مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1679|ئىنكاس: 16

مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:29:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  • تەس مەڭگۈ تېشىبۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ


    • تەس مەڭگۈ تېشى
    (بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)
    تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون ئوتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە «ئۇيغۇرلۇرۇم»نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م. شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.
    تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى
    • 1. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن)
    • 2. ..... يىلى .....
    • 3. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە، يەنى تەختكە كۆتۈرۈلدى)
    • 4. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە) ئۇيغۇر خانىم (ئەل) تۇتقاندا ..... توخۇ يىلى
    • 5. ...... ئەل ئەتمىش خانىم ئۆلۈپ، (ئۇنىڭ) جېنى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى، مېنىڭ يابغۇم قاغان بولدى.
    • 6. ..... (تەختكە) ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن (بىرى) تاردۇشلارغا يابغۇ، (يەنە بىرى) تۆلىسلەرگە شاد بولدى. خانىم ئەلنى باشقۇردى (ياكى خانىم ئەل تۇتمىش)
    • 7. ..... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) ....... ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختكە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى)
    • 8. ...... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى،
    • 9. (ئۇلارنىڭ خەلقى ؟) بۇزۇق باشلىقلىرىنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ باربات بولدى، بولمىغۇر كۈلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى.
    • 10. ..... بەدى بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆزئارا كۆپ جاڭجاللاشتى.
    • 11. ...... ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى.
    • 12. ....... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى.
    • 13. ..... ئىدى. قاغان ..... ئىككى (؟) ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۆد كەنچ قاغان بولدى.
    • 14. ...... ئۈچۈن ئوتتۇز ...... ئەلنى سورىدى. ئاندىن ۋاپات بولدى.
    • 15. .... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى.
    • 16. ..... ئۆز بەلگىسىنىڭ (شۆھرىتى) ئۈچۈن قاغانىم ئالدى تەرەپتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى خەلقلەرگە (يۈرۈش قىلدى ؟)
    • 17. ....... مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى، (ئەلگە) باشلىق قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
    • 18. ...... كۈل بەگ بىلگە قاغان ....
    • 19. .... ئۇ قارسا قورۇغدا تۇرۇپ قالدى، سېپىل سوقتۇردى، تەخت ياساتتى. (شۇ يەردە) يازلىدى.
    • 20. ...... شەرقتە ئەلسەردە (؟) تۇرۇپ قالدى. بەلگىسىنى، پۈتۈكىنى چەكتۈردى، ئورناتقۇزدى.
    • 21. ..... توققۇز بۇيرۇق .... ئۇيغۇرۇم، قاي .......
    • 22. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلغان)
    قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېسىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېسىن تاش پۈتۈكى بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارىخى_مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي خانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈخاقاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.

    "http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=تەس_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57543" دىن ئېرىشكەن







مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:30:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېرخىن مەڭگۈ تېشى
بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچەمەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ

تېرخىن مەڭگۈ تېشى

غەربىي يۈزى

1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى

2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە

3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ، 4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن . 5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! » 6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛ ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ

7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار

8. ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى

9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى شىمالىي يۈزى

10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى . 11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى . 12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق 13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق 14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە « بېرىڭلار » 15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .

شەرىقى يۈزى

16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى

17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز

18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا

19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە

20. ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم

21. ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى 22. ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)

23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە

24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.

جەنۇبىي يۈزى

25. ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى

26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .

27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)

28. كىردى . شۇ چاغدا ....... تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار ....... توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »

29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ) پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان

30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .

ئىزاھات: بۇ تاشنىڭ تىكىستىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان.


قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېرخىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېرخىن يېزىقى مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن1957_يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈركشۇناسى س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخى ئىنىستىتۇتى (ئۇلانباتۇر) دا ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م.شىنېخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم غ.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.يادىكارلىقلارنى ئوقۇش،تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (« سوۋېت تۈركولوگىيىسى »، 1980_يىل،3_سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى مۇڭغول ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنېخۇ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان . تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا «تاريات يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپىسسىيىسى س. كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى. س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىنكى بۆگۈ خاقان، 759—779) ئىدى.

"http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=تېرخىن_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57544" دىن ئېرىشكەن

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:31:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى
1. تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇﻫىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى ....
2. ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ﻫەسرەت چېكىپ ئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇﻫىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم .
3. ( 3 - 23 –) كول تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش
24. ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغى بارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ﻫەممىسىنى بويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ﻫەممىسى ماڭا قارىدى . ئون يەتتە يېشىمدا تاڭسۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا
25. ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا
26. يۈرۈش قىلدىم . چاچا جاڭجۈننىڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ﻫەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم . نەيزە
27. قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ﻫالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنى شىددەت بىلەن كەلدى .
28 . بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى . ئوتتۇز
29. بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ﻫالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى) يېشىمدا قارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇز ئۆز خەلقىم ئىدى . جاﻫان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ، ئىچىدە
30. غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەﻫرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلا دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدا ئۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى .
31. ...........................................

32. ئەﻫۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنى خان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ﻫۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەﻫۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم .
33. تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەن بولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار! ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم .
34. ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ﻫۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دېگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ.....
35. بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى مۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاﻫى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روﻫى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ...
36. جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇ يەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنى قىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ
37. ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم. قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دېگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقا چىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبەر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى ....
38. ...... تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى. مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى
39. ...... تاتار خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچى ئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ﻫال - ئەﻫۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى . شىڭ ئەنلىڭ تېغىدا ...
40. بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇق خەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش )
41. تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم. مۇﻫاپىزەتچىلەر باشلىغى ئىككى، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپ مەدﻫىيە ئوقۇدى . ( ؟ ) ... غا ئۇنۋان بەردىم . ئەمىلى كىچىكلەرنى
جەنۇب تەرەپ
1. تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى
2. ..... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈش قىلدىم ....
3. ..... مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى
4. بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم ....
5. بار ....
6. ئۇرۇش قىلدىم ......
7. ...... بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقى قىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر ....
8. قۇغ جياڭجۈن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ﻫۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ... تاتابى
9. يوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ جياڭجۈننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر ....
10. تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداق تىرىشىۋېرىپ ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى قازا تاپتى. توڭگۇز يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم. بۇقاق تۇتۇق
11. دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ جياڭجۈن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناﻫايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن (ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىن كەلتۈرۈپ ئۆز ....
12. مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى. قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى. ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىن ﻫىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ﻫەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى .
13. تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈرك بىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ﻫازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭ باشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر
14. ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلا پاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن باشچىلىقىدىكى ﻫەرقايسى بۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ﻫازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن ....
15. ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىن ماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋە يوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق .....
شىمال تەرەپ . ب
1 ~ 8 قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەن ئوخشاش
8. ئاتام
9. خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنى تەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم .
10. يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن .
11. كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتا تابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭ زېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش، مەشۈتلۈك يىپەك، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك، مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن .
12. كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك ....
13. ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن .
14. يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنى كەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ﻫەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاش ياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .
15. ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى .....
غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن . ش )
بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم ....
شەرقىي جەنۇب تەرەپ
كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ ....
غەرب تەرەپ ( ش )
1. تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام)
2. بىلگە خاقان ( قازا تاپتى ) (؟)
3. ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى)
4. دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى)
5. تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك
6. ﻫەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان
7.تېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم .
تۈگىدى

مەنبە: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق كىتاب ۋە «تۈركلەر تارىخى» ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى ، سېلىشتۇرۇلدى .
"http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=بىلگە_قاغان_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57556" دىن ئېرىشكەن

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:32:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى

جەنۇب تەرەپ ( ج ) ( ن )
1. مەنكى تەڭرىدەك، تەڭرىدىن تۆرەلگەن تۈرك بىلگى (دانىشمەن) خاقان بۇ ۋاقىتتا ( تەختتە) ئولتۇردۇم. سۆزۈمنى تۈگەل ئاڭلاڭلار : ئالدى بىلەن ئىنىلىرىم ۋە ئوغۇللىرىم ئاندىن قالسا ئۇرۇقلىرىم ۋە خەلقىم . ئوڭ تەرەپتىكى شاداپىت بەگلەر ، سول تەرەپتىكى تارقات. بۇ يورۇق بەگلەر ئوتتۇز ...
2. توققۇز ئوغۇز بەگلىرى ، خەلقلىرى ، سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى تۈگەل ئاڭلاڭلار : ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار . ئالدى تەرەپ (شەرق) تىن كۈن چىقىشقىچە ، ئوڭ ( جەنۇب) تەرەپتىن كۈن ئوتتۇرىسىغىچە ، ئارقا (غەرب) تەرەپتىن كۈن پېتىشقىچە ، سول ( شىمال) تەرەپتىن تۈن ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەقلەرنىڭ
3. ﻫەممىسى ماڭا قارايدۇ. مۇشۇنداق كۆپ خەلقنى مەن ئۇيۇشتۇردۇم ، ﻫازىر ئەندىشە يوق ، تۈرك خاقانى تۈنۈگۈن تاغدا ئولتۇرىۋەرسە ، ئەلدە جەبرى ، زۇلۇم بولمايدۇ . ئالدى تەرەپ ( شەرق) تىن شانتۇڭ تۈزلەڭلىگىگىچە ئۇرۇش قىلىپ باردىم . دېڭىز ( ساﻫىللىرى) غا يېتىپ بېرىشقا باردىم . ئوڭ ( جەنۇب) تىن توققۇز ئەرسەنگە ئۇرۇش قىلىپ باردىم . تىبەتكە يېتىپ بېرىشقا ئاز قالدىم . ئارقا تەرەپ (غەرب) تىن يىنچۇ دەرياسىدىن
4. كېچىپ ئۆتۈپ ، تومۇر قابلىققىچە ئۇرۇش قىلىپ باردىم . سول (شىمال) دىن بايىرقو زىمىنىگە ئۇرۇش قىلىپ باردىم (لېكىن) ئۆتۈكەن تاغقا يېتىشىدىغان جاي يوق ئىكەن . بۇ يەردە ئولتۇرۇپ خەلقىمنى تابغاچ خەلقى بىلەن
5. كېلىشتۈردۈم '
6. .....................
7. ........................
8. تۈرك خەلقى ، سىلەر قانائەتلىنىپ كەتتىڭلار . ئاچ - توق قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمىدىڭلار . شۇنداق قىلغانلىقىڭلار
9. ئۈچۈن ئۆزەڭلەرنى بېقىۋاتقان خاقانىڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماستىن ﻫەر تەرەپكە پېتىراپ كەتتىڭلار. (نەتىجىدە) ئۇ يەرلەردە ﻫالسىزلاندىڭلار، جېنىڭلاردىن ئايرىلدىڭلار، قالغانلىرىڭلار سەرگەردان بولۇپ قىيىن ئەﻫۋالدا قالدىڭلار. تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن ، خاقان بولدۇم . خاقان بولۇپ
10. يوقسۇل خەلقلەرنى يىغدىم ، يوقسۇللارنى باي قىلدىم ، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدە يالغانچىلىق بارمۇ ؟ تۈرك بەگلىرى، خەلقى سىلەر قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار ! مەن بۇ يەرگە تۈرك (خەلقنى) يىغىپ دۆلەت باشقۇرۇشتىكى ( ئىش-ئىزلىرىمنى) ئويدۇردۇم،
سىلەرنىڭ خاتا ئىش قىلىپ ئۆلۈشكە ئاز قالغانلىقىڭلارنىمۇ

11. بۇ يەرگە ئويدۇردۇم . بارلىق سۆزۈمنى بۇ ئابىدىگە ئويدۇردۇم ؛ بۇنىڭغا قاراپ ( بۇنى كۆرۈپ ) ﻫازىرقى تۈرك خەلقى ۋە بەگلىرى ، بىلىڭلاركى تەختكە قارايدىغان بەگلەر ، سىلەر (يەنە) خاتالىشامسىلەر ؟! مەن .... تابغاچ خاقاندىن نەققاشچى تەكلىپ قىلدىم (قەبرىنى) نەققاشلاتتىم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياقتۇرمىدى.
12. ئۇلار تابغاچ خاقاننىڭ ئوردا نەققەشچىلىرىنى ئەۋەتتى. مەن ئۇلارغا ﻫەيۋەتلىك بىنا سالدۇردۇم. ئىچى - تېشىغا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نەقىشلەرنى ئويدۇردۇم. ئابىدە ياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا ئويدۇردۇم . ( ئون ئوق ئەۋلادلىرى ) ۋە يات ئۇرۇق پۇقرالىرى بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر . ئابىدە
13. ئورناتتىم . (بۇ يەردە ئادەم كۆپ ئادەم ئۆتىدىغان) ئۆتكەل ئىدى . ئادەم كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇ ئۆتكەلگە ئابىدىنى تۇرغۇزدۇم . ( سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا) يازدۇردۇم . ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋالارسىلەر . ئۇ تاش .... مەن .... دىم . بۇ ئابىدىگە خەت يازغۇچە جيەن ئوغلۇ يوللۇق تېكىن
شەرق تەرەپ (د) (ش)
1. ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان يارىتىلغانمىش . ئىنسان بالىسى ئاتا - بوۋام بۇمىن خاقان ، ئىستەمى خاقان ئولتۇرغانمىش . ئۇلار تەختكە ئولتۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى تۈزۈمىنى تۇزۈپ بەرگەنمىش
2. (بۇ چاغدا) تۆت ئەتراپتىكىلەرنىڭ ﻫەممىسى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەن. ئەسكەر چىقىرىپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ﻫەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپتىمىش. ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپتىمىش، بېشى بارلىرىنى باش ئۇردۇرۇپتىمىش. تىزى بارلىرىنى تىزلاندۇرۇپتىمىش . ئۇلارنى شەرقتىن تا ھىنگان تاغلىرى ، غەربتىن تا تۆمۈر قايقىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇپتىمىش . ئىككىسى
3. ئارىسىدا ئىگىسىز قالغان كۆك تۈركلەرگە ﻫۆكۈمرانلىق قىلغانمىش . ئۇلار دانا خاقان ئىكەنمىش . باتۇر خاقان ئىكەنمىش . بۇيرۇقلىرىمۇ ئېﻬتىمال دانا بولسا كېرەك . باتۇر بولسا كېرەك . بەگلىرى ۋە خەلقى سادىق ئىكەنمىش . شۇڭا ئۇلار دۆلەتكە ئەنە شۇنداق ﻫۆكۈمرانلىق قىلغانمىش . ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنى تۈزۈملىرىنى ئورناتقانمىش . كېيىنچە
4. ئۇلار قازا تېپىپتىمىش . تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەر ، قايغۇ بىلدۈرگۈچىلەر كۈنچېقىشتىكى بۇ تىلى چوللۈك تابغاچلاردىن، تۈبۈتلەردىن، ئايالاردىن، بورۇملاردىن، قىرغىزلاردىن، ئۇچ قارلۇقلاردىن، ئوتتۇز تاتارلاردىن، قىشانلاردىن، تانابىلاردىن بولۇپ، شۇنچە كۆپ ئادەم كېلىپ ئۇلارغا قايغۇسىنى ئىپادىلەپتۇمىش. تەزىيە بىلدۈرىپتىمىش. ئۇلار ئەنە شۇنداق داڭلىق خاقانلاردىن بولغانمىش . ئاندىن
5. كېيىن ئىنىلىرى خاقان بوپتىمىش . ئوغۇللىرىمۇ خاقان بوپتىمىش . كېيىن ئىنىسى ئاكىسىنى دورىماپتىمىش . ئوغلى ئاتىسىنى دورىماپتىمىش . بىلىمسىز خاقان تەختتە ئولتۇرۇپتىمىش . بۇزۇق خاقان تەختتە ئولتۇرۇپتىمىش . بۇيرۇقلىرىمۇ ئېﻬتىمال بىلىمسىزلەردىن ، بۇزۇقلاردىن بولسا كېرەك.

6. بەگلىرى ، خەلقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ..... ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچمەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغاقچىلىق سېلىپ قويغانلىقى تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەﻫرۇم بولغانمىش .
7. خاقان دەپ نام ئالغان خاقاندىن ئايرىلىپقالغانمىش .... تۈرك بەگلەر تۈرك دېگەن نامدىن ۋاز كەچكەنمىش . تابغاچ پەرەس بەگلەر تابغاچ ناملىرىنى قوللىنىپ تابغاچ خاقانىغا
8. بېقىنغانمىش ، ئۇلار ئۈچۈن ئەللىك يىل كۈچ بەرگەنمىش . ئالدى تەرەپ كۈن چىقىشتىن تا بوكلى خاقان يۇرتىغا ، غەربتىن تومۇر قاپقىغىچە ئۇرۇش قىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ دۆلىتى ۋە ﻫاكىمىيىتىنى تابغاچ خاقانىغا ئېلىپ بەرگەنمىش
9. ...................
10. ..... ( لېكىن ) ئۈستىمىزدىكى تۈرك تەڭرىسى
11. (تۆۋەندىكى) تۈرك مۇقەددەس يەر - سۈيى مۇنداق دېگەنمىش : " تۈرك خەلقى يوقالمىغاي ئۇلار ئادەم بولغاي ! شۇنىڭ بىلەن ئىلتىرمىش خاقاننى ، ئانام ئىلبىلىگە خانىشنى ئاسمان قەرىگە ئېلىپ چىقىپ ئىگىز كۆتەرگەنمىش . ئاتام خاقان ئون يەتتە ئەر بىلەن
12. سىرتقا چىققانمىش . (ئۇلارنىڭ ) سىرتتا يۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەﻫەردىكىلەر تاغقا چىققانمىش ، تاغدىكىلەر تۆۋەنگە چۈشكەنمىش. (بۇلار) يىغىلىپ يەتمىش ئەر بولغانمىش. تەڭرى كۈچ-قۇۋۋەت نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتام خاقان ئەسكەرلىرى بۆرىدەك ئىمىش . ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى قويدەك ئىمىش ؛ شەرقتىن غەربكىچە جەڭ قىلىش (نەتىجىسىدە) يىغىلغان كىشى
13. يەتتە يۈز بولغانمىش، يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ( ئاتام خاقان ) ئاتا - بوۋامنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى بويىچە دۆلىتىدىن، خاقانىدىن ئايرىلغان خەلقلەرنى، دىدەككە ئايلانغان ، قۇل بولغان خەلقلەرنى تەشكىللىگەنمىش ۋە تەربىيلىگەنمىش. بۇ يەردە تۆلىس. تاردۇش خەلقلىرىنى تەشكىللىگەنمىش .

14. ﻫەمدە يابغۇ شاد ( ئۇنۋانىنى ) بەرگەنمىش . ئو تەرەپ (جەنۇب) تە تابغاچلار دۈشمىنى ئىكەن . سول تەرەپ ( شىمال) دا باز خاقانى ۋە توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن . قىرغىزلار ، قىشانلار ، تانابىلارنىڭ ﻫەممىسى دۈشمىنى ئىكەن. قىرغىزلار ، قورىغارلار ، ئوتتۇرا تاتارلار ، قىشانلار ، تانابىلارنىڭ ﻫەممىسى دۈشمىنى ئىكەن .ئاتام خاقان مۇنچە ( كۆپ) ...
15. ئۇ قىرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقارغانمىش . يىگىرمە قېتىم جەڭگە قاتناشقانمىش. تەڭرى ساقلىغانلىغى ئۈچۈن دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەﻫرۇم قىلغانمىش، خاقانلىرى بارلارنى خاقانلىرىدىن ئايرىغانمىش. دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرغانمىش، تىزى بارلىرىنى تىزلاندۇرغانمىش ، بېشى بارلىرىنى باش ئۇرغۇزغانمىش . ئاتام
16. خاقان ئەشۇنداق قىلىپ دۆلەت قۇرغان ۋە قانۇنىي - تۈزۈمنى ئورناتقاندىن كېيىن ، بۇ دۇنيادىن ئۆتكەنمىش . ئاتام خاقاننى خاتىرلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خاقانىنى بالبال قىلىپ تىكلىگەنمىش. قانۇنىي تۈزۈمگە ئاساسەن تاغام (ئۈستىدە ) خاقان بولۇپ ئولتۇردى . كىچىك دادام خان بولغاندىن كېيىن تۈرك خەلقىنى قايتىدىن تەشكىللىدى ۋە بېقىپ تەربىيلىدى . كەمبەغەللەرنى باي قىلدى ، ئازنى كۆپ قىلدى
17. كىچىك دادام خاقانلىقتا ئولتۇرغاندا مەن تاردۇش خەلقى ئۈستىدىكى شاد ئىدىم . مەن تاغام خاقان بىلەن بىللە ئالدى تەرەپ ( شەرقتىن) تا سېرىق دەريا ۋە شەنتۇڭ تۈزلەڭلىكىگىچە ئۇرۇش ئېلىپ باردۇق . ئارقا تەرەپ (غەرب) تىن تا تومۇر ( قاپقىغىچە ) ئۇرۇش قىلىپ باردۇق ﻫەمدە كوكسەن تېغىدىن ئېشىپ قىرغىزلار زىمىنىغىچە ئۇرۇش قىلىپ باردۇق
18. جەمىئى يىگىرمە بەش قېتىم ئەسكەر چىقاردۇق. ئون ئۈچ قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشتۇق. دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەﻫرۇم قىلدۇق. خاقانى بارلارنى خاقانىدىن ئايرىدۇق. تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق ، بېشى بارلارنى باش ئەگدۇردۇق . تۈركەش خاقان تۈركلەردىن ئىدى . ئۆز خەلقىمىز ئىدى. بىلىمسىز بولغانلىقى
19. ئۈچۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا خاتا ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاقانى ئۆلدى . بۇيرۇقلىرى ، بەگلىرىمۇ ئۆلدى . ئون ئوق خەلقى زۇلۇم چەكتى . ئاتا - بوۋام ﻫۆكۈمرانلىق قىلغان يەرلەرنى ئىگىسىز قالمىسۇن ئۈچۈن ، ئاز خەلقنى تەشكىللەپ
20. ئۇ ئەسلىدە بارسبەگ ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا خاقان دېگەن نامنى بەردۇق ﻫەمدە مەلىكە سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدۇق ؛ ئۆزى خاتالاشتى . خاقانى ئۆلدى . خەلقى دىدەك ۋە قۇلغا ئايلاندى . كوپلىگەن يەر- سۈيى زىمىنسىز قالمىسۇن ئۈچۈن ئاز سانلىق قىرغىز خەلقلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن باردۇق. ئۇرۇش قىلدۇق
21. شۇنداقلا (دۆلىتىنى) يەنە (ئۆزىگە) بەردۇق. شەرقتىن شىنئەنلىڭ تېغىدىن ئېشىپ، خەلقلەرنى ئولتۇراقلاشتۇردۇق. ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق. غەربتىن تا كەنگو- قۇرمانغىچە بېرىپ تۈرك خەلقىنى ئاشۇنداق ئولتۇراقلاشتۇردۇق. ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق. ئۇ چاغدا قۇللار قۇللۇق، دىدەكلەر دىدەكلىك بولدى. ئىنىسى ئاكىسىنى تونۇماس، ئوغلى ئاتىسىنى تونۇماس بولدى. (دۆلەتنىڭ چوڭلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ)
22. بىز تىرىشىپ قۇرغان دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمى ئەنە شۇنداق ئىدى. تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، ئاستىمىزدىكى يەر كۆمتۈرۈلۈپ كەتمىسە، دۆلىتىڭلارنى ۋە قانۇنىي تۈزۈمىڭلارنى كىم بىت - چىت قىلالايدۇ ؟ تۈرك خەلقى سىلەر ( خاتالىغىڭلارغا ) ئۆكۈنۈڭلار!
23. سىلەر باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزەڭلارنى بېقىۋاتقان دانا خاقانىڭلار ۋە ئەركىن، ياخشى دۆلىتىڭلار ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار. يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار (ئۇنداق بولمىسا) قوراللىقلار قاياقتىن كېلىپ (سىلەرنى) ﻫەيدىۋېتىدۇ؟ نەيزىلىكلەر قاياقتىن كېلىپ (سىلەرنى) سۈرگۈن قىلىۋېتىدۇ ؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تاشتىكى خەلقلەر، شەرقتە بارىدىغىنىڭلار
24. شەرقكە كەتتىڭلار، غەربكە بارىدىغىنىڭلار غەربكە كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇ جايلاردا بېرىشىڭلارنىڭ پايدىسى مۇنۇلار بولغان بولسا كېرەك. قېنىڭلار سۇدەك ئاقتى. سۆڭىكىڭلار تاغدەك دۈۋىلەندى . ئالىيجاناپ ئوغۇللىرىڭلار قۇل بولدى . پاك قىزلىرىڭلار دىدەكلەرگە ئايلاندى . بىلىمسىز بولغانلىغىڭلاردىن سىلەردە ئادالەت بولمىغانلىقتىن، تاغام خاقان ئالەمدىن ئۆتتى
25. دەسلەپتە قىرغىز خاقاننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم. تۈرك خەلقىنىڭ نام - ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاتامنى خاقان قىلغان. ئانامنى خانىش قىلغان تەڭرى (بىزگە) دۆلەتنى ئانا قىلغان تەڭرى، تۈرك خەلقىنىڭ نام - ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنى
26. خاقان قىلىپ ئولتۇرغۇزدى . مەن روناق تاپقان ... ئۈستىدە ئولتۇرمىدىم .(خەلقى) يىگىلى ئېشى يوق . كىيگىلى كىيىمى يوق يوقسۇل بىچارە خەلقىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردۇم. ئىنىم كول تېكىن بىلەن سۆزلەشتۇق. ئاتام، تاغام قولغا كەلتۈرگەن خەلقلەرنىڭ نام- ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
27. تۈرك خەلقى ئۈچۈن تۈنى خاتىرجەم ئۇخلىمىدىم. كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرمىدىم. ئىنىم كول تېكىن بىلەن ئىككى شاد بىلەن بىللە ئۆلە - تىرىلىشىمگە قارىماي تىرىشتىم . ئاشۇنداق تىرىشىپ يۈرۈپ بىرلەشكەن خەلقنى ئىناق قىلدىم . مەن خاقانلىققا ئولتۇرغان ۋاقتىمدا
28. ﻫەر تەرەپكە پېتىراپ كەتكەن خەلقلەر ئۆلەر- تىرىلىشىگە قارىماي، كىيىملىرىنىڭ يالاڭلىقىغا قارىماي قايتىپ كەلدى . خەلقلەرنى بېقىش ئۈچۈن شىمالدا ئوغۇزلار، شەرقتە قىشان تانابىلارغا قارشى تۇردۇم. چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئون ئىككى قېتم يۈرۈش قىلدىم . جەنۇبتا ئۇرۇشقا قاتناشتىم.
29. ئاندىن كېيىن تەڭرىگە رەﻫمەت . بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن ، تەلىيىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلقلەرگە جان كىرگۈزدۈم . يالاڭ خەلقلەرنى كىيىملىك قىلدىم ، يوقسۇللارنى بار قىلدىم . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم . ( ئۇلارنى ) كۈچلۈك دۆلىتى بار ، كۈچلۈك خاقانى بار (خەلقلەردىن ) ياخشىراق ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى
30. خەلقلەرنىڭ ﻫەممىسىنى بويسۇندۇردۇم. ئۇلارنى (بىز بىلەن) دۈشمەنلەشمەيدىغان قىلدىم . ئۇلارنىڭ ﻫەممىسى ماڭا قارىدى . ماڭا كۈچ بەردى . ئىنىم كول تېكىن قانۇنى تۈزۈمنى ئورنىتىشقا تىرىشىۋېتىپ ئۆزىچىلا قازا تاپتى. ئاتام خاقان دۇنيادىن ئۆتكەندە ئىنىم كول تېكىن يەتتە ياشتا ئىدى .
31. ئۇ ماﻫى سەنەمدەك ئانام خانىشنىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كول تېكىن بالاغەتكە يەتتى . ئۇ ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تاغام خاقان دۆلەت ۋە قانۇنىي تۈزۈمنى ئەنە شۇنداق قولغا كەلتۈردى . بىز ئالتە جۈپ ساغداققا يۈرۈش قىلدۇق .(ئۇلارنى ) خانىۋەيران قىلدۇق. تابغاچنىڭ ۋاڭ تۇتۇقى بەش تۈمەن ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى. ئۇرۇشتۇق .
32. كول تېكىن بابىر جەڭگە كىردى . تۇتۇقتىن قولىغا قورال ئالغان قېيىنئىنىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۇنى قوراللىرى بىلەن بىرگە خاقانغا تەقدىم قىلدى . ئۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتۇق . ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا جاڭجۈن بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . دەسلەپتە ئۇ ( كول تېكىننى ) تادىقتىن چورىنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بۇ ئات ئۇ يەردە
33. ئۆلدى . ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا يامتارنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى . ئۈچىنچى قېتىم يەڭسىن سىلىڭ بەكنىڭ ياساندۇقلۇق تورۇق ئىتىنى مېنىپ جەڭگە كىردى ، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى ، ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى پىلاشىغا يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى ، لېكىن ئۇ يۈز بىر تال ئوقنىمۇ تەككۈزمىدى
34. تۈرك بەگلىرى ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ﻫەممىڭلار بىلىسىلەر ، بىز بۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتۇق . ئاندىن كېيىن بىر بايىرقۇنىڭ ئۇلۇغ ئىركىنى (بىز بىلەن) دۈشمەنلەشتى. ئۇنى چېكىندۈرۈپ تۇرگى - يارغۇن كولىدە ئۇنى خانىۋەيران قىلدۇق . ئۇلۇغ ئەركىن ئازغىنە ئادىمى بىلەن قېچىپ كەتتى . كول تېكىن يىگىرمە ئالتە
35. ياش ۋاقتىدا قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلدۇق، نەيزە بوي قېلىنلىقتىكى قارنى بۆسۈپ كوڭمان تېغىدىن ئېشىپ قىرغىزلارنى بېسىۋالدۇق. بىز ئۇلارنىڭ خاقانى بىلەن سۇڭا تېغىدا ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنى
36. مىنىپ جەڭگە كىردى . بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۈردى . ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئەرگە ( نەيزە) سانچىدى . ئۇ جەڭ قىلىۋاتقاندا بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنىڭ يوتىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى . بىر قىرغىز خاقاننى ئۆلتۈردۇق . ئۇلارنىڭ ئېلىنى ئالدۇق . شۇ يىلى تۈركەشلەرگە جازا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بىز ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ
37. ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۈركەشلەرنى ئۇيقىدا بېسىۋالدۇق. تۈركەش خاقانى قوشۇنى بىلەن پالچۇدىن شىددەت بىلەن كەلدى . ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن باشىغۇنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . باشىغۇنىڭ بوز ....
38. ...... ئىككىسىنى ئۆزى ئەسىرگە ئالدى ئاندىن كېيىن يەنە (دۈشمەن بازىسىغا) ﻫۇجۇم قىلىپ كىرىپ تۈركەش خاقاننىڭ بۇيرۇقىنى ، ئازلارنىڭ تۇتۇقنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇۋالدى . ئۇ يەردە بىز ئۇلارنىڭ خاقانىنى ئۆلتۈردۇق . ئېلىنى ئالدۇق ، ئاددى تۈركەش پۇقرالىرىنىڭ ﻫەممىسى ( بىزگە ) بويسۇندى . بىز بۇ خەلقنى تاغارغا ( ؟ ) ئورۇنلاشتۇردۇق
39. بىز يەنە سوغدىلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن يىنچۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تار تومۇر ( قاپقىغىچە ) يۈرۈش قىلدۇق . ئاندىن كېيىن ئاددى تۈركەش خەلقى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولدى . كونگەرمىگە باردۇق . ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئاتلىرىمىز ئورۇق ، ئوزۇقى يوق ئىدى . بۇزۇق ئادەملەر .....
40. بىزگە ﻫۇجۇم قىلغانلار باتۇر ئەرلەر ئىدى. ئۇ چاغدا بىز كول تېكىنگە ئاز ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ چىقارغانلىقىمىزدىن ئۆكۈندۇق. ئۇ، چوڭ (بىر) ئۇرۇش قىپتىمىش، ئۇ قەﻫرىمان شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىرىپتىمىش . ئاددىي تۈركەش پۇقرالىرىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈپتىمىش ۋە ئەل قىپتىمىش . يەنە يۈرۈش قىلىپ
شىمال تەرەپ ( ب )
1. ...... بىلەن ( ﻫەمدە ) قوشۇن تۇتۇق بىلەن ئۇرۇش قىپتىمىش ، باتۇرلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئۆلتۈرۈپتىمىش . ئۆيى ۋە مال - مۈلكى پۈتۈنلەي كەلتۈرۈلدى . كول تېكىن يىگىرمە يەتتە يېشىدا ، قارلۇقلار ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولدى ۋە ( بىز بىلەن ) دۈشمەنلەشتى . بىز ئۇلار بىلەن تاماغ دېگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇق .
2. كول تېكىن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشلاردا ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى . ئۇ قەﻫرىمان شالچىلارنىڭ ئېتىنى مېنىپ جەڭگە كىردى . ئارقا- ئارقىدىن ئىككى ئادەمگە نەيزە سانجىدى . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۇق . ئۇلارنى قولغا چۈشۈردۇق . ئاز خەلقى دۈشمىنىمىز بولدى، (ئۇلار بىلەن ) قارا كۆلدە ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ چاغدا كول تېكىن ئوتتۇز بىر ياشتا ئىدى . ئۇ قەﻫرىمان شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مېنىپ
3. جەڭگە كىردى . ئەلتەبەرنى ئەسىرگە ئالدى . ئاز خەلقى ئاشۇنداق قىلىپ يوقىتىلدى . تاغام خاقاننىڭ دۆلىتى قالايمىقانلاشقان ، خەلقى ۋە ﻫۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندە بىز ئىزگىللار بىلەن ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن قەﻫرىمان شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ
4. جەڭگە كىردى .ئۇ ئات جەڭدە ئۆلدى . تىزگىنلار يوقىتىلدى . توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىدە ئۆز ئادىمىمىز ئىدى . جاﻫان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ( بىز بىلەن ) دۈشمەنلەشتى . بىر يىلدا بەش قېتىم ئۇرۇشتۇق . دەسلەپتە بىر توغىر شەﻫىرىدە ئۇرۇشتۇق.
5. كول تېكىن ئازمان ئاق (ئاتنى) مىنىپ جەڭگە كىردى . ئالتە ئادەمگە (نەيزە) سانجىدى . ئىككى قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا يەنە يەتتە ئادەمنى قىلىچلىدى . ئىككىنچى قېتىم قوشلاغاقتا ئەدىزلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن ئازلارنىڭ قوڭۇر ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بىر ئادەمگە نەيزە سانجىدى.
6. (قوغلاپ زەربە بەرگەن ؟ ) ( ئەگىلىپ يۈرۈش قىل ) غاندا توققۇز ئادەمنى چېپىپ تاشلىدى . ئەدىزلەر ئاشۇ يەردە يوقىتىلدى . ئۈچىنچى قېتىم بىز بولچېدا ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن ئازمان دېگەن ئاق ئاتنى مىنىپ جەڭگە كىردى . نەيزىلەشتى . قوشۇنى بىلەن نەيزىلەشتۇق . ئېلىنى ئالدۇق . تۆتىنچى قېتىم بىز چۇس دېگەن بۇلاقتا ئۇرۇش قىلدۇق . تۈرك
7. خەلقى تەۋرىنىپ قالدى ( ؟ ) ( ئەينەن تەرجىمىسى پۇتى قالايمىقانلاشتى ) ئەﻫۋال يامانلاشتى . كول تېكىن ئۇزاپ چىققان ( دۈشمەن ) قوشۇنىنى تارقىتىپ توڭرا تېكىن بازىرىدا توڭرا ئۇرۇغىنىڭ ئالباغۇنى ۋە ئون ئادەمنى قورشال ئۆلتۈردى . بەشىنچى قېتىم بىز ئەزگەنتى قادازدا ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن
8. ئازلارنىڭ قوڭۇر ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . ئىككى ئادەمگە ( نەيزە) سانچىدى . ﻫەمدە ئۇلارنى پاتقاققا پاتۇردى . ئۇ قوشۇن ئاشۇ يەردە يوقىتىلدى . بىز ئامغى قورغانىدا قىشلاپ يازدا ئوغۇزلارغا ئەسكەر چىقاردۇق .كول تېكىننى ئۆيگە قاراشقا قالدۇردۇق ( ؟ ) دۈشمىنىمىز ئوغۇزلار ئوردىغا ﻫۇجۇم قىلدى . كول تېكىن
9. ئۇگىسىز دېگەن ئاق (ئاتنى ) مىنىپ توققۇز ئادەمگە (نەيزە) سانچىدى . ئوردىنى قوغداپ قالدى . ( شۇنداق قىلمىغان بولسا ) ئانام خانىش ۋە ئۆگەي ئانىلىرىم ، ئاچىلىرىم ، كېلىنلىرىم ، مەلىكىلىرىمنىڭ تىرىكلىرى دىدەك بولاتتى . ئۆلگەنلىرىنىڭ جەسىدى بولسا خارابىلىقتا ، يولدا قالغان بولاتتى
10. كول تېكىن بولمىغان بولسا ﻫەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار . ئىنىم كول تېكىن قازا تاپتى . ئۆزەم ﻫەسرەت چەكتىم . كۆرەر كۆزۈم كۆرمەستەك بولدى . ئەقىل - ﻫۇشۇمدىن ئاداشقاندەك بولدۇم . ئۆزۈم ﻫەسرەت چەكتىم . ئادەمنىڭ ئۆمرىنى تەڭرى بەلگىلەيدۇ ، ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن
11. مەن ئىنتايىن ﻫەسرەت چەكتىم . كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم . كۆڭلۈم بۇزۇلسا ئۆزۈمنى باستىم . مەن چەكسىز ﻫەسرەتلەندىم . مەن شۇنداق ئويلىدىم . ئىككى شاد ۋە ئىنىلىرىم ، بالىلىرىم ، بەگلىرىم ، خەلقىم يىغلاپ كۆزى ( ئەينەن تەرجمىسى كوز ۋە يېشى ) نى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ . تەزىيە بىلدۈرۈش ، قايغۇسىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن
12. قىشان ، تاتابى خەلقلىرىگە ۋاكالىتەن ئودار ، جيا دېچۈن كەلدى .تابغاچ خاقانىدىن ئىسى نوشاڭ كەلدى . (ئۇ) نۇرغۇن گۆﻫەر ، ئالتۇن ، كۈمۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى . توبۇت خاقاندىن بولۇن كەلدى . غەربتىن ، كۈن پېتىش تەرەپتىكى سوغدى ، بەرچەكەر ، بۇ قاراق ئەللىرىدىكى خەلقلەردىن نوڭجياڭجۈن ۋە ئوغۇل تارقام كەلدى .
13. ئون ئوق ئوغلۇم تۈركەش خاقانىدىن ماقراچ تومىغىچى ۋە ئوغۇز بىلگە تامغىچى كەلدى . قىرغىز ئېلىدىن تاردۇش ئىنانچۇچۇر كەلدى . تاۋاپخانا ياسايدىغان ئۇستىلار ، نەقىش ئويىدىغان ئۇستىلار ، تاش مۇنارە ياسايدىغان ئۇستىلار كەلدى . تابغاچ خاقاننىڭ تارىخچىسى ( ؟ ) جياڭ جاڭچۇن كېلىپ تاۋاپخانا ياساش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى
شەرقى شىمال تەرەپ ( ش . د )
كول تېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتىدۇق . تاۋاپخانا ، نەققاش ، مۇنارە مايمۇن يىلى يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە كۈنى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى . كول تېكىن قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى . ئۇ .ئۇستىلارنى تۇيغۇن ئەلتەبەر كەلتۈردى.

شەرقى جەنۇب تەرەپ (ق . د )
بۇ خەتلەرنى كول تېكىننىڭ جيەن ئوغلى ، مەنكى يوللۇق تېكىن يازدىم . مەنكى يوللۇق تېكىن يىگىرمە كۈن ئولتۇرۇپ بۇ ئابىدىنى ۋە تىلدىكى ( خەتلەرنىڭ ) ﻫەممىسىنى يېزىپ چىقتىم . سىز ( خەلقىڭىزنى ) ئۆز بالىلىرىڭىز ۋە ئەۋلادلىرىڭىزدىن ئارتۇق كۆرەتتىڭىز . سىز قازا تاپتىڭىز . سىز ئاسماندا ... تىرىك ۋاقتىڭىزدىكىگە ئوخشاش

غەربى جەنۇب ( ن . ش )
.. كول تېكىننىڭ ئالتۇن ، كۈمۈش ، گۆﻫەر مال-مۈلكى( ۋە) تۆت مىڭ يىلقىسىغا قارىغۇچى ( ؟ ) ... بېگىم تېكىن ئاسمانغا ( چىقىدۇ ) ... ئابىدىگە يوللۇق تېكىن .
غەرب تەرەپ ( ش )
غەربتىكى سوغدىلار ئاسىيلىق قىلدى . ئىنىم كول تېكىن .... ئۈچۈن ( ئۇلار تىرىلىشكە قارىماي ؟ ) كۈچىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەنكى تۈرك بىلگە خاقان ئۆزەمنىڭ نوۋكىنتى ( ؟ ) كول تېكىننىڭ ( مازىرىغا ) قاراتتۇردۇم . مەن ئۇنىڭغا ئىسەنچو ئايايارغان تارقان دېگەن ئۇۋاننى بەردىم . كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ﻫۆرمەت قىلغۇزدۇم . تۈگىدى

[تەھرىر] پايدىلانغان مەنبەلەر

مەنبە : <<، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار >> ناملىق كىتاب . بۇ كىتاب 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان .
"http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=كۆلتېگىن_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57570" دىن ئېرىشكەن

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:35:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇجى مەڭگۈ تېشى

بۇ مەڭگۈ تاشنى 1900- يىلى فىنلاندىيە ئالىمى گ . ج . رامېىستېد سابىق موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇجى تۆپىلىكى ئەتراپىدىن بايقىغان. مەڭگۈ تاش تېكىستى 11 قۇر بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 840- يىلى) كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

سۇجى مەڭگۈ تېشىنىڭ يەشمىسى

1. مەن ياغلاقار خانى ئاتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە كەلدىم (ياكى " مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى ياغلاقار خان تۇرۇشلۇق جايغان كەلدىم " دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. )
2. مەن قىرغىزلارنىڭ ئوغلى بويلا قۇتلۇق يارخان.
3. مەن قۇتلۇق باغا تارخان ئۈگەنىڭ بۇيرۇقى )ۋەزىرى (
4. مېنىڭ شۆھرىتىم كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشقا تارالغان.
5. مەن بايدۇرمەن، مېنىڭ قوتانلىرىم ئون، يىلقىلىرىم سانسىز.
6. مېنىڭ يەتتە ئىنىم، ئۈچ ئوغلۇم، ئۇۈچ قىزىم بار، مەن ئوغۇللىرىمنى ئۆيلىدىم.
7. قىزلىرىمنى تويلۇق ئالماي ياتلىق قىلدىم. مەن مانى راھىپ كالانلىرىمغا (mar) يۈز ئەر چاكار ۋە ئۆي بەردىم.
8. مەن جىيەن ئوغلۇمنى ۋە نەۋرەمنى كۆردۈم. ھازىر مەن ئۆلدۈم.
9. مېنىڭ ئوغلۇم كىشىلەر (؟) تەرەپتە تۇرىدۇ، خۇددى مېنىڭ مانى راھىب كالانلىرىمغا ئوخشاش، ھۆرمەتكە سازاۋەر خان ! )تىرىشىپ) ئىش بېجىرىدۇ !
10. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم ............
11. مەن كۆرەلمىدىم ئوغلۇم
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ « ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى » ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: موغۇن شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق مەزكۇر يادىكارلىق فىنلاندىيە ئالىمى گ.رامستېد 1909-يىلى تېپىپ، ئۇنى "سېلىنگا تېشى" دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759--760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېساپلىنىدۇ. گ.رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س.مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلىن نەشر قىلىنغان « موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى » كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق « مويۇن چۇر يادىكارلىقى » دەپ بېرىلگەن. « مويۇن چۇر --» ئەلئەتمىش خاقاننىڭ تەختىكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە "مويان" شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى "جو" سۆزىنىڭ تۈركچە تەلەپبۇزى "چۇر" ئېنىقىراقى "چور" (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى "مويان" مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج.ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا «بايان چور» شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا «بايان چور» شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.

"http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=سۇجى_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57561" دىن ئېرىشكەن
تېمىنىڭ مەنبەسى: - http://ug.wikipedia.org/wiki/%D8 ... A%DB%90%D8%B4%D9%89
http://ug.wikipedia.org/wiki/%D8 ... A%DB%90%D8%B4%D9%89

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 12:37:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ



تەس مەڭگۈ تېشى
(بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)

تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون ئوتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە «ئۇيغۇرلۇرۇم»نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م. شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.

تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى

1. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن)
2. ..... يىلى .....
3. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە، يەنى تەختكە كۆتۈرۈلدى)
4. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە) ئۇيغۇر خانىم (ئەل) تۇتقاندا ..... توخۇ يىلى
5. ...... ئەل ئەتمىش خانىم ئۆلۈپ، (ئۇنىڭ) جېنى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى، مېنىڭ يابغۇم قاغان بولدى.
6. ..... (تەختكە) ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن (بىرى) تاردۇشلارغا يابغۇ، (يەنە بىرى) تۆلىسلەرگە شاد بولدى. خانىم ئەلنى باشقۇردى (ياكى خانىم ئەل تۇتمىش)
7. ..... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) ....... ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختكە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى)
8. ...... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى،
9. (ئۇلارنىڭ خەلقى ؟) بۇزۇق باشلىقلىرىنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ باربات بولدى، بولمىغۇر كۈلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى.
10. ..... بەدى بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆزئارا كۆپ جاڭجاللاشتى.
11. ...... ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى.
12. ....... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى.
13. ..... ئىدى. قاغان ..... ئىككى (؟) ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۆد كەنچ قاغان بولدى.
14. ...... ئۈچۈن ئوتتۇز ...... ئەلنى سورىدى. ئاندىن ۋاپات بولدى.
15. .... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى.
16. ..... ئۆز بەلگىسىنىڭ (شۆھرىتى) ئۈچۈن قاغانىم ئالدى تەرەپتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى خەلقلەرگە (يۈرۈش قىلدى ؟)
17. ....... مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى، (ئەلگە) باشلىق قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
18. ...... كۈل بەگ بىلگە قاغان ....
19. .... ئۇ قارسا قورۇغدا تۇرۇپ قالدى، سېپىل سوقتۇردى، تەخت ياساتتى. (شۇ يەردە) يازلىدى.
20. ...... شەرقتە ئەلسەردە (؟) تۇرۇپ قالدى. بەلگىسىنى، پۈتۈكىنى چەكتۈردى، ئورناتقۇزدى.
21. ..... توققۇز بۇيرۇق .... ئۇيغۇرۇم، قاي .......
22. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلغان)
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېسىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېسىن تاش پۈتۈكى بۇ يادىكارلىق 1976-يىلى س.كلياشتورنىي باشلىغان سوۋېت-موڭغۇل تارىخى_مەدەنىي ئېكسپېدىتسىيىسى نەتىجىسىدە تېسىيىن غول (غەربىي خانگاي) دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا (پەقەت تۆۋەنكى قىسمىلا) تېپىلغان. يېزىق تاشنىڭ تۆرت تەرىپىگە يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خېلى دەرىجىدە ئۇپرىغان. تېكسنىڭ ئىلمىي ئاساستىكى شەرھى ھەم ئوقۇلۇشى س.كلياشتورنىينىڭ ئىسمى بىلەن باغلىقتۇر. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېسىن تاش پۈتۈكى 762-يىلى ئۇيغۇر بۆگۈخاقاننىڭ تەخىتكە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئورنىتىلغان.

"http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=تەس_مەڭگۈ_تېشى&oldid=57543" دىن ئېرىشكەن
ئەسكەرتىش: - خەت نۇسخسى ئۇچۇق يوللانماي قالغانلىق سەۋەبىدىن قايتىدىن يوللاپ قويدۇم.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 11:05:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىپسىز ، يارايسىز . رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82071
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 01:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز .رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 01:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توغورلۇق ماتىريال تاپالماي يۈرۈتتىم ، بەك ياخشى بولدى .
كۆپ رەھمەت

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورە العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَەِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورە القلم

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1874
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 04:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويغۇدەك ماتىريالكەن ، مۇشۇنداق ماتىريال ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەك كەمچىل .






ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش