مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1813|ئىنكاس: 8

ئالۋاستى قەلئەسىدىكى پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 01:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  ئېتىقاد بىلەن مەنپەئەت
                                                      تەۋپىق ھەكىم(مىسىر)
بىر زاھىت بىر توپ فېتىشىزىمچىلارنىڭ بىر تۈپ دەرەخقە چوقۇنىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ئاچچىقىغا پايلىماي،ئاي پالتىسىنى ئېلىپ بۇ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچى بوپتۇ. ئۇ دەرەخنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇرۇشىغا بىر ئالۋاستى ئۇنى توسۇۋېلىپ ۋارقىراپتۇ:
-ھەي،توختا!نېمىدەپ بۇ دەرەخنى كېسىسەن؟
-ئۇ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىۋاتىدۇ،-دەپتۇ زاھىت.
-سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ئۇلار ئالدانسا ئالدىنىۋەرمىسۇنمۇ؟
-ھەرگىز بولمايدۇ،مېنىڭ ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىم بار.
-سەن كىشىلەرنى ئىختىيارىغا قوي،ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلسۇن.
-ئۇلار ئالۋاستىنىڭ ئەپسۇنىنى ئاڭلاۋاتقان تۇرسا،قانداقمۇ ئىختىيارىغا قويغىلى بولسۇن؟!
-ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىسىكەن دېمەكچىمۇسەن؟
-ياق، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشى كېرەك.
-مەنلا بولىدىكەنمەن،بۇ دەرەخنى ھەرگىز كەستۈرمەيمەن!
-بۇ دەرەخنى كەسكىنىم كەسكەن.
شۇنداق قىلىپ،ئالۋاستى زاھىدنىڭ بوينىدىن،زاھىت ئالۋاستىنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ قاتتىق ئېلىشىپتۇ.
-نوچىلىقىمنى ئەمدى بىلگەنسەن؟-دەپتۇ زاھىت يەردە ياتقان ئالۋاستىغا.
-مېنى قويىۋەت،نېمە قىلغوڭ كەلسە شۇنى قىلغىن!-دەپتۇ ئالۋاستى.
زاھىت ئالۋاستىنى قويىۋېتىپتۇ.ئېلىشىپ ھالىدىن كەتكەن زاھىت دەرەخ كېسىشكە ماجالى يەتمەي،خىلۋەتتىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ،بىر كېچە ئارام ئاپتۇ.
ئەتىسى ئۇ يەنە ئاي پالتىسىنى كۆتۈرگىنىچە دەرەخ كەسكىلى مېڭىپتۇ.توساتتىن ھېلىقى ئالۋاستى يەنە پەيدا بوپتۇ.
-يەنە دەرەخ كەسكىلى كەلدىڭمۇ؟-دەپ ۋارقىراپتۇ ئۇ.
-بۇ دەرەخنى كەسكىنىم كەسكەن.
-بۈگۈنمۇ مېنى يېڭىۋالىمەن دەپ قالدىڭمۇ ؟
-سەن نوچىلىقىمنى بىلگەنگە قەدەر سەن بىلەن ئېلىشىشقا تەييارمەن.
-قېنى،نوچىلىقىڭنى بىر كۆرەي.
-ئالۋاستى زاھىتنىڭ بوينىدىن،زاھىت ئالۋاستىنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ،يەنە قاتتىق ئېلىشىپتۇ.بۇ دوراممۇ ئالۋاستى يېڭىلىپ قاپتۇ.
-يەنە دەيدىغىنىڭ بارمۇ؟-دەپتۇ زاھىت.
-مېنى قويىۋەت،نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلغىن!-دەپتۇ ئالۋاستى ئارانلا.
قاتتىق چارچاپ كەتكەن زاھىت ئالۋاستىنى يەنە قويۇۋېتىپتۇ-دە،تۇرالغۇسىغا قايتىپ بىر كېچە ئوبدان ئارام ئاپتۇ.تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن ئاي پالتىسىنى كۆتۈرۈپ يەنە دەرەخ كەسكىلى مېڭىپتۇ. بۇ قېتىممۇ ئالۋاستى ئۇنى توسۇۋاپتۇ:
-ھەي،سەن تېخىچە نىيىتىڭدىن يانمىدىڭمۇ؟
-ياق،مەن بۇ ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چوقۇم يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن.
-مەن سىنىڭ شۇنداق قىلىشىڭغا قاراپ تۇرارمەنمۇ؟
يەنە كۈچ سىنىشىپ باققۇڭ بولسا مەن تەييار جۇمۇ.
بۇ چاغدا ئالۋاستى،بۇ ئادەم بىلەن كۈچ سىناشسام يېڭەلىشىم تەس.چۈنكى،ھېچكىممۇ ئېتىقاد ۋە غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئادەمدەك كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولمايدۇ.قارىغاندا، بۇ ئادەمنىڭ يېڭىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ھىيلە-نەيرەڭ بولسا كېرەك،دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەررۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ يالغاندىن مۇنداق دەپتۇ:
-سېنىڭ دەرەخ كىسىشكە نېمىشقا شۇنچە قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟مەن سىنى ئويلاپ،ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ،شۇنداق قىلغان!ئەگەر سەن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ،بۇ دەرەخقە چوقۇنىدىغانلار سەندىن نەپرەتلىنىپ،ساڭا قارشى چىقىدۇ.ئۆزۈڭگە ئىش تېپىۋىلىپ نېمە قىلىسەن؟بولدى،دەرەخنى كەسمەيلا قوي،مەن ساڭا كۈندە ئىككى دىنار بېرەي،شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى كۈنلىرىڭنى ئارامخۇدا ئۆتكۈز.
-ئىككى دىنار؟
-شۇنداق،ھەر كۈنى ياستۇقۇڭنىڭ ئاستىدا ئىككى دىنار كۆرىسەن.
-بۇنىڭغا كىم كېپىل بولىدۇ؟-دەپتۇ زاھىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن.
-مەن كېپىل بولىمەن،قەسەم قىلاي.
-بولىدۇ،سېنى بىر سىناپ كۆرەي.
-گېپىم گەپ.
ئالۋاستى قولىنى زاھىتقا ئۇزىتىپ،قول بېرىشىپتۇ.ئاندى زاھىت ئۆيىگە قايتىپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ياستۇقى ئاستىدا ھەر كۈنى ئىككى دىنار پەيدا بوپت،بۇ ئىش ساق بىر ئاي داۋاملىشىپتۇ.بىر كۈنى ئەتىگىنى ئۇ قولىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا ئۇزاتسا،ئىككى دىنار يوق تۇرغۇدەك.ئەسلىدە ئالۋاستى ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانىكەن.دەرغەزەپكە كەلگەن زاھىت سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاي پالتىسىنى قولىغا ئاپتۇ-دە، دەرەخ كەسكىلى مېڭىپتۇ.يېرىم يولغا كەلگەندە ئالۋاستى يەنە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ ۋارقىراپتۇ.
-توختا، نەگە بارىسەن؟
-دەرەخ كەسكىلى،-دەپتۇ زاھىت.
-بايلىق مەنبەيىڭنى ئۈزۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟-دەپتۇ ئالۋاستى مەسخىرە ئارىلاش.
-ياق،بۇ بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ،يول كۆرسەتكۈچى ماياكنى ياندۇرۇش ئۈچۈن.
-سەن؟
-مېنى مازاق قىلۋاتامسەن؟
كەچۈرگىن،سېنىڭ ئىشلىرىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن.
-بۇ گەپنى سەن قىلدىڭ-ھە!ھۇ ئالدامچى،-زاھىت شۇنداق دېگىنىچە،ئالۋاستىغا ئېتىلىپ بېرىپ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ،قانلىق ئېلىشىش يەنە باشلىنىپتۇ.بىراق،بۇ قېتىم ئېلىشار-ئېلىشمايلا ئالۋاستى يېڭىۋاپتۇ.
-سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ نەگە كەتتى؟-دەپتۇ ئالۋاستى زاھىتنى مازاق قىلىپ.
يېڭلگەن زاھىت ئاچچىقىدا ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-ئېيتە،ئالۋاستى،سەن قانداق قىلىپ مېنى يېڭىۋالدىڭ؟
-ئېتىقادىڭنى دەپ دەرغەزەپكە كەلگەن چېغىڭدا،سەن مېنى يېڭىۋالىسەن؛ئۆز مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئاچچىققا پايلىماي قالغان چېغىڭدا،مەن سېنى يېڭىۋالىمەن.سەن ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىڭدا،مېنى يېڭىۋالىسەن؛شەخسىي پايدا-مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان چېغىڭدا،مەن سېنى يېڭىۋالىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالۋاستى.
تولىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنغا تولغان ھېكايىكەن،ئېتىقادنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلىكىنى ئۇنۇتمايلى  قېرىنداشلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lokmanhakim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 01:42 PM  


ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 03:55:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالغان يەردە ئىرادىسى ئاجىز ئادەمنى دىسكۇ ئويناشقا سالالايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 05:32 PM  


سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 05:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتىقادى يوق ئادمدىن ئىھتىيات قىلماق كىرەك .

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 07:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي پۇل ،  تەرەققىي قىلغانسېرى ساڭا بەكلا ئامراقلىقىمىز ئاشقىلى تۇردىغۇ ..

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5910
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 10:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
پۇل ، ئادەملەرنى نىمە كويغا سالمايدۇ دەيسىز ؟ ........

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 12:55:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنى دەپ ئىتىقاتتىن چىقىۋاتسا ئادەملەر

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 01:41:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىڭدا،مېنى يېڭىۋالىسەن؛شەخسىي پايدا-مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان چېغىڭدا،مەن سېنى يېڭىۋالىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالۋاستى.



ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93813
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 06:20:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل ھەي پۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64343
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4294
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1142 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنى دەپ ۋىجدانىمىزنى يۇقاتمايلى....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش