خەلىقئارالىق بايراملار پۇخرالارغا قانداق يۈزلىنىدۇ؟؟؟
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك ئالدىمىزدا خەلىقئارالىق بايرام<<دۇنيا ئانا تىل كۈنى>>2013.2.21يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
دۆلىتىمىز جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى -بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئۆرىپ ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسىىغا ئىمزا قويغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلىقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.......
بىراق بۇ خىل بايراملارنىڭ پۇخرالارغا يۈزلىنىش دائىرىسى ئادەمنى ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ، ئويلاپ باقسام تا ھازىرغىچە دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە مەلۇم شەكىلدىكى ،دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان ياكى ئۆز-ئارا تەشكىللەنگەن مەلۇم خىل تەبرىكلەش كوللىكتىپ پائالىيىتىگە نائىل بولۇپ باقماپتىمەن...(باشقىلار قاندقبۇ ماڭا قاراڭغۇ) شۇ سەۋەپلىك مەندە مەلۇم مەسىلىلەردە مەلۇم قانۇنىيەتلىك ئورتاقلىقنى بىلىش ئىستىگى پەيدا بولدى.
شۇڭا -ئالدىمىزدىكى خەلقئارالىق بايرام << دۇنيا ئانا تىل كۈنى>>دە دۆلەتنىڭ خەلىقئارالىق چاقىرقىغا ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن - بىر ئاز سانلىق مىللەت <<ئۇيغۇر >>بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەڭ يۇقۇرى قىزغىنلىقتا ئادا قىلىشىمىزغا ئەڭ ئاقىلانە كۆرسەتمە ۋە قانۇنى يول جەھەتتە ئالاھىدە ئەسكەرتمىلەرگە ئېرىشىنى مەخسەت قىلىپ بۇ ھەقتىكى ئىزتىراپىمنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ، دۆلەت ئېتىراپ قىلغان بۇ كۈننى
قانداق ئۆتكۈزۈش-دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت-ئىچى سىرىتىدىكى ئىناۋىتىنى ،ھەتتائايرىم -ئايرىم ھالدا دۇنيادىكى120 دىن ئارتۇق ئاساسلىق دۆلەت بىلەن باراۋەر نوپۇسىغائىگە بىر مىللەت ئىشلىتىۋاتقان ئانا تىلىمىزغا ، شۇنداقلا خەلىقئارانىڭ قوغداش تەشەببۇسىغا ئاكىتىپ قاتناشقان دۆلىتىمىزگە مەمنۇيىتىمىزنى قانداق ئۇسۇلدا ھەممىباپ ھالەتتە بىلدۈرەلەيمىز؟؟؟
مانا بۇ سۇئال ھەممىمىزگە ئۈمۈتۋارلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپتۇ......
مەنبە:لاۋا0998
2013.2.14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 07:36 PM