ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك تورداشلار
ياپونىيەدە كارتون كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ يېڭى تور كارتون دەرسخانىسىنىڭ بىرىنچى دەرسى ئېلان قىلىندى. مېنىڭچە بۇ دەرسخانا داۋاملاشسا ئۇيغۇر كارتون ئىزدەنگۈچىلىرىگە ياخشى مەيدان ھازىرلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
رىۋايەت تورىدىن ئېلىندى
http://rivayat.com
----------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار!كارتون فىلىم ھەۋەسكارلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كارتونچىلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان كارتونچىلار! سىلەرگە چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن.
بىز تېلېۋىزور ياكى توراردا ۋە كىنوخانىلاردا كۆرۈۋاتقان ئىككى ئۆلچەملىك كارتون فىلىملەر ھەرگىزمۇ بىرەر يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قىينالمايلا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىشلىنىپ چىقىلغان بولماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان خادىملارنىڭ ھەمكارلىقى، ھەمدە ئەنئەنىۋىي بولغان قەغەز يۈزىگە سىزىپ ئىشلەش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭى بولغان دىگىتال يۇمشاق دىتاللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىشلىنىپ چىقىدۇ.
ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا يەنىلا بىزگە تونۇشلۇق بولغان قېرىنداش قەلەم،ئۈچۈرگۈچ ۋە قەغەز قاتارلىق قوراللار ئاساسلىق ئىشلىتىلىدۇ.بەزى تورداشلىرىمىز ‹ھازىر كومپيوتېر ئىنتايىن تەرەققىي قىلدى، كارتون فىلىم دېگەننى شۇنىڭدىلا ئىشلىۋېتىدۇ›دەپ ئويلىشى مۇمكىن. توغرا، كومپيوتېردا ھازىر نۇرغۇنلىغان كارتون فىلىم ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلدى،سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ. لېكىن ھەقىقىي يۇقىرى سەۋىيىدىكى ،يەنى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى سۈپەتلىك سودا خاراكتېرىدىكى كارتون فىلىملارنى ئىشلەشتە گەرچە رەڭ بېرىش ۋە كىرىشتۇرۇش ھەمدە ئالاھىدە تۈس بېرىش قاتارلىق باسقۇچلاردا بەزى يۇمشاق دېتاللارغا تايىنىدىغان بولسىمۇ، ھەرگىزمۇ گۈزەل - سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىنى،يەنى ئىنسان قولى ئارقىلىق رەسىم ھەرىكەتلىرىنى سىزىشنى تاشلىۋەتكىنى يوق.چۈنكى دەل مۇشۇ ئەنئەنىۋي ئۇسلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كارتون فىلىملەر رەڭدار ۋە كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلارلىق ھالدا ئىشلىنىپ كەلمەكتە.
مېنىڭ بۇ ئىنتېرنېت كارتون دەرسخانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشۇمدىكى سەۋەبمۇ، دەل ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرىغا ۋە كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان، كاتون فىلىم بىلىملىرىگە ئىنتىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۆگىنىش سەھنىسىنى ھازىرلاپ بېرىپ،ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنىڭ توغرا ئۇسلۇبتا تەرەققىي قىلىشىغا يول ئېچىشتۇر.
بۇ ئىنتېرنېت كارتون دەرسخانىسى ھەرھەپتە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر يېڭىلىنىدۇ.شۇڭا كەڭ كارتون ھەۋەسكارلىرىنىڭ رىۋايەت تورىغا داۋاملىق نەزەر تاشلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yodobashi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 04:07 AM