دېھقانچىلىق ۋە سانائەت دەۋرلىرىدە، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش مۇھىم ساپا ھېسابلىناتتى. ئەگەر ھايات قالىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئوۋ ئوۋلىشىڭىز، يەر تېرىشىڭىز ياكى زاۋۇتلاردا ئىشلىشىڭىزگە توغرا كېلەتتى. يەنى قانچىلىك تەر تۆكسىڭىز شۇنچىلىك نېسىۋىگە ئېرىشەتتىڭىز. ئۇ ۋاقىتلاردا كۈنىگە ئۇدا 16 سائەت ئىشلەش ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىناتتى.
ئۆتكەن بىر ئەسىردە، ئىقتىساد ئۇچقاندەك تېز تەرەققى قىلدى، تۈرلۈك ئۈسكىنىلەر، ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ قالدى. بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش، بىلىم، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە سانلىق مەلۇمات خىزمەتلىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇچۇر ئىگىلىكى ئىجادچانلىقنىڭ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئەمگەك قىلىشتىن ئۈستىن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
بۇ يېڭى قاراش ئەمەس، مەنمۇ ھەم كونا تەرتىپنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان بىردىنبىر كىشى ئەمەس. نۇرغۇن تەجرىبىلەر دەۋر-دەۋرلەردىن داۋام قىلىپ كەلدى، بىراق مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى. ئىلگىرى كىشىلەر باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشنى ئۇلۇغلايتتى، تىرىشىپ ئىشلەش ئىجادچانلىق، چۈشىنىش ۋە ئالاقە ئىقتىدارلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەپ قارايتتى
بىر تەرەپلىمە پەن-تېخنىكا قارىشى
پەن-تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارنى نۇرغۇن مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگىنى بۇ دەر ھەقىقەت، بىراق مېنىڭچە مۇھىمى پەن-تېخنىكىنىڭ بىزنى نۇرغۇن مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بىزنى شۇنداق مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگىنىدۇر. پەن-تېخنىكا ئىزچىل ھەسسىلەپ ئۈنۈم يارىتىۋاتقان ئەمەس. ئەگەر بىر قىسىم ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىلىشى مۇۋاپىق بولغان بولسا، بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ھازىرقىغا ئوخشاش مىكرو جەھەتتىكى كىچىك تەڭشەشلەر ئەمەس بەلكى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بولغان بولاتتى.
مېنىڭ ھازىرقى بۇ ماقالەمنى مىسالغا ئالىدىغان بولسام، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى قەغەز يۈزىگە يازساممۇ بولاتتى، بىراق مەن كومپىيۇتېردا يېزىشنى تاللىۋالدىم. مەن ئىلگىرى كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت بېسىشنى مەشىق قىلغان، شۇڭا مېنىڭ كومپىيۇتېردا خەت بېسىش سۈرئىتىم ماشىنكىدا باسقاننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، قەلەم-قەغەز بىلەن يازغاننىڭ تۆت-بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئەۋزەللىكى ناھايىتى ئېنىق، بىراق بۇ پەقەت ۋېرتىكال ئۆسۈش خالاس.
مەن Wordpress ئارقىلىق بۇ ماقالەمنى بلوگىمدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، زەنجىرسىمان ئۇلانما قىلغان تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ماقالىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تەخمىنەن 3000 غا يېقىن كىشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا feedburner ئارقىلىق بۇ ماقالىنى كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە يۈز كىشى ئەتىسى ئېلىكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق بۇ ئەسەرنى تاپشۇرىۋالىدۇ.
تورنىڭ تەبئىي ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق كىشىلەر نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق بۇ ماقالە بىلەن ئۇچرىشالايدۇ، يەنە مېنىڭ نەچچە سىكىنۇت ئىچىدىكى توختىماستىن تارقىتىشىم بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ ماقالىنى كۆرەلەيدۇ. بۇخىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئۇنىڭ فوتو كۆپەيىتمە نۇسخىسىنى تارقاتقانغا قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، بۇنى قەدىمكى گىرىتسىيىنىڭ نۇتۇق سۆزلەشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
سىز ئۇلۇغلاۋاتقان باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بەلكىم سىز بۇنى توغرا تاپماسلىقىڭىز مۇمكىن. سىزگە ئېنتېرنېتنىڭ كۈچى ۋە رەڭدارلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق. ئېنتېرنىتنىڭ چەكسىزلىكى ۋە دۇنيانىڭ تۈمەنمىڭ ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، «دۇنيا باراۋەر» دېگەنگە ئوخشاش يەر شارىلىشىش ۋە تېخنىكا ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆز قارىشىم شۇكى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دەۋرىگە ئوخشىمايدىغىنى، كۈنىمىزدە تىرىشچانلىقنىڭ شۆھرىتى ئاللىقاچان باشقا ئامىللار تەرىپىدىن ئاجىزلاشتۇرىۋېتىلدى.
پەن-تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرمىدى، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، بىر پارچە خەت يەتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېتەتتى، بىراق ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق مەن ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە بۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيمەن. بۇخىل تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئۆز شۆھرىتىنى يوقىتىشقا باشلىدى.
ئىجادچانلىق، كىشىلىك ئالاقە ۋە ئۆگىنىشچانلىق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىڭ ئورنىنى ئالدى
پەن-تېخنىكىلىش ئۆزىڭ ئاجايىپ رولى ئارقىلىق باش چۆرۈپ ئىشلەشنىڭ شۆھرىتىنى ئاجىزلاشتۇردى. ئىجادچان، ئۆگىنىشچان ۋە كىشىلىك ئالاقىگە ماھىر بىر كىشى ئېرىشىدىغان ئۈنۈم ھامان پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدىغان كىشىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئىجادچانلىق
ئىجادچانلىق ئىزچىل ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئاندىن بىز بۇ نۇقتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتۇق. سەۋەبى ئۇزاقتىن بۇيان بىز پەن-تېخنىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى بىلەلمەي كەلگەن ئىدۇق. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاتا-بوۋىلار ئەۋلادلىرىغا ئوۋ ئوۋلاشنى ياكى قانداق تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگىتەتتى، ئۆگەنگەن ماھارەت ۋە تەجرىبىلەر سىزنىڭ ئۆمۈر بويى پايدىلىنىشىڭىزغا يېتەتتى، ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتمەكچى بولسىڭىز تامغا ئۈسىۋالاتتىڭىز. كۈنىمىزدە بولسا مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئامىللىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولدى. كۈنىمىزدە قىممەت يارىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى، سىز پەقەت يېڭىچە تەپەككۇر يولىغا ئېرىشسىڭىزلا، تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە بايلىق سەرپ قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
كىچىككىنە بىر ئىشمۇ ئىجادچانلىقنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشتىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مەن 20 دوللار خەجلەپلا بىر يۇمشاق دېتال قىستۇرمىسى سېتىۋالسام، يۇمشاق دېتال ياساش ئۈچۈن كېتىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالالايمەن.
كىشىلىك ئالاقە
مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كومپىيوتېر ۋە ئېكران تىلى تىرىك ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېلىۋېلىۋاتىدۇ، كومپىيوتېر كىشىلەر ئارىسدىكى ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرېۋىتىپ بارىدۇ دېگەن قاقشاشلىرىنى ئاڭلىغان. مەن بۇخىل قاراشقا قوشۇلمايمەن. چۈنكى رەقەم دەۋرىدە كىشىلىك ئالاقە ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن مۇھىم.
ئىنسانلار ئىلگىرىكى پەقەت نەچچە يۈز ئادەم بىر توپ بولۇپ ياشايدىغان قەبىلە مۇھىتىدىن ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. پەن-تېخنىكا كىشىلەرنى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش شارائىتىغا ئىگە ئىگە قىلدى. سىنىپلار ئارىسىدىكى بىرىكىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. بۇيەردە Ben Casnocha نى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: «ئارىمىزدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغان كىشى بەلكىم ئەڭ ئەقىللىق كىشى بولۇشى ناتايىن. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سۆزلىگەندە، ئۇ بەلكىم دەل ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى تەشكىللەپ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن.» شۇڭىلاشقا كىشىلىك ئالاقە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.
ئۆگىنىشچانلىق
ئون يىل ئىلگىرى ئۆگىنىشچانلىق بەلكىم سىزنى ئۇنۋانغا بۇنىڭ بىلەن جېنىڭىزنى باققۇدەك بىرەر خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. بىراق نۆۋەتتە كىشىلەر يېڭى ساھەلەردىكى يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ نۇرغۇن غايىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. يېڭى تېخنىكىلار ئۆگىنىش، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئېقىملاردىن خەۋەردار بولۇش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتكە تېخىمۇ ئاسان ئۇلىشالايسىز.
Steve Pavlina نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئۇ بىر بلوگ قۇرغان ھەمدە نەچچە يىل ماقالە يازغان، ئۇ ھازىر ھەپتىسىگە 84 سائەت خىزمەت قىلماي تۇرۇپمۇ يىلىغا نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلالايدۇ. ئەجەبا ئۇنىڭىغا ئوخشاش تور بەت قۇرۇش ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش كېرەكمۇ؟ شۇنداق، بىراق تېخىمۇ مۇھىمۇ ئۇنىڭ ئېقىمنى ئىگىلەش ئىقتىدارى. ئۆگىنىشچانلىق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە قارىغاندا مۇھىم.
ئەجەبا بۇ بىزنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. مەن ئىزچىل تىرىشچانلىقنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. مەن پەقەت سىزگە تىرىشچانلىقنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. بۇ خۇددى سىزنىڭ بىر ئالتۇن باشقۇرغۇچى بولغىنىڭىزغا ئوخشايدۇ، باشقا ئەلدىن كەلگەن بىر دېھقان ئالتۇننى ھەقسىز قىلىدىغان ئامالنى بايقىغان بولسا، سىزنىڭ ئالتۇنىڭىزغا يەنىلا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق باشقىلاردىمۇ ئالتۇن بار بولغاندا، ئۇنىڭ قىممىتى ئىلگىركىدەك يۇقىرى بولماي قالىدۇ.
تىرىشچانلىق مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلى.
بىراق مەن باشقا ئامىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىلگىركىدەك مۇھىم بولماي قالغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممە كىشى ئۆزى تۆلىگەن بەدەل ۋە ئېرىشكەنلىرىنى ئۆلچەۋاتىدۇ، ھازىر بەدەل تۆلەشنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت بولدى.
كىشىلەر مەلۇم بىر ئېنىق نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئارقىلىق ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆلچەيدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر نەتىجىگە ئېرىشىش جەريانىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ دەپ قارايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر مەن مىليونېرغا ئايلانماقچى بولسام، چوقۇم ناھايىتى تىرىشچان بولىشىم كېرەك. مېنىڭچە بىز ئۆزىمىز سەرپ قىلىدىغان نەرسىلەر ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىمىز لازىم. تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىمىزنى يېڭىلىق يارىتىشقا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىشىمىز زۆرۈر. بۇ دېگەنلىك ئەگەر سىز مىليونېر بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئىجادچانلىققا، ئالاقىگە ۋە ئۆگىنىشكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك دېگەنلىكتۇر.
شەخسىي مىسال ــــ ئىنتېرنېت كارخانىچىسى
مەن مېنى ئورۇنسىز سۆزلەيدۇ دەپ قارايدىغان بىر ئوقۇرمەننىڭ ئوبزورىنى تاپشۇرىۋالدىم، ئۇ مېنى مۇۋاپىقىيەتنىڭ قىيىنلىقىنى مۇبالىغە قىلىۋەتتى دەپ قارايدىكەن. مەن قاراشلىرىمنىڭ ئۈمىدۋارراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق بولىدىغان ئىش بوپ بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئاقىل تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق مىليونېرغا ئايلاندى، بىراق يەنە بىر قىسىملار بولسا تېخىچە جاپالىق تىركىشىۋاتىدۇ. تېخىمۇ قاملاشمىغىنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىگەندە، ئۇلار ئېرىشكەن جاۋاب يەنىلا تىرىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى. ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق، مېنىڭچە ئۇلار تېخى كاللىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىمىغان، ئىجادچانلىق، كىشىلىك ئالاقە ۋە ئۆگىنىشچانلىقتىن ياخشى پايدىلىنالمىغان، شۇ سەۋەپتىن ئۆزلىرى مۆلچەر قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. بۇ مىسالدىكى تىرىشچانلىق خۇددى دېھقانچىلىق دەۋرىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىر سائەت ئارتۇقراق جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلسا شۇنىڭغا يارىشا كۆپرەك ھوسۇلغا ئېرىشەتتى. ئەمما ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، ھازىر بىر تال كونۇپكىلا نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل ئىقتىدارلارغا ئىگە.
يېقىندا مەن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نىشانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم، مېنى خۇشال قىلغىنى شۇ بولدىكى، نۇرغۇن كىشىلەر تور ئارقىلىق پۇل تېپىشقا قىزىقىدىكەن، كۆپ قىسمى ھازىرچە تور بەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بىرىنچى باسقۇچتا تۇرىۋېتىپتۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۇلار تور بەت قۇرۇشنىڭ ئىلگىرى ئۆزلىرى ئويلىغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىيىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان، مېنىڭچىمۇ شۇنداق.
بىراق مېنىڭچە ئەڭ قىيىن بولغىنى ھەرگىزمۇ ئىش قىلىش ئەمەس. سىزنىڭ بلوگ ياكى باشقا جايلاردا كۈنىگە مىڭدىن ئارتۇق خەت يېزىشىڭىز قىيىنغا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق مەشىق ۋە تەجرىبىلا كۇپايە قىلىدۇ. قىيىن بولغىنى قانداق يېڭىلىق يارىتىش، دەۋرنىڭ مودىسىنى توغرا ئىگەللەش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ياخشى پايدىلىنىش. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قىيىنچىلىق دەل سىزنىڭ قانداق قىلىشنى بىلىدىغان تۇرۇپ، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئۇ ئىشنى تاماملىيالماسلىقىڭىز.
مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە ئويلىنىش ـــــ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتىن ئىبارەت قاپقاندىن قۇتۇلۇپ چىقىش
سىز ھازىر ئىجادچانلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئۆگىنشچانلىق ياكى باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش نۇقتىسىدىن ئۆزىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز ئۈستىدە ئىنچىكە ئويلىنىش ئېلىپ بېرىۋاتامسىز؟
سىز بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغىنىڭىزدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش يولىنى تاللامسىز ياكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۈچ ئامىل ئۈستىدە ئويلىنىپ باقامسىز؟
ئۆزىڭىز تەخمىن قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالغىنىڭىزدا، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالامسىز؟
باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىڭ دېگەندەك مۇھىم بولماي قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ پۇلى بارغا ئەسسالام، پۇلى يوققا ۋەسسالام دېگەنلىك ۋە ياكى تەقدرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن-يېڭى پۇرسەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدۇر. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتسەكلا، بۇ يېڭى پۇرسەتلەر ھامان بىزنىڭ بولىدۇ.
ماقالە ئاپتورى: Scott H Young
ماقالە تېمىسى: The Effort Delusion – Why Hard Work Isn’t Enough
تەرجىمە قىلغۇچى: ئايگۈزەل
تىرىشچانلىق ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ~ Live Topic
http://www.live-topic.com/2013/02/why-hard-work-isnt-enough.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tunji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 12:47 AM