مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 898|ئىنكاس: 20

ئىگىلىك «VIPئەزا» بولۇش ھەققى ۋە پايدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76439
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2950
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-2-23
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 10:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىلىك ھەقلىق ئەزاسى«VIPئەزا» بولۇش ھەققى ۋە ھەقلىق ئەزا بولۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
سىلەرنىڭ ئىگىلىك تور بېتىنى قوللاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، تور بېكىتىمىز ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تورداشلىرىمىزنىڭ راي سىناش تېمىسى قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئاشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ ياكى توردا ۋە تېلېفوندا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇنىڭغا ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇردى ۋە ئاكتىپ مۇئامىلىدە بولۇپ، تور بېكىتىمىزنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى! بۇنىڭدىن بىز ئىگىلىك تورى گۇرۇپپىسى، باشقۇرغۇچىلار ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق.

يەنە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھەقلىق ئەزا بولۇشنىڭ قانداق شەرتى بارلىقى ، قانچىلىك ھەق تۆلىسە بولىدىغانلىقى، ھەقلىق ئەزا بولغاندىن كىيىن قانداق ئىمتىيازلاردىن بەھىرمان بولالايدىغانلىقى... قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىدى، بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى بىز بۇرۇنقى تېمىلىرىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكەن بولساقمۇ، بەلكىم چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان بولشى مۇمكىن، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە قولايسىزلىق ۋە خاتا چۈشەنچە كەلتۈرۈپ قويغان بولساق سىلەردىن چىن دىلىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز !

بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ، سىلەرنىڭ تور بېتىمىزنى ۋە ھەقلىق ئەزا تۈزىمىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىزلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى لايىق تاپتۇق!

1. سۇئال: ھەقلىق ئەزا بولۇش شەرتى نىمە ؟
جاۋاب : تىزىملىتىش شەرتى: بېكىتىمىزگە ئەزا بولغان ھەمدە ئەزالىق ھەققى تۆلىگەن بولىشى كېرەك.

2. سۇئال : ھەقلىق ئەزالىق ھەققى قانچە پۇل ؟
ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر يىللىق ئەزالىق ھەققى 100 يۈەن بولۇپ، يۇقىرىسىغا چەك بېكىتمىدۇق.

ئەزالىق ھەققى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن مەن مۇنداق بىر مىسالنى ئوتتۇرىغا قوياي:
نەچچە ئاي بۇرۇن مەن ئىچكىرىدىكى بىر ئۆلكىنىڭ شىنجاڭدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىكەن. ئۇلارغا ئەزا بولغانلار ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1000 يۈەن ئەزالىق ھەققى تۆلىسىلا ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن. يۇقىرىسى نەچچە 100000 (يۈز مىڭ يۈەن) يۈەنگىچە ئەزالىق ھەققى تۆلەيدىكەن. ئۇلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەرخىل ئەزالىق نامى بىرىلىپتۇ، مەسىلەن : ئالماس ئەزا، ئالتۇن ئەزا............دېگەندەك ! بىراق ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇلار ھەرخىل ئەزالىق نامى بىلەن ئاتالغان بىلەن بەھرىمان بولىدىغان مۇلازىمىتى ئوخشاش بولىدىكەن، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتى: دۆلەتنىڭ سىرتقى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە بەرگەن ھەرخىل پايدىلىق ئېتىبار سىياسەتلىرى، سودا ئۇچۇرلىرى، ئەزا بولغانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان ئالاقىلىشىش توپلىمى قاتارلىقلار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلدا بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە يىغىلىش ئېلىپ بېرىپ، سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ سۆھبەتتە بولىشى ۋە ئۆز - ئارا تونۇشۇشى ئۈچۈن بىر كۈنلۈك پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن!
مەن ئۇلاردىن: « ھەممىسى ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدىغان تۇرۇپ نىمىشقا بەزىلىرى 1000 يۈەن ، بەزىلىرى نەچچە يۈزمىڭ يۈەن ئەزالىق ھەققى تۆلەيدۇ، ھەممىسى ئوخشاشلا 1000 يۈەندىن تۆلىسە بولمامدۇ ؟ » دەپ سورىسام، «ۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمدىلا ئىش باشلىغان كىچىك سودىگەرلەرمۇ، چوڭ - چوڭ گۇرۇھلارنىڭ خوجايىنلىرىمۇ بار، بىز ئۇلارنى مۇنچە پۇل تۆلەيسەن دەپ مەجبۇرلىمايمىز، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى بېكىتىپلا بېرىمىز، شۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، قانچىلىك تۆلىسە ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ تۆلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ - چوڭ گۇرۇھلارنىڭ خوجايىنلىرى بىزنى قوللاش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...» دەپ جاۋاب بەردى.

مانا بۇ ئەمەلىيەت، مانا بۇ جەمئىيىتىمىزدە بولىۋاتقان ھەقىقىي ئىش، مانا بۇ باشقا مىللەتلەردىكى ئۇيۇشۇش، قوللاش كۈچى! گەرچە بىز ھازىرچە ئۇلاردەك چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمىسەكمۇ، سودىغا قىزىقىدىغان بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىشلارنى  روياپقا چىقىرالايمىز دەپ ئويلايمەن ! بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۈچىشى، ئورتاق قوللىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ !

بۇ ئىشلارنى دېيىش ئارقىلىق نىمە دېمەكچى دېگەندە، تورداشلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، ئىگىلىك تورىغا ئىقتىسادى ياخشىلارمۇ، ئىقتىسادى بىر قەدەر ئاجىزلارمۇ كىرىپ تۇرىدۇ، بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ھەقلىق ئەزا بولۇش ئارقىلىق تور بېتىمىزنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمۇ مەنىۋى ئۇزۇققا ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ " دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ئادەم ئىگىلىك تورىدىن نەپ ئېلىشى، ئىگىلىك تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تېز بولىشى ئۈچۈن ئەزالىق ھەققىنىڭ يىللىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى  100 يۈەن قىلىپ بېكىتتۇق. يۇقارقى مىسالدا سۆزلەپ ئېيتقىنىمىزدەك، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم مۇشۇ بولسا يۇقىرىسىغا چەك بېكىتمىسەك، تورداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ قانچىلىق چىقىرالىسا شۇنچىلىك چىقىرىپ ئەزالىق ھەققى تۆلىسە، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا ئىگىلىك ئالماس ئەزاسى، ئىگىلىك ئالتۇن ئەزاسى، ئىگىلىك كۈمۈش ئەزاسى... قاتارلىق بىر نەچچە خىل نام قويساق، شۇ ئارقىلىق كىمنىڭ قانچىلىك چىقارغانلىقىنى ئىپادىلىسەك، يەنى :يىللىق ئەزا ھەققى ئۈچۈن 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە تۆلىگەنلەرنى ئىگىلىك كۈمۈش ئەزاسى، 500يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تۆلىگەنلەرنى "ئىگىلىك ئالتۇن ئەزاسى" ، 1000 يۈەندىن ئارتۇق تۆلىگەنلەرنى "ئىگىلىك ئالماس ئەزاسى" دەپ ئاتىساق دەپ ئويلاشتۇق.

3. سۇئال: ھەقلىق ئەزا بولغانلار قانداق مۇلازىمەتتىن بەھىرمان بولالايدۇ ؟
جاۋاب:  نۆۋەتتە يولغان قويغان ھەقلىق ئەزا مەخسۇس سەھىپىسىدە جەمئىي 6 كىچىك سەھىپە بولۇپتەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
1-سەھىپە: ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى ھەققىدە. دۆلەتنىڭ پايدىلىق سىياسەتلىرىنى نوقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە قاراتقان سىياسەتلىرىدىن نەق ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ!

2- كارخانىچىلىرىمىزغا قورال:  بۇ سەھىپىدە كارخانىچىلىرىمىز يولۇققان مەسىلىلەرگە مەخسۇس مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ياخشى دىئاگىنۇز قويۇپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەدبىرلىرى كۆرسىتىلىدۇ .

3 - قەرز ئېلىش : بۇ سەھىپىدە ئىگىلىك تىكلەش قەرزى ئېلىش يوللىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.

4- ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن :  بۇ سەھىپىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىنىدۇ، ھەمدە يېڭى سودا ئۇچۇرلىرى، پۇل تېپىش يوللىرى............ قاتارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە زۆرۈر بولغان بىلىملەر يوللىنىدۇ .

5- ھەر خىل ماتېرىياللار : بۇ سەھىپىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە سودا - سېتىقلاردا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللار، توختام، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە نۇسخىسى تەڭلا يوللىنىدۇ.

6- ھەقلىق ئەزالار ئۈچۈن مەسلىھەت: بۇ سەھىپىدە ھەقلىق ئەزالار مەيلى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بولسۇن، مەيلى ئۆزىنىڭ شىركىتى بولۇپ ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسۇن، مۇشۇ سەھىپىدە ئوتتۇرىغا قويسا ئىگىلىك تورى گۇرۇپپىسى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ياكى مەخسۇس مۇتەخخەسسلەرنى تەكلىپ قىلىپ شۇ سۇئاللارغا ۋە ھەق قىلالمىغان مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق يول كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن: يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قانداق ساھەنى تاللىغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى؟ بۇ ئىشلارنىڭ تەرتىپى قانداق بولىدۇ ؟ دېگەندەك ... شىركەت خوجايىنلىرى بولسا، شىركەتتە ھەق قىلالمىغان بەزى بىر مەسىلىلەر ، مەسىلەن: خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئۈنىمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۇراقسىز بولۇش مەسىلىسى، مالىيە قالايمىقان بولۇش مەسىلىسى، سېتىش يوللىرى تەرتىپسىز بولۇش مەسىلىسى...........دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تەربىرلەر كۆرسىتىلىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توغرا يول كۆرسىتىلىدۇ...
يەنە بىر ئىش: ئىگىلىك «VIPئەزا»لىرىغا كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولىشى ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن نەق ۋاقتىدا تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس QQ توپى قۇرۇپ، بۇ توپقا قاتناشتۇرۇلىدۇ، باشقا ئادەتتىكى ئەزالار ياكى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بۇ توپقا كىرەلمەيدۇ. مەخسۇس QQ توپ نومۇرى:  22188177
  
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار بولسا ھەر قايسىڭلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزلارغا قاراپ تۈزىتىش كىرگۈزسەك بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىزمۇ ھەقلىق ئەزالارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز ۋە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناۋادا شارائىت يار بەرسە پەسىلدە ياكى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە سۇرۇن ھازىرلاپ قاتنىشىشقا شارائىتى بار ئەزالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆز - ئارا پىكىرلىشىش، ئۆز - ئارا تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى سودا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ھەقلىق ئەزالارنىڭ سودىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشى، ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىمىز !
قالدى ئىشلارنى بۇنىڭدىن كىيىن ھەممىمىز ئورتاق مۇزاكىرلىشىپ بېكىتسەك!

ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك:

1.ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» لىق ھۇقۇقى بىز پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئېچىۋېتىلىدۇ.
2. ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» بولغانلارنىڭ تېما يوللاش، ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىغا تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئېلىۋاتتۇق، تورداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۆزى يولۇققان مەسىلە يېكى ماتېرىياللارنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، قانۇنسىز، قۇتراتقۇلۇق مەزمۇندىكى تېما، ئىنكاسلارنى يوللىشى بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر بايقالسا تور بېكىتىمىز بىردەك مەسئۇل بولمايدۇ !
3. ھەقلىق ئەزا«VIPئەزا» بولغانلارنى تور بېكىتىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان" ئۈرۈمچى شىرخان بازار تىجارىتى مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى" ئاچقان كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملاتسا باھادا 10% دىن 30% پىرسەنتكىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە ھازىرغىچە ھەقلىق ئەزا بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە ئۆز ئىقتىسادىغا قاراپ 100 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ئەزالىق ھەققى تۆلىگەنلەر بار.

4. سۇئال: ھەقلىق ئەزا بولغانلارنى "كۈمۈش ئەزا"، ئالتۇن ئەزا"، "ئالماس ئەزا" دەپ تۈرگە ئايرىپسىلەر، بۇنىڭ قانداق پەرقى بار ؟
جاۋاب: تور بېتىمىزگە ئەزا بولغانلار ئىچىدە ئىقتىسادى ياخشىلارمۇ، ئىقتىسادى ئادەتتىكىچە كىشىلىرىمىزمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەق تۆلىگەن ھەر قانداق ئەزا ياخشى مەزمۇنلار ئارقىلىق تور بېتىمىزدىن ئورتاق نەپ ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل ئەزالارغا ئالاھىدە پەرق بىلەن مۇئامىلە قىلمىدۇق، بۇ پەقەت سىزنىڭ تور بېتىمىزنى قوللاش دەرىجىڭىز ۋە ئۆز ئىقتىسادىڭىزنىڭ قانچىلىك يار بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىرخىل ئۇسۇل.
پەقەت سىز ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى 100 يۈەندىن يۇقىرى ھەق تۆلىگەن بولسىڭىزلا تور بېتىمىز ھەقلىق ئەزالار ئۈچۈن تەمىنلىگەن مەزمۇن ۋە ماتېرىياللاردىن پايدىنالايسىز ...
يۇقارقىدىن باشقا بىردىنبىر پەرىقلىنىدىغان پەرق نەدە دېگەندە، تور بېتىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇن: "ئۈرۈمچى شىرخان بازار تىجارىتى مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى" ئاچقان كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملاتسا باھادا 10% دىن 30% پىرسەنتكىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ. يەنى ئالماس ئەزالارغا 30%، ئالتۇن ئەزاغا 20%، كۈمۈش ئەزاغا 10% ئۇقۇش ھەققىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ.

ھازىرچە چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرگە مۇشۇنچىلىك سۇئال جاۋاب تەييارلىدۇق، يەنە مەسىلىلەر بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار، ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.


بېكىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى:
E-mail: ikbal@163.com
QQ: 63676100
تېلېفون: 15999114171   ،  18997928824

ھەق تۆلەش بانكا كارتا نومۇرى :
1 . يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋى 农村信用社  ( تەۋسىيە )
كارتا نومۇرى :  6210088013355274
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : ئەمەرجان ، خەنزۇچە يېزىلىشى : 艾买尔江 ( مۇشۇ ئىسىمنىلا يازساق بولىدۇ)

2 . جۇڭگۇ پوچتا بانكىسى  中国邮政银行
كارتا نومۇرى :  6221888810012164690
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : ئەمەرجان جامال ، خەنزۇچە يېزىلىشى :艾买尔江.加玛力
      
3. جۇڭگۇ سودا - سانائەت بانكىسى  中国工商银行
كارتا نومۇرى : 6222083002003597598
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : ئەمەرجان جامال ، خەنزۇچە يېزىلىشى :  艾买尔江·加玛力

4. جۇڭگۇ يېزا - ئىگىلىك بانكىسى 中国农业银行
كارتا نومۇرى: 6228480890894123219
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى : گۈلخۇمار مەمەت، خەنزۇچە يېزىلىشى : 古力胡马尔.麦麦提 ( بۇ ئايالىمنىڭ نامىدىكى كارتا)

ھەق تۆلىگەنلەر بىخەتەرلىك ئۈچۈن يۇقارقى نومۇرلاردىن باشقا نومۇرلارغا پۇل سالماسلىقىنى ۋە پۇل سېلىشتىن بۇرۇن بىز بىلەن بىر ئالاقىلىشىپ جەزىملەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن پۇل سېلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

قىستۇرما: بەزى قېرىنداشلىرىمىز قانداق قىلىپ ھەقلىق ئەزا بولۇشنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ، تۆۋەندە ھەقلىق ئەزا بولۇش تەرتىپىنى سۆزلەپ ئۆتەي:
1. مۇنبىرىمىزدىن ئەزالىق نامىدىن بىرنى تىزىملىتىش( ئامال بار باشقىلارغا ئوخشىشىپ قالىدىغان ئىسىم بولمىسۇن، بۇرۇن تىزىملاتقان بولسىڭىز قايتا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق)
2. يۇقىرىدا ئېلان قىلىنغان بانكا كارتىسىنىڭ خالىغان بىرسىگە ئەزالىق ھەققىنى تاپشۇرۇش.
3. بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىز، ئامال بار تېلېفوندا ئالاقىلىشىڭ. 15999114171،   18997928824
4. بىز ئەزالىق نامىڭىزنىڭ ھەقلىق ئەزالىق ھوقۇقىنى ئېچىۋاتىمىز.
5. ھەقلىق ئەزالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالايسىز.


ئەڭ ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، بەخت تىلەيمىز، شۇنداقلا تىنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز !

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى  www.igilik.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:32:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەجىرىڭزىدىن سۆيۈندۈم،سىزنى ئايرىم مۇكاپاتلاي ھە؛مەن مۇسلىمە؛ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xohsanam886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-15 02:33 AM  


ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:42:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:51:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
panama يوللىغان ۋاقتى  2013-2-15 02:42 AM
مەنمۇ ئىگىىك تورىغا ئادەتتىكى ئەزا. خېلى ياخشى ئۇچۇرلا ...

ئۇنداق قىلماي داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ،كۈندە يىڭى ئۇچۇر تىمىلار سىزنى كۈتمەكتە؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:53:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردىكىلەر قىزىقساڭلار مىنى ئىزدىسەڭلارمۇ بولدۇ،



ئەسكەرتىش مەن تەشۋىق قىلمىدىم جۇمۇ،مۇشۇنداقلا توغرا كەپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇنازىرە مۇنبىرى ئەمەس.خاتىرجەم كىرسەڭلار بولدۇ،مىسرانىمغا يۈزسىزلىك قىلغان بولمايسىلەر.

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 02:54:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4467
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1732 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 10:35:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋادا ئىگىلىك تىكلەشكە  ھەقىقى  پايدىسى تىگىدىغان ئۇچۇرلار تەمىنلەنسە ئەزا بوپ قويسىمۇ بولغۇدەك

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4641
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 11:43:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۈپ باقايلى

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 07:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىلىك مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ ئەزا بولدۇم  . مۇنبىرىڭلار بىلەن تۇنۇشقاچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن  .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 قولۇم كۆكسۈمدە؛

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش