ئادەتتىكى ئەزا
«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»گە سوۋغات
دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئىناقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت كومىتېتى 1999-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل تىللىق مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاۋاز قوشماقتا. ب د ت نىڭ بۇنداق بىر كۈننى بېكىتىشىدىكى ئاخىرقى نىشانى: چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ ئاساسىدا كىشىلەرنىڭ تىل ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتۇر. كەڭ خەلقىمىزنى ئېلىم مەرىپەتكە باشلاپ، تۈرلۈك قىممەتلىك كىتابلار ۋە بىلىم مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا كىتاپخۇمار زىيالىلار توپلاشقان،غۇلجا شەھرىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدىن بولغان ئېلى بەيتۈللا مەدرىسى ئەتراپىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى بىناسى1- قەۋىتىگە جايلاشقان «ئەلچۈن»كىتابخانىسى 14- قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىپبە ئوقۇشلۇقىنى ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى. كۆپچىلىكنىڭ خەۋەردار بولىشىنى ۋە ئۆز ـ ئارا خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پائالىيەت ئورنى : غۇلجا «ئەلچۈن» كىتابخانىسى غۇلجا شەھرى ئىسلام جەمئىيىتى بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى( 10- ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۇدۇلى.) ئەلچۈن كىتابخانىسى كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇ كۈننى ئۆز ئائىلىسىدە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 1. ئانا تىلىدىكى كىتابلارنى سېتىۋىلىپ پەرزەتلىرىگە ۋە دوستلارغا سوغا قىلىش. 2. ئانا تىل مەدھىيىلەنگەن شېئىر ، نەسىر ۋە ئەسەرلەرنى پەرزەنتلىرىگە ئوقۇپ بېرىش. 3. ئانا تىلدا ئۆز ئارا سالام يوللاش. 4. ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئالىم ۋە داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەش ئۆز - ئارا يەتكۈزۈش. 5. ئىلىم بەرگەن ئۇستازلارنى يوقلاش. پائالىيەت ۋاقتى: 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە.
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 178 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!
مەستانە ئـــەزا
YAZR يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 05:36 PM 21-چىسلا دوس يارەنلەر ئۆز ئارا تېلفۇن ياكى كومپىيوتىرد ...
دائىملىق ئــەزا
alwasti1 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 05:47 PM كۈندە شۇنداق قىلايلى.
YAZR يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 05:51 PM سىز بىزغۇ كۈندە شۇنداق قىلامىز ، يۇقارقىلارنى ئۇمۇمى ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ