يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچ تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30 - يىللىرى ( مىلادى 1765 - يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا - ئۇكا رەخمەتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر .
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك; ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئىلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇچتىن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ . ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىكىدىكى مانجۇ ھۇكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر - ئايال ئاخىرى رەخمەتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئۇرمانلىقلاردا يۇشۇرۇن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى مايسىخان جىڭى ئېيتىلىشچە بۇقىتىمقى جەڭ ئۇچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال دۇشمەننىڭ قۇرشاۋىدا قىلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بىلىدۇ . كىيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەھرىمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مۇلجەر تىغىنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتتە قىز مەقبەرىسىنى ياساتقان ئىكەن .
1942 - يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بۇلۇپ تۇرغان لۇجى ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بۇلغان ) يازغان ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى - ئەتىقىلەر ۋە جۇڭگۇ - رۇسيە چىگرىسى تۇغرىسىدا ئىزاھات دىگەن ماقالىسىدە : يەتتە قىزىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرەنى بىر شەيىخ ساقلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشلىرى كىلىپ مال ئۇلتۇرۇپ نەزىر بېرىدۇ . ئاياللار دۇئا تىلاۋەت قىلىپ يىغا - زار قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسەر ئەتىقىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن .دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 - ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن .
يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا .
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نۇچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ - باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ . كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ .چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى - تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار .
مەنبە: سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-13 01:43 PM