ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ تەكرار 3 قېتىم ئاشكارا ئېلان چىقىرىش شەكلى بىلەن تورداشلارغا ياردەم قىلىشنى كۆزلەپ تاكى بۈگۈن دەل ھازىر موشۇ چاغقىچە 135 نەپەر قېرىندىشىمىزغا جەمئىي 185 دانە win8 يەنى Windows8 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىتىبار باھادا ئېلىپ بەردىم.كۆپ قىسىم تورداشلار ئاز بولغاندا بىردىن ئىككىدىن، ھەتتا بەزى تورداشلار 15-20 دىن سېتىۋالدى. دىمەك ھەقىقى نەشىردىكى دۇنياۋى داڭلىق سېستىما ۋە ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى ۋە قىممىتىنى بىلىدىغانلار يەنىلا خېلىلا كۆپكەن. 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ win8 نىڭ باھاسى 1988 يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى. ئەمما مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ يېڭى پىلانىغا ئاساسەن يېڭىدىن سېتىۋالىدىغانلارغا نىسبەتەن 248 يۈەنلىك باھا قالمىغان بولسىمۇ 2012-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنىدىن 2013-يىلى1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەقىقى نەشىردىكى win7 سېتىۋالغان ياكى ھەقىقى نەشىردىكى win7 قاچىلانغان ماركىلىق كومپىيۇتىر سېتىۋالغانلارغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن win7 دىن win8 گە 98 يۈەن بىلەنلا نەشىر كۆتۈرۈش ئىتىبار ۋاقتى 2013- يىلى2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى.دىمەك ھازىرمۇ يۇقارقى ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋالغان ھەقىقى نەشىردىكى wi7 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى قولىڭىزدا بولسىلا يەنىلا 98 يۈەنگە win8 سېتىۋالغىلى بولىدۇ.مەن ئارقىلىق سېتىۋالغان تورداشلارنىڭ رازىلىق نىسبىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ نارازى بولۇپ باققانلار ئاساسى جەھەتتىن يوق.
خالىسا مەن ئارقىلىق سېتىۋالغان تورداشلار ۋاقتى بولسا مەزكۇر تېمىغا گۇۋاھلىق بېرىپ قويار.
قولىدا ھەقىقى نەشىردىكى win7 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى يوق تورداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ئاز پۇل خەجلەپ ئانا تىلدىكى ھەقىقى نەشىردىكى سېستىما ھوزۇرىنى سۈرۈشىگە ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن ئىچكىرىدىكى ئىشەنچىلىك شىركەتتىن ئىككىنچى قېتىم مۇۋاپىق باھادا مىكروسوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقىقى كۈچكە ئىگە 50 دانە ئىتىبار نومۇرى كىرگۈزۈپ قويدۇم.(1-قېتىملىق سودا تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولغاچقا بۇ قېتىم ئىتىبار ياخشى بولدى)، ئىتىبار نومۇرنىڭ پۇلى، win8 نى سېتىۋالغاندىكى ھەق، پايپالغا پۇل قاچىلاش پىرىۋوت ھەققى قاتارلىقلارنى قوشقاندا ھەبىر دانە win8 نىڭ قولغا تىگىش باھاسى پەقەت ۋە پەقەت
200 يۈەندىنلا توختايدۇ. دىمەك بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ خېلى بەك ئەرزان چۈشىدۇ دىگەن گەپ.يەنىلا شۇ گەپ سېتىۋېلىشنى خالىغانلار ۋە ئىشەنگەنلەر ھەرۋاقىت ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.
سېتىۋېلىش ئۇسۇلى:
1-باسقۇچتا ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىسىم-فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، تەپسىلى ئادىرسىڭىز ۋە Email يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىز، پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بېرىسىز. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى Email بولۇپ Email چوقۇم نورمال ئىشلەيدىغان،خەت كېلىدىغان بولۇشى كېرەك، چۈنكى سىز سېتىۋالماقچى بولغان win8 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى(ئاچقۇچ نومۇرىمۇ دەيمىز) سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق بولغان ھامان مىكروسوفىت شىركىتى تەرىپىدىن سىز تەمىنلىگەن Email غا ئەۋەتىلىدۇ. يۇقارقى ئۇچۇرلارنى خەنزۇچە يېزىقتا كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش يىزىپ txt ھۈججىتى يەنى خاتىرە دەپتەر ھۈججىتىگە ساقلاپ ماڭا QQ ئارقىلىق يوللاپ بېرىسىز.خەنزۇچە يازالمىسىڭىز پىنيىنچە شەكىلدە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما پىنيىنچە يازغاندا ئادرىس 30 ھەرىپتىن ئارتۇق بولسا ئۆتمەيدۇ.
2-باسقۇچتا سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان 200 يۈەن خەلق پۇلىنى(سىزدە كۈچكە ئىگە ئىتىبار نومۇرى بولسا 120 يۈەننى سالسىڭىز بولىدۇ) بانكا كارتامغا سالىسىز ياكى يۆتكەيسىز ۋە پۇل سېلىپ بولغاندىن كېينلا ماڭا تېلىفون قىلىپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ۋە ياكى QQ ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىپ پۇل تاپشۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىسىز(قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىدا QQ دىكى نامىڭىز بولسۇن). مەندە بارى سودا سانائەت بانكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى. يەنە 支付宝 يەنى ئالىپاي(پۇل تۆلەش گۆھىرىمۇ دەيمىز) ئارقىلىق پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بانكىنىڭ تور كەسپى ئوچۇق كارتىڭىز بولسا ئاۋۋال 支付宝غا پۇل قاچىلاپ ئاندىن مېنىڭ ھېساۋاتىمغا يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3-باسقۇچتا مەن سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى باشلايمەن، كۆپ بولسا 15مىنۇت ئەتىراپىدا microsoft شىركىتىدىن تەمىنلىگەن win8 نىڭ سېستىما ئاچقۇچ نومۇرى ۋە سېتىۋالغان چاغدىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز سىزنىڭ Email ڭىزغا يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزغا بارىدۇ. پەقەت يۇقارقى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش جەدىۋىلىگە تولدۇرۇپ ،ۋاكالىتەن پۇل تاپشۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى ئورۇنداپلا بېرىمەن. مەن سىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قىلغاندىن كىيىن Email نى ئېچىپ تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ ۋە شۇ ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېلىپ ماۋۇ(
http://www.xarbat.com/thread-7922-1-1.html) تېمىدا دىيىلگەن ئۇسۇل بويىچە win8 نى قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالسام پۇلنى ئۇرۇپ بولۇپ مەن بىلەن ئالاقىلىشەلمەي قالسىڭىز جىددىلىشىپ كەتمەڭ، 200 يۈەن پۇلنى دەپ توردىكى ئىناۋىتىم ۋە بېكىتىمنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىشلار ماڭا يات، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن.
خالىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ، پۇرسەت غەنىمەت، ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھازىرچە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ كامىدا بىر ئىككى نۇسخا ئېلىپ قويۇپ قاچانلا قاچىلىسىڭىز بولۇۋىرىدۇ، بۇرۇن ئېلىپ بولغان بولسىڭىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە ھىچ بولمىسا بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭ، كومپىيۇتىرىم بۇزۇلمايدۇ، كومپىيۇتىرنى موشۇ پېتى يېڭىلىمايمەن دىيەلمەيسىز. ئۆزىڭىز ئىشلەتمەي قالسىڭىز بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن لازىملىق دوستلىرىڭىزغا ۋە ئۇرۇق تۇققان، خىزمەتداشلىرىڭىزغا 1988 يۈەندىن باشقا باھاغا ئالغىلى بولمايدىغان كۈنلەر كەلگەندە سىز سېتىۋالغان باھادا پايدا ئالماي بەرسىڭىز ئۇلار سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا خۇش بوپ قالىدۇ. 200 يۈەن ھازىر كۆپ پۇل ئەمەس، پۇرسەت ئۆتۈپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
QQ:359903451
يانفون:13899269786
(ئالاقە ۋە مەشخۇلات ئاساسى جەھەتتىن QQ ئارقىلىق بولىدۇ).
ئەگەر ئۆزۈم ئالالايمەن دىسىڭىز مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ:
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/download-shop
ئەگەر ئىشىنەلمەي قالسىڭىز ماۋۇ تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ، بۇ تېمىلار بىرلا ۋاقىتتا شەربەت تورى، نۇرقۇت دۇنياسى، ئىنتىل تورى، ئىزدىنىش تورى، قۇتيار تورى، روھلان تورى، دەرسلىك تورى،مىسرانىم تورى، كەڭساي تورى،ئاقىللار تورى، مەرىپەت يولى تورى، ئانا تۇپراق تورى، قاشتېشى تورى... قاتارلىق بىكەتلەرگە يوللانغان، بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ تور بېكىتىدىكى ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم:
http://www.xarbat.com/thread-7974-1-1.html
http://www.xarbat.com/thread-7948-1-1.html
http://www.xarbat.com/thread-7877-1-1.html
http://www.xarbat.com/thread-7889-1-1.html
http://www.xarbat.com/thread-7922-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 04:53 PM