تەنھا (شېئىر)     
 
 
  
 
 
          قۇلاق سال سۆزۇمگە ئەي يىگىت ئوبدان، بېرەلمەسمەن كۆڭلۇمنى ساڭا ھېچقاچان. رازىمەن بىر ئۆمۇر تەنھا ئۆتۇشكە، يارىدۇر يالغۇزنىڭ خۇدا ھەرقاچان.            
ئەنە ئايمۇ يۈرۈيدىغۇ ھەركۈنى تەنھا ، سەيلەقىلىپ گۈمبىزى ئاسماننى تامان. مەن ئادەم ئەجىبا بولالماسمەنمۇ ئەنە شۇ مەشۇقسىز ئايچىلىك ھامان؟      
   
  دەيدىغۇ بەزىلەر ھايات گۈلىشىنى، تاپمىغاي سۆيگۈسىز ۋىسال ھىچقاچان . ۋەلىكىن كۆڭۈل ئۇ ئەمەس ئالمىدەك ، بىر چىشلەپ تاشلاپلا خارلايدىغان.        
 
  كەچۈرگىن ئەي يىگىت كەچۈرگىن مېنى، بولالماسمەن مەن مەڭگۈ ساڭا يار جانان . قەلبىمدە بار پەقەت بىر ئاللاھ سۆيگۈسى، ئۇنۇتقىن سەن مېنى بولغىن سەن ئامان.                 مەنبە: قەلىمىم ئەسكەرتىش :مەزكۈر ئەسەر ھوقۇقى پەقەت ئاپتورغىلا تەۋە ،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، 
  |