شېكەرنىڭ زىيىنى
سىز يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ شېكەردىن يىراقراق تۇرۇڭ، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ مىقدارىنى ئازايتىڭ. چۈنكى ئازراق شېكەرمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھورمون ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ھالىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېكەر تەتۈر ئوزۇقلۇق بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى خورىتىپ، كالتسىينىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن سۆڭەكتىكى بىر قىسىم كالتسىينى قانغا يۆتكەپ، كالتسىينىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ساقلايدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندا،سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەر يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماگنىي، خىروم ۋە سىنك قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاسانلا زۇكام ۋە باشقا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. شېكەر يەنە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلنى ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلاي دېسىڭىز شېكەر، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك ۋە ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى يېيىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
يوشۇرۇن قاتىللار
يۇقىرى دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىنغان ئېسىل ئۇن ۋە گۈرۈچلەردە، شېكەردىن باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، شېكەردىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر شۇنچە ئاز بولىدۇ، شۇڭا بۇلارمۇ شېكەرگە ئوخشاشلا زىيانلىق بولۇپ، ناچار تەتۈر ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.
ئېسىل ئۇن ۋە گۈرۈچلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا، دانلاردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بەدەن ئېھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى ۋە تالا ماددىلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
زۇكامغا سەل قارىماڭ
زۇكام ناھايتى تېزلا ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغى ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى ، زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسلار ناھايتى تېزلا يۈرەككە تەسىر قىلىپ ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يەنە يۈرەك يۈرەك مۇسكۇلىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . پەقەت زۇكاملا بولۇپ قالغاندا بۇنىڭ كارايى چاغلىق ، بىراق قورقۇنچلۇقى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا بولۇشىدۇر . مەسلەن ، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ئادەمنىڭ ھايتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن .
ھەر يىلى ئەتىياز ۋە قىش پەسىللىرى زۇكام كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە يەنە ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ . بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاۋۋال زۇكامنىڭ ئادەتتىكى ئالامەتلىرى ، يەنى : قىزىش ، يۆتىلىش ، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، قورساق ئاغرىش ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ئالامەتلەر بارا-بارا ياخشىلانغاندىن كېيىن ، ئاغرىق ئۆزى ياخشى بولۇپ قالدىم دەپ ئويلايدۇ ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ‹‹ كارامىتى›› نى كۆرسىتىدۇ : يەنى يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ كېتىدۇ ياكى ئاستىلاپ كېتىدۇ ؛ باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، يۈرەك سىقىلىش ، مەيدىسى چىڭقىلىش ، مەيدە قىسمى بىئارام بولۇش ۋە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن زۇكامغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك ، ئاكتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن تەڭ يەنە ئاغرىقنىڭ پۈتۈن بەدەن ئەھۋالىنى ئوبدان كۆزىتىش كېرەك . ئاغرىقنىڭ يۈرىكىدە نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالغان ھامان ، دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك .
ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە سېلىنغان ئىكەك
ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ دائىم يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر كېتىپ قېلىش خەتىرى چوڭراق بولىدۇ .ئاياللاردا بەلكىم تۇغۇلۇشىدىلا ئۇيقۇسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولسا كېرەك ، ئۇيقۇسىزلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ›› .
تەتقىقاتچىلار 1000 ئايال ۋە 741 ئەرنىڭ ئۇيقۇ ئەھۋالىنى 14 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يازغان بۇ دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدە پەرق بارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى . ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرگە يۈرەك كېسىلى ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق جانغا زامىن كېسەللەردىن چوقۇم ھوشيار بولۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش بەك مۇھىم ›› .
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
تەھرىردىن: يانفۇن زىيارەتچىلىرىگە قۇلايسىزلىق بولماسلىقى ئۈچۈن تېما مەزمۇنىنىڭ خەت چوڭلۇقىنى سىستىما ئاپتۇماتىك تەمىنلەپ بەرگەن 4- نۇمۇردىن چوڭايتىۋەتمەڭ. يانفۇندا چىققاندا خەت چوڭ بولۇپ كەتسە نۇرمال كۆرگىلى بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-15 02:33 AM