مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 843|ئىنكاس: 11

قاناتلىق ئادەم (ئۇلۇغزات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90676
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 11:53:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                قاناتلىق ئادەم

       دۇنيادا ھېچكىم ئۇنى كۆرمىگەن، ھېچ كىشى ئۇنى يۈزمۇيۈز كۆرۈپ باققىنى يوق. ئۇنىڭدەك بېجىرىم سۆزلىيەلەيدىغان، تەمتىرىمەي ماڭالايدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ھەم روشەن كۆرەلەيدىغان بىر روھنىڭ يۇلتۇزلار يۇرتىدىكى ئۇپۇق سىزىقىدا يالت-يۇلت قىلىپ نۇرانە تەبەسسۇم قىلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت توپىنى ئورنىدىن تەۋرىتىپ قويدى. ئۇلار سامان يولى سېستىمىسىدا خۇدانىڭ يېڭى بىر <<پەيغەمبىرى>>نى كۆرگەندەك ئەرىشكە ئوتلۇق كۆزلىرىنى تىكىپ، چاڭقىغان تەشنا يۈرەكلىرىگە ئاراملىق ئىزدىمەكتە ئىدى، ئۇلار ئاستا-ئاستا تارقاپ يېڭى بىر تاڭ، يېڭى بىر شەپەق، يېڭى بىر باھار تەكشىلىكىدە ئۆز سىماسىنى ئاپىرىدە قىلدى.
        قىقاس-چۇقان پەلەك شاھنى سۈت ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلدى. كۆك ئاسمان بىر ئاۋانگارت <<شاھ>>قا ئۆز ئوردىسىدىن ئالتۇن تەخت بىنا قىلدى. ئۇ جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىغا تارتىلغان پولات يىپنىڭ ئۈستىدىكى ئىنچىكە جاي ئىدى. ئۇ بۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل بىر دوئېل سەھنىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ جەڭگە ئاتلاندى، بۇ جەڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. غەلبە قۇشى ئۇنىڭ بادام دوپپىسى ئۈستىگە قونۇپ ئوچۇق پېشانىسىنى سۆيگەن چاغدا، ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
       بۇ ياش مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ يۈرۈكىگە ئۇچۇپ بېرىپ قونغانىدى.
- يارايسەن، يارايسەن.
- ئاپىرىن ساڭا قاناتلىق ئادەم.
- مەن سېنى سۆيىمەن ئوغلۇم...
      ئۇ ئەتراپنى ھاۋادەك ئورىغان تەشەككۈر ساداسى ئىچىدە، تولىمۇ يىراقتىكى قۇم بارخانلىرى ئاستىدا جىمجىت ياتقان مۇقەددەس تاش مۇنارلىرىنى چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە ئويلىدى.
      كەچ كىردى. قۇياشنىڭ ئۆلۈمى يېقىنلاپ بارماقتا ئىدى. دەرياغا بېرىپ سۇ ئەكىرىۋېلىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتىم ئىدى؛ بىراق مەن دەرياغا يېتىپ  بولغۇچە قۇياش ئۆلۈپ بولدى. مەن زۇلمەت بورىنىغا دۇچ كەلدىم. بۇ رەھىمسىز قارا كۈچ مېنى بۇرۇنقى زاماننىڭ خارابلاشقان خارابىلىرىگە باشلاپ كىردى. مەن ئۇ يەردە قەدىمىي ئەقىدىلەرنى ئۇچىراتتىم. بۇ تارىخنىڭ تۆھپىسى ئىدى. مەن بىر خىل غەلىتە، ئادەم پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئاۋازنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، ئادەم سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن بىر ئالەمگە يېتىپ باردىم.  ئۇ يەردە مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى بىر تاش ئويمىچىنىڭ قىيا تاغ باغرىغا بىر قاناتلىق ئادەمنىڭ بىر سۇمرۇغ ئانىسى بىلەن بەسلىشىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاجايىپ كۈچ-قۇۋۋەت مۇجەسسەملەشكەن ئويما رەسىمى ئىدى. مەن ئۇ ئەقىدىنى قۇچاقلاپ سۆيدۈم. قەدىمىي جەمىئىيەتنىڭ بۇ ئەزىز ئابىدىسىدىن مۇكەممەل بىر پاكىتنى، ئېسىل بىر تارىخنى بىلىۋالدىم. ئۇ مېنىڭ پەخرىم ئىدى. مەن ئاشۇ جەڭگىۋار مومىيانىڭ ئېسىل نەسلى بولغانلىقىمدىن چەكسىز سۆيۈندۈم. بۇ سۆيۈنۈشۈم ئازاپ تىكەنلىرى گۈل ئاچقان، ئەمما ئۇلۇغۋار مۇھەببەت تاڭدەك نۇر تۆككەن بىر قەلىبنىڭ ئەڭ تېرەن قاتلىمىدىكى لىرىك كۈي ئىدى.
     قۇياش تەڭرىنىڭ يۈكسەك قۇم بارخانلىرى ئارقىسىدىن يەنە قايتا تۇغۇلدى. ئۆلۈم بىلەن تۇغۇلۇش ئەسلىدىنلا يېڭىلىق ئەمەس، مەن قۇياشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدىم. مەن ئاخىرەتنىڭ تولغاق ئانىسىنى چەكسىز كەتكەن قۇم دانىچىلىرىدەك يەنە قايتا ئۇچراتمىدىم. كۆرگىنىم مېھىرلىك، ماڭا ئۆز ئەقىدىسىنى ۋە تارىخىنى سىزىپ بەرگەن ھېلىقى تاش ئويمىچى ۋە قاناتلىق ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى ناخشا، قەدىمىي كۈي تولىمۇ ئۇزاقتىكى ئىز. بىز سۇدىن ئۆز ئەكسىمىزنى كۆرەلەيمىز.
     ئاي تولۇن بولدى. دەريا دەھشەتلىك بىر سىلكىنىۋىدى بېلىقلار ساھىلغا چاچراپ چىقتى. يەرشارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا مەغرۇر ئايلىنىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. تاغلار دەھشەتلىك ۋولقانلاشقا باشلىدى. يەر يېرىلىپ يەنە ئۆز ئەسلىگە قايىتتى... ئاخىرقى مىنۇت، ھاياتنىڭ چېكى، ئەۋلىيالار ئۆلۈمى، بۈگۈن ۋە ئەتە، سارغايغان ياپراق، پىشقان مېۋە... ھەممىسى مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە مەۋجۇت ھەقىقەتلەر. بۇنىڭ تۇغۇمى ۋە قىيامىتى مەۋجۇت...
     ئۇ سەھەر پەيتىدە، سۈبھى سوزۇلۇپ ئۇپۇققا گىرىمسەن شولىلار قايناق نۇر تاشقىنىغا چۆمگەندە، بۇ گۈزەل ھەم بىمەنە ھاياتلىق توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ئانا ئۇنىڭغا ئوغۇز سۈتى بېرىۋىدى، خانتەڭرى ئۈستىدە گىگانت ئولتۇرغان ئوغۇزخان ئۇ كىچىككىنە، بۇدرۇق ئەۋلادتىن سۆيۈندى. ئۇنىڭ دۇئاسى، تارىمنىڭ ئەركەك سۇلىرى ئىچىدە ئېقىپ، ئۇ كىچىككىنە ھاياتلىقنىڭ قېنىغا سىڭدى. بۇ روھ ئۇنى قەيسەر، باتۇر، قورقماس، مۇستەققىل بىر <<ئەۋلىيا>> قىلىپ قاتارغا قوشتى.
     بۆشۈكنىڭ ئاستا تەۋرىنىشى، ئۇنىڭغا سەۋر ۋە مۇكەممەل ئېتىقادنى پەيدا قىلدى. ئۇ پىنھاندىكى تۆشۈكتىن قىقاس-چۇقانلىق ئىنسانلار ئالىمىگە قاراپ خىلمۇخىل ئەقىلگە مۇيەسسەر بولدى. ئۇ بۆشۈكتىن يەرگە يىقىلىپ كەتتى. ئانا ئۇنى تۇنجى رەت يۆلەپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئاستا شىۋىرلىدى:
   <<ئوغلۇم، مەن ئەمدى سېنى قايتا يۆلىمەيمەن، سېنىڭ بارلىق ھاياتىڭ، بۈگۈنۈڭ ۋە ئەتەڭ ئۆز قولۇڭدا بولىدۇ. سېنىڭ تەقدىرىڭنى ھەرگىز باشقا بىر كۈچ بەلگىلەپ بەرمەيدۇ. بۇ دۇنيادا قانداق ياشاش، نېمە قىلىش پەقەت ئۆزۈڭگىلا باغلىق، پارلاق يول، ئۇلۇغ ئىستىقبال، بەخت قەسىرى، ساپ ھاۋا، يېشىل ئاسمان پەقەت سېنىڭ ئەقىدەڭنىڭ بەدىلى.>>
     


                                                              ئالىپ تېكىن ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.
                                
                                                                                      << ز.زۇلمەت  >>تەرجىمىىسى.

                                                                                                                                  14-فېۋرال.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UluhZat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-14 11:54 PM  


ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئۈستىدىن قاقشىماسلىق،ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تەقدىرگە باھانە تاپماسلىق كېرەك . سەن ئۆتمۈشىڭگە جاۋابكار،بۈگۈنىڭگە غوجىدار،كەلگۈسىڭگە سەۋەبكارسەن!
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90676
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 12:08:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توردىكى قېرىنداشلارغا  ‹‹ئۇلۇغزات›› دىن بىر پارچە ئەسەر كەتتى مانا....
ئەسەرنىڭ تەستىقلىنىشىنى ۋە ئەسىرىمنى ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۇد قىلىمەن...

ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئۈستىدىن قاقشىماسلىق،ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تەقدىرگە باھانە تاپماسلىق كېرەك . سەن ئۆتمۈشىڭگە جاۋابكار،بۈگۈنىڭگە غوجىدار،كەلگۈسىڭگە سەۋەبكارسەن!
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90676
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 01:15:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار بەك ئالدىراشمۇ ھە...؟  
بۇ ئەسىرىمنىغۇ ياخشى چىقتى،ئەجەپ تەستىقلمىدى دەپقۇ چالۋاقاپ يۇرمەيمەن،ئەمما كىشىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىغا ھۆرمەت قىلىپ قويۇشىڭلارنى مۇراجەت قىلىمەن.....

ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئۈستىدىن قاقشىماسلىق،ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تەقدىرگە باھانە تاپماسلىق كېرەك . سەن ئۆتمۈشىڭگە جاۋابكار،بۈگۈنىڭگە غوجىدار،كەلگۈسىڭگە سەۋەبكارسەن!
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43825
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2979
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 09:35:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۇلۇغزات» ئەپەندى ، ئەزا ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . «ئۇلۇغ»لۇق پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئۇنىڭدىن غەيرى زات «ئۇلۇغ»ياكى «مۇقەددەس» بولالمايدۇ .
   بۇ ئىسىم بىلەن ئۆزىڭىزگە گۇناھ يۇكلىۋىلىشىڭىزنىڭ ھىچبىر زۆرۇرىيىتى يوق .ئۇنىڭسىزمۇ نۇرغۇن سالىھ ھەم مەنالىق ئىسىملار كۆپ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bambukjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-15 09:36 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sebr@ + 10 قوللايمەن........

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 09:43:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستىدىكى تۇرداش توغرا ئىيتىدۇ .كۆڭلىڭېزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي ئەزا ئىسمىڭىز كۈفرانە سۆز بوپ قاپتۇ،بىز ئىنسانلار نەدىمۇ «ئۇلۇغزات» بولالايمىز ؟! بۇ ئىنىقلا ئاللانىڭ ئىسىم سۇپەتىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ .شۇڭا ئەزا ئىسمىڭىزنى تىزدىن ئۆزگەرتىۋىتىشىڭىز كىرەك دەپ ئويلايمەن .ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاغىلا خاس.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:06:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ بىرىنجى بولۇپ كاللامغا كەلگىنى  توردىكى ئىسمىڭىز ، ماۋۇ كاللىمىزنى جايىدا ئىشلىتەيلى ، ئاشۇ ئىسىمنى يازغۇچە  ئاللاھنى ياد ئەتمىدىڭىزما ؟ قاندامۇ قوقماي ئاشۇ ئىسىمنى يازدىڭىزكىن تاڭ ؟
ئەڭ ياخشىسى توردىكى  ئىسمىڭىزنى ئاستا ئۆزگەرتىپ بۇ تېمىڭىزنى قايتا بىر قېتىم يوللاڭ ، ئاندىن مەن بۇ تېمىڭىزنى كۆرەي  ،

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:46:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا تورداشلا ئىسىمنى مۇلاھىزە قىلماي ئەسەرنى مۇلاھىزە قىلىڭلار!بىرنىمە دىسەم كاپىرغا چىقىرۋاتىسلەر ھە قاچان!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:01:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kukhelal يوللىغان ۋاقتى  2013-2-15 10:46 AM
يائاللا تورداشلا ئىسىمنى مۇلاھىزە قىلماي ئەسەرنى مۇلا ...

  ئاۋال ئەسەر ئۇقۇماي ئىسىم ئۇقۇيدىغان باللا ئۇلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaliptax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-15 11:02 AM  


ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4125
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30735
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 9000 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:07:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېئاللىقتىن چەتنىگەن،گۇناھلىق خىياللارغا پاتقان چۈشىنىشسىزلىك بىلەن ئاسىي روھ گىرەلەشكەن ئەسەر.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6358
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:08:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن كۆز قارىشىمنى ئاندىن يازاي لېكىن تىما ئىگىسىنىڭ تور ئىسمىنى ئالماشتۇرىۋىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاھقا  خاس.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش