھەممىمىزگە تەۋپىق،ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32150
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 11:28:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بىر بالا،ئاللاھ ئىنساۋى بىلەن بەرسە ئۇ بىر بالا، بولمىسا ئۇ بىر قارا بالا،بالايى ئاپەت.

   ئۆزومنى تۇتىۋالاي، بالىلارنىڭ ئنساۋىنى ئاللاھ تىن تىلەيمەن،ئامىن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89280
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 12:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھتىن پۇتكۈل مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ يولدىن قايتىشىنى تىلەيلى !!

بۇ ھايات ساڭا سەن              ئەگەر ئۆزۈڭ كۈتكەننى
كۈتكەننى ئەمەس بەلكى         ئۆزۈڭ ئزدەپ تاپمىساڭ
سەن كۈتمىگەننى                   ھاياتنىڭ ئەكىلىپ
ئەكىلىپ بىردۇ .                        بەرگىنىگە  كۆنىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 12:22:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىنساۋىنى بېرىپ،بىزنى ھەرخىل ئازغۇنلۇقلاردىن ساقلىغاي،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 05:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   نىمە دىگەن بىلەن ئۆز ئىشىنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلغانغا نىمە يىتىدۇ ....

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش