|
|
|
|
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ، يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى. ئاققان سۇلار،ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ، يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ! ۋاقىت-ياراتقۇچى تەرىپىدىن بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بېرىلگەن بىباھابايلىق. چىكىلداپ ئۆتۈۋاتقان ھەر بىرسىكونت ئۆمرىمىزنىڭ تەتۇر سانىقى ، شۇ قەدەر قىممەتلىك بۇ ساناقلارنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىز؟ئارزۇلىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا بۇ توختاۋسىز ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ خەلقىمىزنىڭ سۈيۈملۈك ئوغلانى ل.مۇتەللىپنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىنى شىركەت ئىسمى ۋە ماركا قىلغان شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى «يىللارغا جاۋاب» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان «لۇتۇن ۋاقىت باشقۇرۇش قوللانمىسى» سىزنىڭ ئۇزاقتىن بىرى ھەل قىلالمايۋاتقان ۋاقىت باشقۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىت ۋە كىشلىك ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئورتاق تېپىش ئۈچۈن شىركىتىمىز« ۋاقىت قارىشى ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش » تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئەنجۇمەننىڭ تۇنجى لېكسىيىسىنى سىزلەرگە سۇنماقچى.ۋاقىت ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۆزىڭىزگە تەۋە بۇبىباھا بايلىقتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ تەييارلىقىڭىز پۇتتىمۇ؟ئەمىسە كېلىڭ ، بىرلىكتە ئۈگىنەيلى. لېكسىيە تېمىسى: ۋاقىت قارىشى ۋە ۋاقىتباشقۇرۇش لىكسىيە ۋاقتى : 2013-يىلى 21-ھۇت (2-ئاينىڭ21-كۈنى)چۈشتىن كىيىن سائەت 18:00 دە لىكسىيە ئورنى : قارلۇق شىركىتى يىغىن زالى(شامالباغ شىنخۇا كىتابخانىسى بىناسى 4- قەۋەت) لىكسىيە سۆزلىگۈچى : لۇتۇن شىركىتىنىڭ لىدىرى ، ۋاقىت باشقۇرۇش تەتقىقاتچىسى - ئالىم ھەسەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا impiratur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 11:49 PM
|
|
|
|
|
|