« پەرزەنتىڭىزدە بولۇشقا تىگىشلىك ئۈچ خىسلەت » ناملىق لىكسىيە ۋە لىكسىيەدىن كىيىنكى بىر قانچە مۇنازىرە گۈلەن
ئۆزگىچە مىتودى ۋە تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن جامائەت ئارىسىدا تونۇلغان مۇئەللىم مۇستەقىل تەتقىقاتچى، يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ( گۈلەن ) بۈگۈن قەشقەر شەھىرى پەن –تىخنىكا سارىيىدا « پەرزەنتىڭىزدە بولۇشقا تىگىشلىك ئۈچ خىسلەت » دىگەن تىمىدا 40 مىنۇتلۇق لىكسىيە سۆزلىدى، لىكسىيەگە 400 چە كىشى قاتناشتى، لىكسىيە ناھايىتى جانلىق، قايىل قىلارلىق سۆزلەنگەن بولۇپ، لىكسىيەدىن كىيىنكى مۇنازىرىمۇ شۇنداق قىزغىن ئىلىپ بىرىلدى.
لىكسىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :
« خىرادارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە ئەتىۋار » دىگەن گەپ بار، مەن 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى لىكسىيەرىمنى باشلىغان، بۈگۈنكىسى 8- قىتىملىقى، 2-3-4- قىتىملىقلاردا قاتنىشىدىغان ئادەملەر بارا-بارا ئازلاپ كەتكەن، بۈگۈن ئەلھەمدۇلىللا خىلى كۆپ كىشىلەر قاتنىشىپتۇ.
پەرزەنتىمىزدە بولۇشقا تىگىشلىك ئۈچ خسلەت
1. مەسئۇلىيەتچانلىق
مەسئۇلىيەت ئۇيغۇرچە ‹مەسئۇل› دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق مەسئۇل بولۇشتىن كىلىدۇ. بىر ئادەم بىر ئىشقا مەن مەسئۇل دەپ قارىسا، چوقۇم شۇ ئىشقا نىسپەتەن مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. مىنىڭ قىشىمغا كەلگەن كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار: «بالام بىز تاپشۇرقۇڭنى ئىشلە دىمىگىچە تاپشۇرۇقىنى ئىشلىمەيدۇ، ئەتىگىنى مەن ئويغاتمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايدۇ، بالام نىمىشقا ئۆزلىكىدىن بىر ئىش قىلمايدۇ؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەملىكىدىن بولغان. سىز بالىغا كۈندە تاپشۇرۇق ئىشلە دەپ بۇيرۇق قىلسىڭىز، ئۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى بۇيرۇش دادامنىڭ ئىشى دەپ سىز دىمىگىچە قىلمايدىغان ھالەتتە كىلىدۇ،ئەگەر بالا دادام دىمىسىمۇ بۇ مىنىڭ ئىشىم دەپ قارىسا تەبىئى ھالدا شۇ بالىدا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. يەنى بىز بالىلارغا بۇيرۇق بەرسەك، بۇ مىنىڭ ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيتىم دەپ قارايدۇ،ئەگەر بالىلار مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە يۈكلىسە بۇ مىنىڭ مەسئۇل بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم دەپ مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدۇ. مەسلەن:سىز بالىڭىزغا «بۇ ئۆينى تازلىۋەت » دىگەندىن، «سەن بۈگۈن ئۆينىڭ تازلىقىغا مەسئۇل» دىسىڭىز، ئۆينى چىرايلىق تازلايدۇ،تازلاپ بولۇپ ئۆزىمۇ مەينەت قىلمايدۇ ،سىزنىمۇ مەينەت قىلغۇزمايدۇ.
2. ئۆزىنى كونتىرول قىلىش.
ئۆزىنى تىزگىنلەش، كونتىرول قىلىش ئادەتنىڭ مەسھۇلى.مائارىپ – ئادەت يىتىلدۈرۈش جەريانى. بىر كىشىنىڭ ئادەت شەكىللەندۈرشى ئۈچۈن 15-20 كۈن كىتىدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرۈشتىن ئاۋۋال ئۆزىدە بىر ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرشى كىرەك. بالىمىز ئۆزىنى كونتىرول قىلسۇن دەيدىكەنمىز،ئاۋۋال ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىشىمىز كىرەك. بالا تەربىيلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈلگە ئارقىلىق تەربىيلەش.
ئامرىكىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئادەم نامراتكەن: (1) تاماكا ئىچىدىغان، ھاراق ئىچىدىغانلار.( بۇلار ئۆز-ئۆزىنى خاراپ قىلىدىغانلاردۇر ). (2) خالىغان چاغدا خالىغان ئىشنى قىلىدىغان ئادەم (ۋاقىت كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم). (3) بىر ياخشى ئادەت يوق ئادەم.
3. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ.
ئامرىكا پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى سىناق نەتىجىسىدىن شۇنى بايقىدىكى بىر ئادەم ھىچقانداق رىغبەتلەندۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 101 قاداق نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىكەن؛ سەن ناچار ، بولۇمسىز دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىسەك ئاران 24 قاداق نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىكەن؛ سەن ياخشى، ئەڭ ياراملىق دەپ ماختىساق 141 قاداق نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىكەن . بۇنىڭدىن ئىشەنچنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
ئىشەنچ ھوقۇقتىن كىلىدۇ.بىز بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كىرەك.سەن مۇنداق –مۇنداق ئىشلارنى قىل دىمەي ، مۇنداق- مۇنداق ئىشلارغا مەسئۇل دەپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرشىمىز، ئىشەنچىنى ئاشۇرشىمىز كىرەك. بالىلار ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپتە باراۋەرلىك ھىس قىلسا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ.بەزى بالىلار نىمە ئۈچۈن زىيادە تارتىنچاق؟ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنىمۇ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدۇ؟ ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى كەمچىل، كۆپىنچە بالىلار ئوتتۇرغا چىقىپ پىكىر قىلىشنى خالىمايدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بالىلار كۆرگەن پروگراممىدىكى رىياسەتچىلەر چىرايلىق، ئادەتتە بىزمۇ سەترەك بىرسى پروگراممىغا چىقىپ قالسا «ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان بىرسىنى ئالغىچە چىرايلىقراق ئۇيغۇرنى سەھنىگە چىقارسا بولمامدۇ؟» دەيمىز، ئەسلى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان ئۇنىڭ چىرايى ئەمەس، ئۇنىڭ قەلبى.بۇلاردىن بالىلار سەھنىگە چىقىش ئۈچۈن چىرايلىق بولۇش كىرەك دەپ ئويلىۋىلىپ، سەھنىگە چىقىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.ئەسلىدە ئىقتىدارلىق ئادەمنىڭ ھەممىسى سەھنىگە چىقالايدۇ، بىز بالىلىرىمىزنى ئاللانىڭ ھەر بىر ئىنساننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقىنىغا ئىشەندۈرشىمىز ،ئاندىن ئىشەنچ ئىنساننىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى،ئىشەنچنىڭ قەلبتىن كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرشىمىز كىرەك.
لىكسىيەدىن كىيىنكى سۇئال-جاۋابلار
1.بالىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
بىز بالىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىگە بەكرەك ئىتىبار بەرگەچكە شۇنداق كۆرىنىدۇ، بىزنىڭ كۆزىمىزگە نىمە كۆرىنىۋالسا، شۇ مەسلە ھىسابلىنىدۇ.مەسلە راست مەۋجۇت،لىكىن بىز بەك ئىغىر ئويلىۋالدۇق.ئەگەر بۇ مەسلە پەقەت بىر بالىنىڭلا مەسلىسى بولسا بىز چوقۇم ھەل قىلاتتۇق،لىكىن ئۇ نەتىجە بالىلارنىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ تۆۋەن، قەشقەرنىڭ تۆۋەن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تۆۋەن،بىز سىنىڭ نەتىجەڭ تۆۋەن دەپ بەك كۆزىگە كىرىۋالماسلىقىمىز كىرەك… ئۇلاردا ئىنسانلىق بۇرچىنى يىتىلدۇرۇش ئەڭ مۇھىم.
2،بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەن ھۆكۈمەتتىن مۇئاشىمنى ئالسام بولدى دەپ بالىلارنى تەربىيلەشكە سەل قاراۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كىرەك؟
شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىش كىرەك.كىم رىزقىمنى كىمدىن ئالدىم دەپ ئويلىسا شۇنىڭغا مەسئۇل دەپ ئويلايدۇ.جۇڭگو مەمۇرلىرىنىڭ ئەسلى ئىلىۋاتقان مۇئاشى باجدىن كەلگەن، ئۇ ئوقۇتقۇچى مەن مۇئاشىمنى ئولتۇرۋاتقان قارا كۆزلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى تاپشۇرغان باجدىن ئالدىم دەپ ئويلىسا، ئازراق بولسىمۇ مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بولىدۇ؛ ئەگەر ھۆكۈمەت مۇئاشىمنى بىرىدۇ دەپ ئويلىسا، ھۆكۈمەتكە سادىق بولىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت يوغان، بىر مەۋھۇم ئۇقۇم … بىز يەنە بالىلىرىمىزنىڭ مەكتەپلىرىگە بىرىپ پات-پات دەرس ئاڭلاپ تۇرىشىمىز كىرەك، بىر سىنىپتىكى بىر قانچە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دىيشىۋىلىپ پات-پات دەرس ئاڭلاپ تۇرساق، ئوقۇتقۇچى دەرسكە تىخىمۇ ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىدىغان، بالىلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىدۇ.
3.مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟
بۇ سۇئالنى ئەسلى مۇشۇ قوش تىل مائارىپىنى كۆتۈرۈپ چىققان كىشى جاۋاب بىرىشى كىرەك.بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى تىل 13 ياشتا شەكىللىنىدۇ، ئانا تىل شەكىللىنىپ بولمىغان ۋاقىتتا بالىلارغا يەنە بىر تىلنى تىڭىش ئۇلارنى كىكەچ قىلىپ قويىدۇ. مائارىپنىڭ مەقسىتى: بالىلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش… بىز يوغان بىر پويىزغا چىقىۋالغان ئىنسانلار، پويىزنىڭ رولى بىزدە ئەمەس، بىز پويىزنى ھەيدىيەلمەيمىز، لىكىن پويىزدىكى ئورنىمىزنى يۆتكىيەلەيمىز، بىز ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىر جامائەت بولۇپ بالىلىرىمىزنى شۇ جامائەت ئىچىدە تەربىيلىسەك بولىدۇ، قاقشاش بىلەن ئىش ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ھەممە نەرسە بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق.
4.ھازىر بالىلار تورغا بەك قىزىقىپ كىتىۋاتىدۇ،بۇنى قانداق تىزگىنلەش كىرەك؟
تورنىڭ يۈزلىنىشى دۇنياۋى يۈزلىنىش، بىز دۇنياۋى يۈزلىنىشكە كەينىمىزنى قىلىۋالساق قالاقلىق بولىدۇ، مەسلە ئۇنى ئىشلەتكۈچىدە،يىڭى تىخنىكىدىن قورقمايلى، بىز بالىلىرىمىزغا ۋاقىت بەلگىلەپ بەرسەك بولىدۇ، ئۆزىمىز ئاۋۋال شۇ تورنى چۈشىنىپ، بالىلار ئىھتىياجلىق تور بەتلەرنى ئاچقىلى بولىدىغان، قالغانلىرى ئىچىلمايدىغان قىلىپ قويساقمۇ ياخشى. لىكىن بالىلارنى ئۆيدە تورغا چىقىشتىن چەكلىمەيلى، ئۇنداق بولۇپ قالسا بالىلار تورخانىغا ئۆگىنىپ قالىدۇ،سىز بالىڭىزنىڭ ئۇ يەرلەردە نىمە كۆرۈپ، نىمە قىلىۋاتقىنىنى تىخىمۇ بىلەلمەيسىز.
5.بىر سىتۇدىت ئاتا-ئانىلاردىن كۈتكەن تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ
بىز ئۆيدىن ئايرىلىپ ياققا- يۇرتلاردا بىلىم ئاشۇرۋاتىمىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن كۆيىنىشىگە تىخىمۇ مۇھتاج، ئاتا-ئانىلار تىلىفۇندا بىز بىلەن ئەھۋاللاشقاندا بىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقىمىزنى سورىۋەتكەندىن كىيىنلا ئۆگىنىش نەتىجىمىزنى سورايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بىزدىن يىقىندا قانداق مەسىللەرگە يولۇققانلىقىمىزنى، ئۇنى قانداق بىرتەرەپ قىلغانلىقىمىزنى؛ بىز تۇرىۋاتقان شەھەرنىڭ يىقىنقى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، سودا ئىشلىرى قانداق دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ تۇرىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن. بىزگە ئۆتىدىغان دەرسلىكنىڭ ھەممىسى بىزنى قىزىقتۇرالىشى ناتايىن، شۇڭا بەزىسىدىن تۆۋەن نۇمۇر ئىلىپ قىلىشىمىز ئىنىق، ئەگەر ئاتا-ئانىلار نەتىجىلىرىمىزگە بەك قىزىقسا مەكتەپنىڭ تور بەتلىرىگە چىقىرۋىتىدۇ،بىزدىن ئوقۇش نۇمۇرىمىزنى سورىۋىلىپ ئۆزى قارىۋالسىمۇ بولىدۇ. خىزمەتنىڭ ھەممىسى مەمۇرلۇق ئەمەس، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرى دۆلەت ئىمتىھانى بەرمىسە ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە بالام خىزمەت تاپالمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەسلىدە ئىقتىدار بار يەردە خىزمەت بار، سىلەر بەك تار دائىرىدە ئويلىۋالماڭلار …
6. سىز بىزدەك ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتۇدىنت قىزلاردىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟ (غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىنى پۈتتۈرگەن قىز سورايدۇ)
مەن سىلەردىن شۇنداق چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن، چۈنكى ئۈمىدنىڭ ھەممىسى سىلىدە. ھازىر ئۆزىڭىز بىر ئۈمىد، مەن شۇ ئۈمىدنى داۋملاشتۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ ياخشى كۆڭۈللۈك، ئەخلاقلىق بولۇشىڭلار ياخشى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىدارلىق بولۇشىڭلار كىرەك، ئۆيدە ئولتۇرغان ئەخلاق ئەخلاق ئەمەس، جامائەتنىڭ ئالدىغا قورقماي چىقالايدىغان ئەخلاق ھەقىقى ئەخلاقتۇر.
تۆۋەنىدىكى يازمىچە يازما بىلدۈردە تورىدىن ئېلنىدى شۇنداق ياخشى ئىكەن مەزمۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-15 02:33 PM